پروفېسسور ئابلەخەت خوجايېف: ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى ئوغۇزلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەسلى ئاھالىسى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2021.11.18
پۈتۈن ئىلمىي ھاياتىنى ئۇيغۇر ۋە مەركىزىي ئاسىيا تارىخىغا بېغىشلىغان ئالىم تارىخ پەنلىرى دوكتورى، پروفېسسور ئابلەخەت خوجايېف ئەپەندى.
Photo: RFA

يېقىندا 80 ياشلىق تەۋەللۇتىنى كۈتۈۋالغان تارىخ پەنلىرى دوكتورى، پروفېسسور ئابلەخەت خوجايېف ئەپەندى بالىلىق ئۆسمۈرلۈك ھاياتىنى ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، 1960-يىللاردىن بۇيان موسكۋا ۋە ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنتتە مەخسۇس مەركىزىي ئاسىيا، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئۇيغۇرلار تارىخى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، 20 دىن ئارتۇق ئىلمىي كىتاب ۋە كۆپلىگەن ماقالىلەرنى ئېلان قىلغا ئۇيغۇر تارىخشۇناسىدۇر. پېنسىيەگە چىققان بولسىمۇ، لېكىن ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىدە مەركىزىي ئاسىيا تارىخى مەسىلىلىرى بويىچە يېتەكچى-ئۇستازلىق خىزمەتلىرى ۋە تەتقىقاتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان پروفېسسور ئابلەخەت خوجايېف ئەپەندى ئۇيغۇر ۋە تۈركىي خەلقلەر تارىخى تەتقىقاتىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجە ۋە بەزى كۆز قاراشلىرىنى ئورتاقلاشتى.

ئابلەخەت خوجايېف ئەپەندىنىڭ رۇس تىلىدا نەشىر قىلىنغان «چىڭ ئىمپېرىيەسى ۋە شەرقىي تۈركىستان 18-ئەسىردە»، «مەركىزىي ئاسىيادىكى خىتاي ئامىلى»، «خىتاي تارىخىي مەنبەلىرىدىكى تۈركىي شەھەرلىرى»، «قەدىمكى تۈركلەر تارىخىدىن»، «مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتچىلىك تارىخىغا ئائىت مەلۇماتلار» ۋە باشقا ئىلمىي تەتقىقات كىتابلىرى تارىخشۇناسلىق ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق ئەسەرلەر ھېسابلىنىدۇ. ئابلەخەت خوجايېف ئەپەندى ئۆز تەتقىقاتلىرىدا قەدىمكى خىتاي تارىخىي مەنبەلىرىنىڭ ئۆزىگە تايىنىپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ھازىرقى خىتاي تارىخچىلىرىنىڭ «ئۇيغۇرلار 9-ئەسىردە موڭغۇلىيەدىن شىنجاڭغا كۆچۈپ كەلگەن خەلق»، «ئۇيغۇرلار شىنجاڭنىڭ ئەسلى ئاھالىسى ئەمەس» دەيدىغان تەرغىباتلىرىنى رەت قىلىپ، بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسىنىڭ ئوغۇزلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەسلى ئاھالىسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ يەنە قەدىمكى يىپەك يولىنى جاڭ چيەن، يەنى خىتايلار ئاچقان دەيدىغان خىتاي تارىخچىلىرىنىڭ بىر قاتار نۇقتىئىنەزەرلىرىنى رەت قىلىدۇ. ئۇ يەنە شەرقىي تۈركىستاننىڭ 18-ئەسىردە مانجۇلارنىڭ چىن ئىمپېرىيەسى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغانلىقىنى پاكىتلار بىلەن يورۇتۇپ بەرگەنىدى.

دىققىتىڭلار ئۇلىنىش ئارقىلىق سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىدا بولسۇن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.