«51 چىلەر» نىڭ ئۇيغۇرىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش تەلىپىنىڭ ئارقىسىدىكى سەيپىدىن ئەزىز لايىھەسىنىڭ بەربات بولۇشى
2019.10.10
1944-1949-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىغا قاتناشقان غۇلجىدىكى «51 زىيالىي» نىڭ 1951-يىلى، 4-مارت كۈنى ئاچقان ئۇيغۇرىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش مەسىلىسى ھەققىدىكى يىغىنىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى تاسادىپىي ئەمەس ئىدى.
1949-يىلى، 12-ئايغىچە خىتاي كومپارتىيەسى 1944-يىلى، 12-نويابىر كۈنى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنى تولۇق ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭ يېشىل دۆلەت بايرىقىنى بىكار قىلىپ، مىللىي ئارمىيەسىنى ئۆزگەرتىپ بولغاندىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ سىياسىي ھوقۇق سالاھىيىتى قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرغان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب قاتناشقۇچىلىرى، رەھبىرىي كادىرلار ۋە مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرلىرى ئارىسىدا ھەر خىل قاراشلار ئىزچىل داۋاملاشتى. گەرچە، خىتاي كومپارتىيەسى ھۆكۈمىتى خىتايدا مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنى يولغا قويىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ھەم ئۇنى ئۆزىنىڭ «ئورتاق پروگراممىسى» غا كىرگۈزگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب قاتناشقۇچىلىرى، زىيالىيلار ئارىسىدا خىتاي كومپارتىيەسى ئۆزىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان تەكىتلەپ كەلگەن مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلەش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىش ھەم فېدېراتسىيەلىك سىستېما قۇرۇش شوئارى بويىچە مىللەتلەرگە سوۋېت ئىتتىپاقى مودېلى بويىچە ئىتتىپاقداش ياكى ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت ھوقۇقى بېرىشى كېرەك دەپ قارايدىغانلارمۇ بار ئىدى. سەيپىدىن ئەزىز ئۆزىنىڭ نەشر قىلىنمىغان «ئۆمۈر داستانى» نىڭ 3-تومىدا 1950-1951-يىللىرى دەل بۇ مەسىلىدە، يەنى مىللىي ئاپتونومىيە مەسىلىسى ھەققىدە مۇزاكىرىلەر ۋە مۇنازىرىلەر بولغانلىقى، ئۆزى ۋە باشقىلارنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئاشۇ بۇرۇنقى شوئارلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، فېدېراتسىيە سىياسىتى مىللىي ئاپتونومىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى، ئەمما بۇنىڭغا دېڭ لىچۈن قاتارلىقلارنىڭ قارشى چىقىپ، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ئىلگىرىكى بۇ سىياسىي تەشەببۇسىنىڭ ئەمەلدىن قالغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ، شىنجاڭدا ئىتتىپاقداش، ياكى ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت قۇرۇش پىكىرىگە قاتتىق قارشى چىققانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.
خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ غەربىي شىمال بيۇروسى 1951-يىلىنىڭ باشلىرىدا «شىنجاڭدا مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە» نى يولغا قويۇش ھەققىدىكى پىكىر-تەكلىپلەرنى تەييارلاش دوكلاتى تەلەپ قىلغان بولۇپ، بۇ ئەنە شۇ جۇمھۇرىيەتلىك ئاپتونومىيە، يەنى ئۇيغۇرىستان جۇمھۇرىيىتى تەلىپىنىڭ رەسمىي شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە سۇنۇلۇشىغا ئاساس بولغانىدى.
1947-1949-يىلى غۇلجىدىكى «ئىنقىلابىي شەرقىي تۈركىستان» گېزىتى ۋە 1950-1954-يىللىرى «ئىلى گېزىتى» ئىشلىگەن، ھازىر ئالمۇتا ياشاۋاتقان 92 ياشلىق تارىخىي شاھىت مۇنىر يېرزىن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ «51 چىلەر يىغىنى» دەپ ئاتالغان يىغىننىڭ مەزمۇنىدىن ئەينى ۋاقىتتا خەۋەردار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «ئۇيغۇرىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش» قا ئوخشاش تەلەپلىرى شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىغا قاتناشقانلارنىڭ ئورتاق تەلىپى ئىدى.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، چۈنكى، بىر قىسىم زىيالىيلار ۋە رەھبىرىي كادىرلار خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىلگىرى فېدېراتسىيە تۈزۈمى يولغا قويىدىغانلىقى، مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلەش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى ئىزچىل جاكارلاپ كەلگەنلىكىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن شىنجاڭغا سوۋېت ئىتتىپاقىدىكىگە ئوخشاش جۇمھۇرىيەتلىك ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىلىشى كېرەك، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە ھوقۇقى تۆۋەن دەرىجىلىك ھوقۇقتۇر دەپ قارايتتى.
ئامېرىكادىكى ۋودروۋ ۋىلسون مەركىزى ئېلان قىلغان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1957-1958-يىللىرىدىكى ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىلغان يەرلىك مىللەتچىلىككە زەربە بېرىش ھەرىكىتىگە ئائىت ئارخىپ ھۆججەتلىرى ئىچىدىكى ئابدۇللا زاكىروفنىڭ 1958-يىلى 21-ئىيۇن كۈنى غۇلجىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى كونسۇلى يې. ئى مالۇنوف بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىگە ئائىت مەخپىي دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مىللىي ئاپتونومىيە سىياسىتى بويىچە مىللىي رايونلارغا مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىش تۈزۈمى يولغا قويۇش قارارىغا شىنجاڭدىكى مىللىي رەھبىرىي كادىرلار قوشۇلمىغان بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇرۇنقى كۆز قاراشلىرىدا، يەنى شىنجاڭدا ئۇيغۇر جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش كۆز قارىشىدا چىڭ تۇرغان.
مەزكۇر سوۋېت مەخپىي ئارخىپىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، سەيپىدىن ئەزىز ئۆزىمۇ مىللىي ئاپتونومىيە مەسىلىسىگە ئائىت بىر لايىھە تەييارلىغان بولۇپ، مەزكۇر لايىھەدە شىنجاڭدا ئۇيغۇرىستان قۇرۇش كۆرسىتىلگەن. سەيدۇللا سەيپۇللايېف سەيپىدىن ئەزىزنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، غۇلجىدا 51 زىيالىي قاتناشقان، مەزكۇر لايىھەنى مۇزاكىرە قىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغان. سەيپىدىن ئەزىز يەنە 5-كورپۇسنىڭ راتسىيەسى ئارقىلىق قەشقەردىكى 13-دېۋىزىيە كوماندىرى مۇھەممەدىمىن ئىمىنوفنىڭ قەشقەردىمۇ شۇنداق يىغىن ئېچىشىغا تەكلىپ بەرگەن. دېمەك، قەشقەردىمۇ بۇ خىل مەزمۇندىكى يىغىن ئېچىلغان بولۇپ، خۇددى 1951-يىلى، 3-ئاينىڭ 4-كۈنى غۇلجىدا چاقىرىلغان 51 زىيالىينىڭ ئۇيغۇرىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش تەلەپ لاھىيەسىگە ئوخشاش پىكىر قەشقەردىمۇ ئوتتۇرىغا چىققان. بۇنداق پىكىر ئۈرۈمچىدىمۇ بولغانلىقى قەيت قىلىنىدۇ.
غۇلجىدىكى يىغىنغا سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبىرىي كادىرلىرىدىن سەيپۇللايېف، قەيۇمبەگ غوجا، ئوسمان زىيام، ياسىن خۇدابەردى، ھەتتا مىللىي ئارمىيە، يەنى 5-كورپۇس كوماندىرى فاتىي لېسكىن ۋە باشقا 51 ئادەم قاتناشقانىدى.
غۇلجىدا ئېچىلغان مەزكۇر «51 چىلەر» مەجلىسىنىڭ ئەھۋالى ۋە ئۇيغۇرىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش ھەققىدىكى قارارى ۋاڭ جىن قاتارلىق خىتاي كوممۇنىست رەھبەرلىرىگە ۋە مەركەزگە مەلۇم بولغاندىن كېيىن، ئۇلار ناھايىتى غەزەپلىنىپ، 1951-يىلى، 13-19-ئاپرېل كۈنلىرى خىتاي كومپارتىيەسى شىنجاڭ شۆبە بيۇروسى ئۈرۈمچىدە مىللىي سىياسىي جەھەتتىكى ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان كېڭەيتىلگەن يىغىن چاقىردى. بۇ يىغىنغا 225 نەپەر كادىر قاتناشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇنىڭ 120 نەپىرى ئاز سانلىق مىللەت، يەنى خىتاي ئەمەس مىللەت كادىرلىرى ئىدى.
يىغىندا خىتاي كومپارتىيەسى شىنجاڭ شۆبە بيۇروسىنىڭ سېكرېتارى ۋاڭ جىن قاتارلىقلار «51 چىلەر» نىڭ ئۇيغۇرىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش تەلىپىنى «خاتا» دەپ قاتتىق ئەيىبلىدى. يىغىنغا قاتناشقان موڭغۇل ۋەكىلى گېرشانىڭ «تارىخنىڭ ساداسى» ناملىق ئەسلىمىسىدە قەيت قىلىنىشىچە، ھەتتا ۋاڭ جىن «51 چىلەر» يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغان سەيدۇللا سەيپۇللايېفنى مەزكۇر كېڭەيتىلگەن يىغىندا ئەڭ قوپال سۆزلەر بىلەن ئەيىبلىگەن، شۇنىڭدەك «51 چىلەر» يىغىنىغا قاتناشقان 5-كورپۇس، يەنى مىللىي ئارمىيە قوماندانى فاتىي لېسكىننىمۇ ھاياتىغا تەھدىت سالىدىغان سۆزلەر بىلەن سۆككەن. گەرچە، يىغىندا ئۇيغۇرىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش تەلىپى قاتتىق ئەيىبلەنگەن ۋە خاتا قاراش دەپ بېكىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەينى ۋاقىتتا بۇ پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغان ھېچكىم قاتتىق جازالانمىدى. ئەكسىچە، ئۇلارنى قەدەممۇ-قەدەم جازالاش ئۇسسۇلى قوللىنىلدى.
قازاقىستاندىكى تارىخچى، «ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدىن ھازىرغىچە مىللىي سىياسىي تارىخى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى قەھرىمان غوجامبەردى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇ تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىلارغا قارىتا ئەينى ۋاقىتتا قاتتىق باستۇرۇش ئېلىپ بارماسلىقىدىكى سەۋەب ھەققىدە توختىلىپ، بۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتا خىتاينىڭ تېخى ئۇيغۇر دىيارىدا مۇقىم ۋەزىيەت يارىتىپ بولالمىغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ۋاقىتتا مىللىي ئارمىيە 5-كورپۇس نامىدا تېخى مەۋجۇت بولۇپ، خىتايلار تېخى ئۇيغۇر دىيارىنى قاپلاپ بولالمىغان، خىتايلارنىڭ نوپۇسى 6% ئەتراپىدا ئىدى. قاتتىق باستۇرۇش ئېلىپ بارسا بەلكى زور قارشىلىقلار ۋە مىللىي ئارمىيەنىڭ قوزغىلاڭلىرى كېلىپ چىقىشى مۇمكىن ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئاخىرى، فېدېراتسىيە تۈزۈم شوئارلىرىنى ئۈزۈل-كېسىل بىكار قىلىپ، 1955-يىلى، 10-ئايدا ئۇيغۇرلارغا ئۇيغۇرىستان جۇمھۇرىيىتىمۇ ئەمەس، ياكى ئۇيغۇرىستان ئاپتونوم ھۆكۈمىتىمۇ ئەمەس، بەلكى «شىنجاڭ» سۆزىنى باش ئورۇنغا قويغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» نامىدىكى ئۆلكە دەرىجىلىك ئاپتونومىيە ھوقۇقى بەردى. سەيپىدىن ئەزىز شۇ ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى بولدى. شۇنداق قىلىپ، خىتاي ئىلگىرى-كېيىن ئۇيغۇر، موڭغۇل، تۇڭگان تىبەت، جۇئاڭ قاتارلىق 5 مىللەتكە ئاپتونوم رايون نامى بىلەن ئاپتونومىيە ھوقۇقى بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى.
قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ قارىشىچە، ئاپتونوم رايون ناھايىتى تۆۋەن دەرىجىلىك بىر ھوقۇق بولۇپ، ئۆزلىرىنى ماركسىزمچى، لېنىنىزىمچى دەپ ئاتىۋالغان خىتاي كومپارتىيەسى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ، يەنى لېنىن، ستالىنلارنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئاپتونومىيە پرىنسىپلىرىنى قوللانماستىن، بەلكى سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئاپتونومىيەلىك ھوقۇق تۈزۈمىدىكى نوپۇسى ئەڭ ئاز مىللەتلەرگە بېرىلىدىغان دەرىجىسى ئەڭ تۆۋەن بىر خىل ھوقۇقنى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە يۈرگۈزدى.
ئەمما، سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇشقا ۋە رەھبەرلىك قىلىشقا قاتناشقان رەھبىرىي كادىرلار، زىيالىيلارنىڭ جۇمھۇرىيەت ئارزۇسى ھېچقاچان توختاپ قالمىدى. شۇنىڭدەك خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇلارنى قاتتىق جازالىشىمۇ ئاخىرى 1957-1959-يىللىرى «يەرلىك مىللەتچىلىككە زەربە بېرىش ھەرىكىتى» ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.
سەيپىدىن ئەزىز ئۆز ئەسلىمىسىنىڭ 3-تومىدا بايان قىلىشىچە، 1957-1959-يىللىرى ئېلىپ بېرىلغان «يەرلىك مىللەتچىلىككە زەربە بېرىش ھەرىكىتى» ئەنە شۇ 1951-يىلىدىكى «51 چىلەر» گە زەربە بېرىشتىن باشلانغان، يەنى مەزكۇر ھەرىكەتنىڭ نىشانى ئۇيغۇرىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش، شەرقىي تۈركىستان قۇرۇش ۋە ياكى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت ھوقۇقى تەلەپ قىلغانلارنى بىر تەرەپ قىلىشتىن ئىبارەت ئىدى.
1957-1959-يىللىرى ئېلىپ بېرىلغان «يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى تۇرۇش» كۈرىشىدە «51 چىلەر» يىغىنىغا قاتناشقانلارنىڭ كۆپى، جۈملىدىن سابىق شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرىي كادىرلىرىدىن ئابدۇرېھىم ئەيسا، ئىبراھىم تۇردى، زىيا سەمەدى، ئابدۇرېھىم سەئىدى ۋە باشقىلار، «ئۇيغۇرىستان جۇمھۇرىيىتى»، «شەرقىي تۈركىستان» قۇرۇش ئىدىيەسىگە ئىگە دەپ ئاتىلىپ «يەرلىك مىللەتچى» سۈپىتىدە قاتتىق جازالاندى. شۇ قېتىمدا يەنە سەيدۇللا سەيپۇللايېف، ئەسھەت ئىسھاقوف، تۇرسۇن ئىسرائىل، مۇھەممەدىمىن ئىمىنوف ۋە باشقا رەھبىرىي كادىرلارمۇ تەنقىد ئاستىغا ئېلىندى. پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارى بويىچە 1600 دىن ئارتۇق كىشىگە «يەرلىك مىللەتچى» قالپىقى كىيدۈرۈلۈپ جازالاندى. سابىق شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ بىر قىسمى ۋە «51 چىلەر» نىڭ بىر قىسمى 1955-1962-يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقىغا كېتىپ شۇ يەردە ياشىدى، بىر قىسمى ئاتالمىش مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا ئۆلدى ۋە ئازابلارنى چەكتى.