قازاقىستان ئۇيغۇر مەتبۇئاتلىرى زوردۇن سابىر تەۋەللۇتىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلىدى
2017.11.12
قازاقىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىقتىساد بىلەن تەمىنلىنىپ تارقىتىلىدىغان «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتى سەھىپىسىدە ئاتاقلىق ئۇيغۇر يازغۇچىسى زوردۇن سابىر تەۋەللۇتىنىڭ 80 يىللىقىغا بېغىشلانغان مەخسۇس ئۇزۇن بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى. قازاقىستاندا تونۇلغان ژۇرنالىست يادىكار سابىتوف تەرىپىدىن يېزىلغان مەزكۇر ماقالىدە بۇ يىل زوردۇن سابىرنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ ساق 80 يىللىقى ئىكەنلىكى ۋە بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى مەشھۇر نامايەندە زوردۇن سابىرنىڭ ھايات-پائالىيەتلىرى ۋە ئىجادىيەت مېۋىلىرىنى ئەسلەشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
يادىكار سابىتوف ماقالىسىدە زوردۇن سابىرنىڭ بارلىق ئىجادى مېۋىلىرىنى ئەسلەپ ئۆتۈپ، ئۇنىڭ «ئانا يۇرت» ترىلوگىيەسىگە ئۇنىڭ ئىجادىيىتىنىڭ ئەڭ يۈكسەك پەللىسى سۈپىتىدە باھا بەرگەن. ئۇنىڭ قاراشلىرىغا تايانغاندا، «ئانا يۇرت» نىڭ مۇۋەپپەقىيىتى 1944-1949-يىللاردىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب تارىخىنى ئەڭ تەسىرلىك ۋە رېئال تەسۋىرلەپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخى ئېڭىنى كۈچەيتىشتە ئىدى. يادىكار سابىتوف زوردۇن سابىرغا باھا بېرىپ، ئۇ:» ئۆزىنىڭ نادىر ئۆلمەس ئەسەرلىرى بىلەن خەلقىمىزگە زور مەنىۋى ئوزۇق ئاتا قىلدى. ئۇ مۇتەپەككۇر يازغۇچى سۈپىتىدە ئۆزىنىڭ ئاجايىپ ئۆتكۈر پىكىرلىرى ئارقىلىق ھەقىقەتنى يورۇتۇپ، قەلبىمىزنى مەنىۋى نۇر بىلەن يورۇتقان داڭلىق قەلەم ساھىبى» دەپ يازىدۇ. زوردۇن سابىر 1937-يىلى غۇلجىدا تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ «ئابرال شاماللىرى»، «ئىزدىنىش»، «ئانا يۇرت» قاتارلىق بىر يۈرۈش رومانلىرى ۋە كۆپلىگەن پوۋېست ھەم ھېكايىلىرى نەشر قىلىنغان. زوردۇن سابىر 1998-يىلى ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولغان ئىدى.
قازاقىستاندىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر قازاقىستاندا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەدەبىيات بىلەن قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىنى بىر گەۋدە نۇقتىسىدىن چۈشىنىش، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، ئۆمەر مۇھەممەدى، خىزمەت ئابدۇللىن، زىيا سەمەدى، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، زوردۇن سابىر ۋە باشقا چېگرانىڭ ئىككى تەرىپىدە ئۆتكەن ئۇيغۇر نامايەندىلىرىدىن ئورتاق پەخىرلىنىش ۋە ئۇلارنى دەرسلىكلەرگە كىرگۈزۈش پىكىرلىرى كۈچەيمەكتە ئىكەن.