ئالمۇتادا «ئەخمەتجان قاسىمى تاللانما ئەسەرلىرى» يورۇق كۆردى
2018.08.30
يېقىندا ئالمۇتادا 1944-1949-يىللىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلغان مىللىي-ئازادلىق ھەرىكىتى رەھبەرلىرىنىڭ بىرى ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ تاللانما ئەسەرلىرى يورۇق كۆردى. ئۇنى نەشرگە تونۇلغان يازغۇچى، ژۇرنالىست ئابدۇخالىق مەھمۇدوف تەييارلىغان. كىتاب 1950-يىلى «شىنجاڭ خەلق دېموكراتىيە ئىتتىپاقى» نىڭ باش ئىجرائىي ھەيئىتى تەرىپىدىن نەشر قىلغان شۇ ناملىق كىتاب ئاساسىدا يورۇق كۆردى. ئۇ 12 باسما تاۋاق ھەجىم بىلەن 500 تىراژدا چىقىرىلدى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئابدۇخالىق مەھمۇدوف ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «بۇ ئەخمەت ئەپەندىنىڭ ئىش جەريانى داۋامىدا سۆزلىگەن، مەتبۇئاتتا ئېلان قىلغان 29 ماقالىسىدىن تەركىب تېپىپتۇ. ھەممىسىنى ئوقۇپ چىقتىم. ئۇ كونا يېزىقتا، كونا ئىملادا يېزىلغان ئىكەن. ئۆزۈمنىڭ كىتابىنى نەشر قىلىشنىڭ ئورنىغا مۇشۇنى چىقىرىشنى ماقۇل كۆردۈم. سەۋەبى ئۇنىڭدا شۇ شەرقىي تۈركىستان دەۋرىدىكى ھەر خىل گەپ-سۆزلەر ھاياتىمىزدا كۆپ. شۇلارغا ھەقىقىي جاۋابنى مۇشۇ كىتابتا تاپقىلى بولىدىكەن.»
ئابدۇخالىق مەھمۇدوفنىڭ ئېيتىشىچە، ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ تېخى يورۇق كۆرمىگەن ئەسەرلىرى يەنىمۇ بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئەنە شۇلارنى تېپىپ، تولۇقلاپ نەشر قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، يەنە مۇنداق دېدى: «كىتابنىڭ سۆز بېشىدا ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئەسەرلىرىنى كېلەچەكتە نەشر قىلىمىز دېگەن يەرلىرى بار. بىراق ئۇنى خىتاينىڭ نەشر قىلغانلىقىنى مەن بىلگىنىم يوق. بۇ كىتابنى بىرىنچى قېتىم كۆرۈشۈم. ھەر ھالدا نەشر قىلىندى. بۇنى پەقەت ئەنە شۇ دەۋر تارىخىغا قىزىقىمەن دېگەن ئادەملەر ئوقۇيدۇ دەپ ئويلايمەن. ھەر بىر ئۇيغۇر كىچىككىنە بولسىمۇ مىللەت ئۈچۈن بىر خىزمىتىنى قىلسۇن دەيدىغان شوئارلار بار. بۇنىڭغا مەن قوشۇلىمەن. مەن مۇشۇ ئىشىم بىلەن خەلقىمگە كىچىككىنە بىر پايدىلىق ئىش بولۇپ قالامدىكىن دەپ نەشر قىلدىم. ئەمدى بۇ خەلققە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئۇنى كېلەچەكتە كۆرىمىز دەپ ئويلايمەن.»
سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندىنىڭ پىكرىچە، ئەخمەتجان قاسىمى ئەسەرلىرىنىڭ قايتا نەشر قىلىنىشى چوڭ يېڭىلىق ئىكەن. ئۇ 1992-يىلى مەشھۇر يازغۇچى تۇرسۇن قاھھارى تەرىپىدىن ئەخمەتجان قاسىمى ئەسەرلىرى نەشر قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئىككى نەشر ئوتتۇرىسىدا پەرقلەرنىڭ بار ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «سېلىشتۇرسام، يېڭى كىتابتىكى 29 ماقالە، نۇتۇقلىرىنىڭ ئىچىدە پەقەت ئۈچتىن بىر قىسمى بۇرۇن چىققان ئىكەن، ئۈچتىن ئىككىسى چىقمىغان، يەنى نامەلۇم سەۋەبتىن ئەڭ مۇھىملىرى چىقمىغان. مەسىلەن، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى، شۇ ۋاقىتتىكى ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ مەقسىتى، بىتىم، شۇنداقلا «ئىتتىپاق» تەشكىلاتى ئوخشاش كۆپلىگەن سىياسىي مەسىلىلەر.»
قەھرىمان غوجامبەردى ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ھاياتى ۋە پائالىيىتىدىكى بەزى مەسىلىلەرگە جاۋابنى مەزكۇر كىتابتىن تېپىشقا بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، يەنە مۇنداق دېدى: «بۇرۇن ھەر تۈرلۈك تالاش-تارتىشلار بولغان ئىدى. ئەخمەتجان قاسىمى مۇستەقىلچىمۇ يا مۇستەقىلچى ئەمەسمۇ دېگەنگە ئوخشاش.»
قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر كىتابتا ئورۇن ئالغان بەزى ماقالە ۋە نۇتۇقلار بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۆز ماھىيىتىنى يوقاتمىغان ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ئۇيغۇرىستان-شەرقىي تۈركىستاندا، ئەلۋەتتە، بۇ ماقالىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللىقاچان يوق قىلىنغان. چەت ئەلدە بۇنىڭ ئەسلى نۇسخىلىرىنىڭ بېسىلىپ چىقىشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ھازىرقى مىللىي-ئازادلىق ھەرىكەت رەھبەرلىرى، سىياسىي پائالىيەتچىلەر ئۆزلىرىنىڭ كۈندىلىك نەزەرىيىۋى بىلىمىدە 20-ئەسىردىكى ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ تارىخىدا بولغان ۋەقەلەرنى ئوبيېكتىپ تەتقىق قىلىپ، خۇلاسە، ساۋاق چىقىرىپ، ھەرىكەت قىلمىسا، تەكرار-تەكرار شۇنداق خاتالىقلارغا دۇچ كېلىدۇ، ئالدىنىدۇ. شۇڭا بىز ئۆزىمىزنىڭ تارىخىنى، مىللىي-ئازادلىق ھەرىكىتىنى ياخشى بىلىشىمىز كېرەك. شۇ زاماندىمۇ مىللىي-ئازادلىق كۈرەش بولغان، ھازىرمۇ شۇ. شۇنى ئېيتىش كېرەككى، ئەخمەتجان قاسىمى ئىنقىلاب دېگەن سۆزنى ئاز قوللىنىدۇ.»
ئىگىلىشىمىزچە، ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ خاتىرىسىگە بېغىشلانغان باشقىمۇ شۇنداق كىتابلار ئىلگىرىمۇ نەشر قىلىنغان. مەسىلەن، مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرى، ئاتاقلىق يازغۇچى مەسۈمجان زۇلپىقاروفنىڭ 2009-يىلى «ئەخمەت ئەپەندى ھەققىدە ھېكايەتلەر» ناملىق كىتابى، 2014-يىلى مەخسۇت قاسىمىنىڭ «ۋەتەن ئوغلى» ناملىق ھۆججەتلىك تارىخىي داستانى يورۇق كۆردى. بۇنىڭدىن تاشقىرى يەنە 2014-يىلى ئالمۇتا شەھىرىدە ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ 100 يىللىقىغا بېغىشلانغان چوڭ يىغىن ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.