زۇمرەت ئوبۇل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولۇپ تەيىنلەنگەن

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 18-يانۋار كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنىدا زۇمرەت ئوبۇل خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلەنگەن.

مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارغا قارىغاندا، زۇمرەت ئوبۇل 1965-يىل قەشقەردە تۇغۇلغان بولۇپ، ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ، قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى، قۇمۇل شەھىرىنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 2021-يىل 10-ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى بولۇپ، ئارقىدىنلا بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان. 2023-يىل 1-ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلەنگەندىن كېيىنمۇ پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى ۋە بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولۇپ تۇرۇۋەرگەن.

زۇمرەت ئوبۇل خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى يېڭىچە ئۇسۇللار بىلەن داۋام قىلىۋاتقان 2021-يىل ئۆستۈرۈلگەن بولۇپ، 2022-يىل 8-ئايدا مۇسۇلمان ئەللەرنىڭ خىتايدىكى ئەلچىخانىسى ۋەكىللىرىنى ئۈرۈمچىدە كۈتۈۋېلىشقا قاتناشقان.

2022-يىل 7-ئايدا ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت تەتقىقات ئىنستىتۇتى ئېلان قىلغان بىر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، پارتكوم بىرلىكسەپ بۆلۈمى خىتاينىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يات كۈچلەرنى يېنىغا تارتىدىغان ۋە چەت ئەللەردە مىللەتچى خىتاي سىڭدۈرمىچىلىكى ئېلىپ بارىدىغان ئورگىنى بولۇپ، بۇ ئورگاننىڭ چەت ئەللەرگە سوزۇلغان قارا قولى ئارقىلىق، چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلار توپىنى پارچىلاش ۋە ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىدىكەن. بۇنىڭدىن قارىغاندا، زۇمرەت ئوبۇلنىڭ بۇ ئورۇندا داۋاملىق ھوقۇق تۇتۇشى ئەجەبلىنەرلىك بولمىسا كېرەك.