ئۇيغۇر ئېلىدىن 2500 يىل بۇرۇنقى زوروئاستىر قەبرىستانلىقى تېپىلدى
2013.08.16
خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئارخېئولوگلار ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تاشقورغان ناھىيىسىدىن 2500 يىل بۇرۇنقى دەۋرگە ئائىت زوروئاستىر «ئاتەشپەرەسلىك» قەبرىستانلىقىنى تاپقان.
ئارخېئولوگلار كاربون - 14 تەجرىبىخانىسىدا تەكشۈرۈپ، 3050 مېتىر ئېگىزلىكتىن تېپىلغان مەزكۇر قەبرىستانلىقنىڭ بۇنىڭدىن 2500 يىل بۇرۇن ياسالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
زوروئاستىر دىنىي ئوتقا چوقۇنىدىغان قەدىمكى ئىران دىنىي بولسىمۇ، بىراق مەزكۇر دىنغا ئائىت قەدىمىي ئىزلار ئوتتۇرا ئاسىيادا كەڭ ئۇچرايدۇ.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خىتاي ئارخېئولوگلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، قەبرىستانلىقتىكى مۇنبەر نۇر چېچىپ تۇرغان كۈنگە ئوخشىتىلىپ ئاق ۋە قارا تاشتىن ياسالغان. قارا تاش زوروئاستىر دىنىدىكى قاراڭغۇلۇق ياكى يامانلىققا، ئاق تاش يورۇقلۇق ياكى ياخشىلىققا ۋەكىللىك قىلىدىكەن.
ئارخېئولوگلار يەنە، قەبرىستانلىقتىن دىئامېتىرى 30 سانتىمېتىرلىق ياغاچ ئىسرىقدان تاپقان.
ئارخېئولوگلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، قەبرىستانلىقنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنىڭدىن تېپىلغان بۇيۇملار زوروئاستىر دىنىنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىكەن.
قەبرىستانلىقتىن يەنە، مېسسوپاتامىيەدىن كەلگەن كەھرىۋا، يۇڭ توقۇلما، يىپەك كىيىملەر تېپىلغان. مەزكۇر بۇيۇملارنىڭ بىر قىسمى ئىراندىن كەلگەن، يەنە بىر قىسمى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ يەرلىك بۇيۇملىرى بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەدىمكى مېسسوپاتامىيە ۋە ئىران بىلەن بولغان قويۇق مەدەنىيەت ئالاقىسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىكەن.