ئەخمەتجان قاسىمى: ھەر بىر تەرگەن ھەرىپ دۈشمەنگە ئوق بولۇپ تەگسۇن!

0:00 / 0:00


ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ 40 - يىللىرى مەيدانغا كەلگەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مۇستەقىللىق، ئازادلىق ۋە باراۋەرلىك ئىدىيىلىرىنى خەلق ئاممىسى ئارىسىدا تەرغىب قىلىش مەقسىتىدە ئۆز مەتبۇئاتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى. بولۇپمۇ بۇ مۇھىم ئىشقا ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىمۇ يېقىندىن ئارىلاشقان ئىدى. ھازىر ئالماتا شەھىرىدە ئەنە شۇ گېزىت ۋە جۇرناللاردا خىزمەت قىلغان كىشىلەرنى ئۇچرىتىشقا بولىدۇ. شۇلارنىڭ بىرى 87 ياشلىق ۋاپاخان ئىمىنھاجى ئوغلى قۇربانوف ھازىر ئالماتا شەھىرىدە ئىستىقامەت قىلماقتا.

ۋاپاخان قۇربانوف زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز بېشىدىن ئۆتكەن كەچۈرمىشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ 1927 - يىلى قازاقىستاننىڭ ياركەنت شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، غۇلجىدىكى «ئۈمىد» مەكتىپىدە 5 - سىنىپنى تاماملىغان ۋە ئائىلىۋى ئەھۋالنىڭ قىيىنچىلىقى تۈپەيلى 14 يېشىدىن تارتىپ مۇسابايېفنىڭ تېرە زاۋۇتىدا ئىشلەشكە باشلىغان. ئۇ ئۈچ ۋىلايەت ئازادلىق قوزغىلىڭى ھارپىسىدا كېيىن مىللىي ئارمىيە گېنېرالى بولغان زۇنۇن تېيىپوفنى ئىككى قېتىم ئۇچراتقانلىقىنى ئېيتىپ، مۇنداق دېدى:

1943 - يىلى بىزنىڭ ئۆيگە يېقىن جايدا سەرەڭگە زاۋۇتى ئېچىلىپ قالدى. شۇنىڭدا زۇنۇن ئاكا يىغىن ئېچىپ، بۇ ئادەم ئىنقىلاب بولىدىغانلىقىنى بىلەتتىكەن. ئۇ، «مەن كەتكىلىۋاتىمەن. ئورنۇمدا مىجىت مۇسابايېف بولىدۇ. ئوبدان ئىشلەڭلار، ئۇرۇشماڭلار، تالاشماڭلار!» دېدى. مەن زۇنۇن ئاكا بىلەن بىر مەلىلىك. كېيىن ئىنقىلاب باشلىنىپ كەتتى. بىر - ئىككى ئاي بېكارغا قالدۇق. كېيىن ئەسكەرگە ئالغىلى تۇردى. مېنى ئەسكەرگە چاقىردى، ئامما بارمىدىم. گېزىتقا ئىشقا كىرىپ كەتتىم. بىر ئاز نابورشىكلىقنى ئۆگەندىم. مېنى بۆلۈم باشلىقى قىلدى. 1947 - يىلى ئۇيغۇر گېزىتىدە ئاز دېگەندە 20 بالا ئىشلەتتى. بۇ «ئىنقىلابىي شەرقىي تۈركىستان» گېزىتىنىڭ سىرتىدا يەنە «ئالغا» گېزىتى، «ئىتتىپاق» ژۇرنالى، «ھەربىي نىزامنامە» بار. زىيا سەمەدى «ھەربىي نىزامنامە» باشلىقى ئىدى.

ئەخمەتجان قاسىمى ياخشى ئەمگىكى ئۈچۈن ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 3 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مەتبەئە بايرىمى كۈنى، يەنى 1947 - يىلنىڭ 17 - نويابىرىدە ۋ. قۇربانوفقا تەشەككۈرنامە تاپشۇرغان. ۋ. قۇربانوفنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، گېزىتخانىغا كەلگەن ئە. قاسىمى مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ ئىش ئېغىر، مۇرەككەپ ئىش. بىر تال تەرگەن ھەرىپىڭلار دۈشمەنگە بىر تال ئوق بولۇپ تەگسۇن. سىلەر كېلەچەك ۋەتەننىڭ ئىگىسى. ئوبدان ئىشلەڭلار. رەخمەت.»

ۋ. قۇربانوف 1949 - يىلنىڭ دېكابىر ئېيىدا ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ رەسىمى بېسىلغان «تەقدىرنامە» بىلەن مۇكاپاتلانغان. ئۇ، 1963 - يىلى قازاقىستانغا كۆچۈپ چىقىپ، ھەر خىل خىزمەتلەردە ئىشلىدى.