ئابدۇلھەي روزى: شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئەدەبىياتىنىڭ ئۇنتۇلماس ۋەكىلى (1)

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار تەييارلىدى
2023.10.19
abdulley-rozi.jpg ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى ئابدۇلھەي روزى ئەپەندى. 1970-يىللار، ئالمۇتا.
RFA/Ümidwar

يېقىندا قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى بىلەن قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك بىرلەشمىسى ۋە ئالمۇتا شەھەرلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئالمۇتا شەھىرىدە 20-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى ئابدۇلھەي روزىنىڭ 100 يىللىق تەۋەللۇدىغا بېغىشلانغان خاتىرە كەچلىكى ئۆتكۈزۈلدى. مەزكۇر مۇراسىمدا سۆزگە چىققان بىر قىسىم پېشقەدەم ئەدىبلەر، زىيالىيلار ئابدۇلھەي روزىنىڭ ئىجادىي ھايات مۇساپىلىرى ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئەسلەپ ئۆتۈش بىلەن شائىرغا بولغان يۈكسەك ھۆرمىتىنى ئىپادىلەشتى. ئابدۇلھەي روزى ۋاپات بولغىنىغىمۇ 39 يىل توشقان بولۇپ، نۇرغۇن يېڭى ئەۋلادلار ھەتتا يېڭى ئەۋلاد ئۇيغۇر ئەدىبلىرى ئۈچۈن ئابدۇلھەي روزىنىڭ كىم بولغانلىقى ۋە ئىجادىي ھايات مۇساپىلىرى ناتونۇش بولۇشى تەبىئىي. ئەنە شۇ نۇقتىدىن بۇ قېتىم ئالمۇتادا ئۇنىڭ شېئىرىي تاللانما ئەسەرلىرى قايتا نەشر قىلىنىپ ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈلۈش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ ئىجادىي ھاياتى ھەققىدىكى ھەر خىل مەلۇماتلار مەتبۇئاتلار ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق كەڭ تارقىتىلىپ، نامى ئاساسەن ئۇنتۇلۇپ كېتىلگەن مەزكۇر شائىر كىشىلەر قەلبىدىن قايتىدىن ئورۇن ئالدى.

«ئابدۇلھەي روزى ھاياتىنىڭ ئەڭ ئەھمىيەتلىك بىر تەرىپى ئۇنىڭ 1940-يىللاردا ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى يۇلتۇزلاردىن لۇتپۇللا مۇتەللىپ قاتارلىقلار بىلەن ساۋاقداش بولۇشى ھەم ئۇلار بىلەن بىر قاتاردا ئەدەبىيات سېپىگە كىرىشىدۇر» دەيدۇ ئاتاقلىق پېشقەدەم شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف.

ئابدۇلھەي روزى خۇددى 20-ئەسىر ئەدەبىياتىدىكى نامايەندىلەردىن لۇتپۇللا مۇتەللىپ، زىيا سەمەدى، زۇنۇن قادىرى ۋە باشقىلارغا ئوخشاشلا قازاقىستاننىڭ يەتتەسۇ رايونىدىكى ئۇيغۇر يېزىلىرىنىڭ بىرىدە تۇغۇلۇپ، 1931-1932-يىلى ئارىسىدا سوۋېت قازاقىستاندا يۈز بەرگەن قاتتىق ئاچارچىلىق ۋە سىياسىي تەقىبلەشلەردىن قاچقان مىڭلىغان قازاق، ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەر قاتارىدا ئاتا-ئانىسى بىلەن ئىلىغا قېچىپ كېلىپ يەرلەشكەنىدى. ئابدۇلھەي روزىنىڭ بېلگىيەدە ياشايدىغان 74 ياشلىق قىزى گۈلبوستان خانىم دادىسى ھەققىدە توختالدى.

ئابدۇلھەي روزى 1923-يىلى 10-نويابىردا يەتتەسۇدىكى كەتمەن يېزىسىدا تۇغۇلغان، باشلانغۇچ مەكتەپنى كەتمەندە ئوقۇغان، غۇلجاغا بارغاندىن كېيىن رۇس گىمنازىيەسىدە ئوقۇغان.

ئابدۇلھەي روزى 1943-يىللار ئارىسىدا شىنجاڭ ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن غۇلجادا ئوقۇتقۇچىلىق ۋە باشقا خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان، ئەمما 1944-يىلى 11-ئايدا شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى پارتلىغاندا ئىنقىلابقا ئاكتىپ قاتناشقان. ئۇ، ئەنە شۇ 1944-1949-يىللىرى ئارىسىدا قولىغا قەلەم ئېلىپ مۇستەقىللىقنى ۋە ئازادلىقنى كۈيلەيدىغان نۇرغۇن شېئىرلارنى يازغان بولۇپ، ئۇنىڭ شېئىرلىرى «كۈرەش» ژۇرنىلى ۋە «ئازاد شەرقىي تۈركىستان»، كېيىنكى «ئىنقىلابىي شەرقىي تۈركىستان» گېزىتلىرىدە توختىماي ئېلان قىلىنىپ تۇرغان.

مانا شۇ 1944-1949-يىلى شائىر ئىجادىي ھاياتىنىڭ بىر دەۋرىنى تەشكىل قىلغان بولۇپ، ئۇ بىردىنلا شۇ مەزگىلىدىكى پېشقەدەم، ئوتتۇرا ياش ۋە ياش ئەدىبلەر-زۇنۇن قادىرى، ئەنۋەر ناسىرى، داۋۇت تۇراخمەتوف، نۇر بوساقوف، تۇرسۇن قاھارى، كېۋىر نىيازى، ئەلقەم ئەختەم، زىيا سەمەدى، خېلىل ھەمراھ، تېيىپجان ئېلىيوف ۋە باشقىلار بىلەن بىر قاتاردا، سەپنىڭ ئالدىدىكى تونۇلغان شائىر سۈپىتىدە مۇستەقىللىق ۋە ئازادلىقنى كۈيلەيدىغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئەدەبىياتىنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققانىدى. ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئىنقىلاب رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن، ئۇنىڭ 1946-يىلى دوستى لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىك خەۋىرىنى ئاقسۇدىن قايتىپ چىققان سوپاخۇن سوۋۇروپ قاتارلىقلاردىن ئاڭلاپ لۇتپۇللاغا بېغىشلاپ يازغان «رازىمەن دەپتىمەن» ناملىق مەرسىيەسى كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان: ئۇ مۇنداق يازغان:

رازىمەن دېدىم، چىقاردىم ھۆكۈم،

قاتىلنى بىر زۇم ئەيلىدىم كۇكۇم!

دوست دەپ يۈرگىنىم جاللىتىم ئىكەن،

ئۆلتۈرگەن بىلەن چىقمىدى ئۆچۈم.

چۈنكى مەڭگۈگە قايتمىدى لۆتۈن،

ھەسرەت-نادامەت بوپ قالدى پۈتۈن.

ئۇنىڭ ھەر مىسرا شېئىرى بىلەن،

ئىچ-ئىچىمنى ئەيلەيمەن تۈتۈن.

ئابدۇلھەي روزىنىڭ شېئىرلىرى 1947-يىلى غۇلجادا نەشر قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان ئەدەبىياتىنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ نادىر ئەسەرلىرى توپلىمى «ئالماناخ» تىنمۇ ئورۇن ئالغانىدى.

ئابدۇلھەي روزىنىڭ ھاياتى 1949-يىلى 12-ئايدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى كادىرلىرى، زىيالىيلىرى ۋە ئەدىبلىرى بىلەن ئوخشاش قىسمەتكە دۇچ كەلدى. خىتاي كوممۇنىستلىرى ئۇيغۇر دىيارىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، 1950-يىللاردا غۇلجادىكى سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ نۇرغۇن رەھبىرىي كادىرلىرى، زىيالىيلار ھەتتا بىر قىسىم شائىر يازغۇچىلارمۇ ئۈرۈمچىگە كېلىپ ھەرقايسى ئىدارە-ئورگانلار، مەدەنىيەت-مائارىپ ئورۇنلىرى، ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسى ۋە باشقىلاردا خىزمەت قىلدى. ئابدۇلھەي روزى ئەنە شۇلارنىڭ بىرى ئىدى. ئاۋسترالىيەدە ياشايدىغان پېشقەدەم ئۇيغۇر زىيالىيسى، شائىر ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئابدۇلھەي روزىنىڭ 1950-يىللاردىكى ھايات مۇساپىسى ئەدەبىي ئىجادىيەت، «تارىم» ژۇرنىلىدا مۇھەررىرلىك قىلىش، «شىنجاڭ ئىنستىتۇتى» دا ئەدەبىيات دەرسلىرى بېرىپ ياشلارنى تەربىيەلەشكە بېغىشلاندى.

ئابدۇلھەي روزى 1962-يىلى يەنە شۇ مىڭلىغان ئۇيغۇرلار قاتارىدا ئۆز ۋەتىنىنى تەرك ئېتىپ مۇساپىرلىق يولىغا ئاتلىنىپ، ئائىلىسى بىلەن بىرگە ئالمۇتا شەھىرىگە كېلىپ ئورۇنلاشتى.

(داۋامى بار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.