ئەخمەت ئىگەمبەردى: مەن شاھىت بولغان ئۇيغۇر قىسمەتلىرى (15) : تۈرمە پاجىئەلىرى ۋە ئىجادىيەتلىرى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار تەييارلىدى
2023.06.01
تارىخنىڭ ساددا ئۈمىد-ئارزۇلىرى: تاشكەنتتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خرۇشوفقا ئەرزى قىلىشى ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندى. 2009-يىلى ئاۋسترالىيە.
RFA/Ümidwar

ئاۋسترالىيەدە ياشايدىغان 86 ياشلىق پېشقەدەم ئۇيغۇر زىيالىيسى، شائىر ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندى ئۆزى شاھىت بولغان ئۇيغۇر قىسمەتلىرى ھەققىدىكى ئاغزاكى تارىخىي بايانلىرىنىڭ بۇ قېتىملىق قىسمىدا ئۆزىنىڭ 1978-1979-يىللىرى ئارىسىدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ تۈرمە كۆمۈر كانىدا ئىشلەش جەريانىدا كۆرگەن پاجىئەلىك ۋەقەلەر ۋە تۈرمە ھاياتىدىكى شېئىرىي ئىجادىيەتلىرى ھەققىدە توختالدى.

 ئەينى ۋاقىتتا جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى ئۈرۈمچى شەھىرى يېنىدىكى مىچۈەننىڭ لۇساۋگو دېگەن يېرىدا بىر كۆمۈر كان قۇرغان بولۇپ، مەزكۇر كۆمۈر كاندا پۈتۈنلەي مەھبۇسلار ھەقسىز ۋە مەجبۇرىي ئىشقا سېلىنغان. بۇ كۆمۈر كاندا ئىشلەيدىغان مەھبۇسلارنىڭ كۆپىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلغان بولۇپ، كاننىڭ شارائىتلىرى ناھايىتى ناچار ئىدى. كۆمۈر قېزىش جەريانلىرىدا ئۆلۈم-يېتىم ھادىسىلىرى دائىم يۈز بېرىپ تۇراتتى. ھەتتا كۆمۈر كان باشلىقلىرى مەھبۇسلارنى ئەڭ خەتەرلىك ئىشلارغا، مەھبۇسلارنىڭ كېسەل بولۇشىغا قارىماي ئۇلارنى ئىشلەشكە مەجبۇرلايتتى. ئۆلگەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھېچقانداق تۆلەممۇ بېرىلمەيتتى. ئەمما خىتاي مەھبۇسلار ئۆلسە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە تۆلەم بېرىلەتتى، ئۇلارنىڭ ئىچكىرى خىتايدىكى ئائىلە ئەزالىرى يۆتكەپ چىقىلىپ نوپۇسقا ئورۇنلاشتۇرۇلاتتى.

ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەنە شۇ 10 يىللىق قىيىن تۈرمە ھاياتىدا ئۆز ئەدەبىي ئىجادىيىتىنى داۋاملاشتۇرغان بولۇپ، تۈرمىدە قەغەز، قەلەم بېرىلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇ شېئىرىي ئىجادىيەتلىرىنى كاللىسىدا يېزىپ يادلىۋېلىش ئۇسۇلى قوللىنىپ، 2000 مىسرا ئەتراپىدا شېئىرنى ئەنە شۇنداق شەكىلدە خاتىرىلىگەن. ئەمما ئۇ 1978-1979-يىلى تۈرمە كۆمۈر كانىدا ئىشلەش جەريانىدا قىسمەن قەغەز ئىشلىتىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇپ، كېچىلىرى كاللىسىدىكى شېئىرلىرىنى قەغەزگە چۈشۈرگەن. كۆمۈر كاننىڭ سىرتقا سودا ئىشلىرى بىلەن چىقىدىغان بىر خادىمى بۇ شېئىرلارنى مەخپىي تۈردە سىرتقا ئېلىپ چىقىپ كەتكەن، ئاخىرىدا ئابدۇكېرىم ھەسەن ئىسىملىك ئەخمەت ئىگەمبەردىدىن بۇرۇنراق تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن كىشى بۇ شېئىرلارنى توپلاپ كۆچۈرۈپ، ئەخمەت ئىگەمبەردى چىققاندىن كېيىن قولىغا تاپشۇرغان. نەتىجىدە تۈرمىدە يېزىلغان بۇ قان-ياشلىق شېئىرلار ئەنە شۇ پىداكارلارنىڭ ياردىمى بىلەن ساقلىنىپ قالغان ھەم بىر قىسمى چەتئەللەردە يورۇق كۆرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.