0:00 / 0:00
ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىدىن چىققان مەرىپەتچى ۋە شائىر ئابدۇلھەي مۇھەممەدىي 1937 - يىلى ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنتتە قولغا ئېلىنىپ، باشقىمۇ مىڭلىغان شۇ تەقىب قۇربانلىرى ئوخشاش «ۋەتەنگە خىيانەت» قىلغانلىقىدا ئەيىبلىنىپ ئېتىلغان. ھازىر ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ھەققىدە ھۆججەتلەر ساقلىنىپ قالغان بولسا، بەزىلىرى ھەققىدە ھېچ بىر مەلۇمات مۇشۇ كۈنگىچە تېپىلمىغان.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئابدۇلھەي مۇھەممەدىنىڭ قىزى جېنەستە مۇھەممەدىيېۋا ھەم ئۇنىڭ يولدىشى رىزايدىن يەھياروف ۋە رۇسىيىلىك ئۇيغۇر شائىرى، «ستالىن شەخسىيەتچىلىكى سىياسىي تەقىبىنىڭ قۇربانلىرى» خەلقئارا فېدېراتسىيىسى پرېزىدېنتىنىڭ ئورۇنباسارى ۋىليام سادىقوف بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.