مانجۇ ئىمپېرىيىسى ئۇيغۇر دىيارىنى قانداق ئىشغال قىلدى؟

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2019-02-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
مانجۇ ئىمپېرىيەسىنىڭ ياللانمىسى زو زوڭتاڭ.
مانجۇ ئىمپېرىيەسىنىڭ ياللانمىسى زو زوڭتاڭ.
Social Media

خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاتالمىش «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» نامىدىكى «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادا كەڭ بىلىنىشى ۋە كۈچلۈك تەنقىدلەرگە ئۇچرىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئائىت يېزىلىۋاتقان ماقالە-ئوبزورلاردا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ھەم مەدەنىيىتى مەسىلىلىرىمۇ ئوتتۇرىغا چىقماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى»، «جۇڭخۇا مىللىتى» دىن ئىبارەت مىللىي، سىياسىي ۋە مەدەنىيەت كىملىكىنى ئومۇميۈزلۈك قوبۇل قىلدۇرۇش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە «شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ بىرى قىسمى»، «شىنجاڭ خەن دەۋرىدىن تارتىپ جۇڭگونىڭ زېمىنى»، «ئۇيغۇرلار بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەن خەلق» دەيدىغان تارىخىي تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، زېمىننىڭ ئالدى بىلەن مانجۇ ئىمپېرىيىسى دەۋرىدە ئىشغال قىلىنغانلىقىنى ئىنكار قىلماقتا.

ئۇنداقتا مانجۇ ئىمپېرىيەسىنىڭ، بولۇپمۇ مانجۇ ئىمپېرىيەسىنىڭ ياللانمىلىرى بولغان زو زوڭتاڭ باشچىلىقىدىكى خۇنەن قاتارلىق ئۆلكىلەردىن ئېلىنغان خىتاي قوشۇنلىرىنىڭ 19-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا بۇ زېمىننى ئىشغال قىلىش جەريانى قانداق بولدى؟ خىتاي قوشۇنلىرىنىڭ بۇ جاينى ئىشغال قىلىشىدا قانداق خەلقئارالىق ئارقا كۆرۈنۈشلەر بار؟. ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان خەلقلىرى 19-ئەسىردە مەنچىڭ ئىمپېرىيەسىگە قارشى قانداق قارشىلىقلارنى كۆرسەتتى؟ بۇ تېما بويىچە، بولۇپمۇ رۇسىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ مانجۇ ئىمپېرىيەسىنىڭ بۇ زېمىننى ئىشغال قىلىشىغا كۆرسەتكەن ياردىمى مەسىلىسى، رۇسىيەنىڭ بۇ رايونغا، مانجۇ چىڭ ئىمپېرىيەسىگە، جۈملىدىن ئۇلۇغ بىرتانىيەگە كۆرسەتكەن تەسىرى مەسىلىسى بويىچە رۇسىيەدە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدىمۇ خېلى كۆپ ئەسەرلەر ئېلان قىلىندى. بۇلارنىڭ ئىچىدە بىرقەدەر نوپۇزلۇقلىرى رۇسىيە تارىخشۇناسلىرىدىن د. دۇبروۋسكايانىڭ «شىنجاڭنىڭ تەقدىرى: 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ‹يېڭى چېگرانىڭ› خىتاي تەرىپىدىن ئىگىلىنىشى»، ۋ. ئا. مويسېيېۋنىڭ «رۇسىيە ۋە خىتاي مەركىزى ئاسىيادا: 19-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن 1917-يىلىغىچە»، ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇر تارىخچىلىرىدىن ئابلەھەت خوجايېفنىڭ «چىڭ ئىمپېرىيىسى، جۇڭغارىيە ۋە شەرقىي تۈركىستان»، «چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭغارىيە ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قارشى 1878-1881-يىللىرىدىكى جازالاش يۈرۈشلىرى»، داۋۇت ئىسسىيېفنىڭ «يەتتىشەھەر ئۇيغۇر دۆلىتى»، ۋ. س. كۇزنېتسوۋنىڭ «چىڭ ئىمپېرىيىسى مەركىزى ئاسىيا چېگرالىرىدا» ۋە باشقا ئونلىغان مەخسۇس كىتابلارنى كۆرسىتىش مۇمكىن. 

قازاقىستاندىكى تۇران ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى تارىخشۇناس زۇلپىيە كەرىموۋانىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ 19-ئەسىردە مەنچىڭ ئىمپېرىيەسىگە قارشى قوزغىلاڭلىرى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىن تارتىپ ئىزچىل تارىخشۇناسلار تەرىپىدىن مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى دەپ ئاتىلىپ كېلىنگەن بولۇپ، تارىخچىلار بۇ زېمىننىڭ مانجۇ-چىڭ ئىمپېرىيىسى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان زېمىن، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق كۈرەشلىرى مۇستەملىكىچىلىككە قارشى كۈرەش دەپ باھالىنىپ كېلىنمەكتە.

بۇ تېمىلار بويىچە غەربتە كۆپ تەتقىقات ئەسەرلىرى مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، بۇ جەھەتتە يېقىنقى ۋاقىتلاردا ئېلان قىلىنغان ئامېرىكا تارىخچىلىرىدىن جامىس مىلۋاردنىڭ «ياۋرو-ئاسىيا تۆگىنى-شىنجاڭنىڭ تارىخى»، ۋە «قوۋۇقنىڭ سىرتىدا» قاتارلىق ئەسەرلىرى، كورېيەلىك تارىخچى كىم خودوڭنىڭ، «خىتايدىكى مۇقەددەس ئۇرۇش: مۇسۇلمانلار قوزغىلىڭى ۋە خىتاي مەركىزى ئاسىياسىدىكى دۆلەت، 1864-1877» ۋە باشقىلارنى مىسال قىلىش مۇمكىن. بۇ يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان رۇس ۋە سوۋېت تارىخچىلىرى ھەم غەرب تارىخچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە 19-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا، چىڭ ئىمپېرىيىسى قوشۇنلىرىنىڭ ياقۇپبەگ رەھبەرلىكىدىكى يەتتىشەھەر دۆلىتىنى ئاغدۇرۇپ، بۇ جاينى قوراللىق كۈچ بىلەن ئىشغال قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. ئەمما، خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا زو زوڭتاڭنىڭ بۇ ئىشغالىيىتىنى «شىنجاڭنى قايتۇرۇۋېلىش» دەپ ئاتاپ كەلمەكتە. 

يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان بۇ ساھە مەخسۇس ئىلمىي تەتقىقاتچىلارنىڭ تەتقىقات دائىرىسىدىنمۇ ھالقىپ، ئاممىۋى ساھەگە، جۈملىدىن ژۇرنالىستلار، تور يازغۇچىلىرى ۋە ئاممىباب تارىخى ئەسەر يازغۇچىلىرىنىڭ دائىرىسىگىمۇ كېڭەيمەكتە. رۇسىيەلىك تور يازغۇچىسى، تارىخچى ئالېكسېي ۋولنېست مانا شۇ تېمىدا بىر يۈرۈش چاتما ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇ بۇ ھەقتىكى ماقالىسىنىڭ بىر بۆلىكىگە «رۇسىيەنىڭ خىتاينىڭ شىنجاڭنى قايتۇرۇۋېلىشىغا ياردەم بېرىشى» دەپ ماۋزۇ قوغان. ئاپتورنىڭ رۇسىيەدىكى «ۋارسپوت.رۇ» تارىخ تورىدا ئېلان مەزكۇر ماقالىسى بىر قىسىم مۇھىم تارىخىي ئىلمىي ئەسەرلەر ئاساسىدا يورۇتۇلغان بولۇپ، بۇنىڭدا 1876-1878-يىللىرى چار رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز مەنپەئەتلىرىنى كۆزلەپ چىڭ ئىمپېرىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىشىنى قوللىغان ۋە ياردەم كۆرسەتكەنلىكى يورۇتۇلغان. ئاپتورنىڭ يەكۈنىچە، 1876-يىلى، زو زوڭتاڭ قوشۇنلىرى قۇمۇلغا كەلگەندىلا سانكىتپېتېربۇرگدا چارپادىشاھ ئالېكساندىر ئىككىنچىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن رۇسىيەنىڭ تاشقى ئىشلار، دۆلەت مۇداپىئە، سودا ساھەسىنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى شۇنىڭدەك تۈركىستان گۇبېرناتورى كائۇفماننىڭ قاتنىشىشى بىلەن يەتتىشەھەر دۆلىتىنىڭ ساقلاپ قېلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ياكى بۇ جاينى خىتاينىڭ ئىشغال قىلىشىغا قاراپ تۇرۇش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان. ئاخىرى ھەر خىل ئامىللار تەھلىل قىلىنىپ، رۇسىيە ھۆكۈمىتى: چىڭ سۇلالىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ھۆكۈمرانلىق ئورنىتىشى «بىزنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا زېمىنلىرىمىز ئۈچۈن بىزنىڭ چېگرامىزدا كۈچلۈك مۇسۇلمان دۆلىتى قۇرۇپ، بىزنىڭ ھۆكۈمرانلىقىمىزدىكى مۇسۇلمانلار ئاھالىسىنىڭ قارشىلىقىنى دائىم قوللايدىغان ياقۇپ بەك ھاكىمىيىتىگە قارىغاندا ئۇنچىۋالا خەتەرلىك ئەمەس» دېگەن خۇلاسىنى چىقارغان ھەم زو زو زوڭتاڭنىڭ ياقۇپ بەگ ھاكىمىيىتىنى يوقىتىشنى قوللاشنى قارار قىلغان.

ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، رۇسىيە ھۆكۈمىتى ھەر خىل ۋاسىتىلەر بىلەن چىڭ قوشۇنلىرىغا ياردەم بەرگەن بولۇپ، ھەتتا سودىگەر كامېنسكىي رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يول قويۇشى بىلەن زو زوڭتاڭ قوشۇنلىرىغا زور مىقداردىكى ئاشلىق سېتىپ بېرىپ، بۇ ئاشلىقلارنى ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئىلى ئارقىلىق ئوزۇق-تۈلۈك جەھەتتە قىينالغان زو زوڭتاڭ قوشۇنلىرىغا يەتكۈزۈپ بەرگەن. ئەلۋەتتە، بۇ ۋاقىتتا زو زوڭتاڭ ئۈچۈن زور ساندىكى قوشۇننى ئاشلىق بىلەن تەمىنلەش ئەڭ قىيىن مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىدى.

تارىخچى زۇلفىيە كەرىموۋانىڭ قارىشىچە، رۇسىيەنىڭ بۇ قىلمىشى بىر قىسىم تارىخچىلار، يەنى بارانوۋانىڭ ئىلمىي ماقالە يېزىپ قاتتىق تەنقىد قىلىشىغا ئۇچرىغان. بارانوۋا ئەگەر رۇسىيە سىياسىي ۋە ئاشلىق جەھەتتىن زو زوڭتاڭنى قوللىمىسا، چىڭ قوشۇنلىرى ياقۇپ بەك ئارمىيەسىنى يېڭەلمەيتتى، خىتايلار شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلالمايتتى دېگەندەك يەكۈننى چىقارغان.

مەخسۇس 19-ئەسىر ئۇيغۇر قوزغىلاڭلىرى ۋە سىياسىي تارىخى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان دوتسېنت زۇلپىيە كەرىموۋانىڭ قارىشىچە، چار رۇسىيە 1871-يىلى ئىلى سۇلتانلىقىنى بېرىۋېلىش، ئاخىرىدا چىڭ ئىمپېرىيەسىنىڭ پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىشى مەسىلىسىدە كۆپ ئويلاشقان بولۇپ، ئاخىرى ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن خىتايغا يول قويغان. 

رۇس تارىخچىسى ئالېكسېي ۋولنېتسنىڭ يەكۈنىچە، رۇسىيە ھۆكۈمىنىڭ زو زوڭتاڭنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىشىغا يول قويۇشىدا بىر قانچە سەۋەب بار، يەنى چار رۇسىيە ياقۇپ بەگ دۆلىتىنىڭ ئەنگلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدىن خەۋپسىرىگەن، يەنى ئەنگلىيەنىڭ ياقۇپ بەگكە قورال-ياراق بېرىشى ۋە ئۇنى قوللىشىدىن كەلگۈسىدە ئەنگلىيە بىلەن ياقۇپبەگنىڭ بىرلىشىپ رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھۆكۈمرانلىقىغا تەھدىت سېلىشىدىن ئەنسىرىگەن، شۇڭا رۇسىيە ئەنگلىيەنىڭ قەشقەرىيە دۆلىتىنى بىرلىكتە ئېتىراپ قىلىش ۋە ياكى ئوتتۇرىدىكى بىتەرەپ دۆلەت بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تەكلىپىنى قوبۇل قىلمىغان. يەنە بىر ئامىل بولسا، يەتتىشەھەر دۆلىتى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ ۋاسسالىغا (قارام ھاكىمىيىتىگە) ئايلانغان بولۇپ، ياقۇپ بەگكە ئوسمانلى پادىشاھىغا بويسۇناتتى، رۇس-تۈرك ئۇرۇشى پارتلاۋاتقان بۇنداق ئەھۋالدا رۇسىيە ئوتتۇرا ئاسىيادا، ئوسمانلىنىڭ يەنە بىر قۇدرەتلىك ۋاسسال ھاكىمىيىتى مەۋجۇت بولۇشىنى ئۆزى ئۈچۈن خەتەر ھېس قىلغان ئىدى. 

رۇسىيە ھۆكۈمىتى بۇ ۋاقىتتا پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ تېخى يېڭىدىن ھۆكۈمرانلىقى ئورناتقان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ بىخەتەرلىكى، يەنى ئۆزىنىڭ مۇستەملىكىسى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل دۆلەت بولۇشىنى خالىمىدى. بۇ بىر ئىمپېرىيەلىك سىياسەتتۇر. 

لېكىن، رۇسىيە تارىخچىسى د. دۇبروۋسكايا، ۋ. مويسېيېۋ، كۇزنېتسوۋ، شۇنىڭدەك د. ئىسسىيېف، ئا، خوجايېف ۋە باشقا تارىخچىلار ئەسەرلىرىدە چىڭ ئىمپېرىيەسىنىڭ بۇ زېمىننى قوراللىق كۈچ بىلەن بېسىۋېلىپ، ئۆز ھاكىمىيىتىنى ئورناتقانلىقى، 1884-يىلىدىن ئېتىبارەن بۇ جايغا «شىنجاڭ» يەنى «يېڭى چېگرا» دېگەن مەنىدىكى نامنى بېرىپ ئۆلكە تۈزۈمى ئورناتقانلىقىنى بىردەك ئېتىراپ قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت