8-ئاپرېل مىللىي ئارمىيە خاتىرە كۈنى: مىللىي ئارمىيىگە 72 يىل (4)

0:00 / 0:00

1945-يىلى، 8-ئاپرېل كۈنى قۇرۇلغان مىللىي ئارمىيەنىڭ ئۈچ فرونت بويىچە جەڭ قىلىش پلانىنىڭ بىر قىسمى جەنۇبى يۆنىلىش بويىچە، يەنى مۇزداۋان ئارقىلىق ئاقسۇغا پارتىزان ئەترىتى ئەۋەتىپ، بۇ يەردىكى گومىنداڭ قوراللىق كۈچلىرىنىڭ تەڭرى تاغلىرىدىن ئۆتۈپ، ئىلى تەۋەسىگە ھۇجۇم قىلىپ، مىللىي ئارمىيەنىڭ ئوتتۇرا ۋە شىمالى يۆنىلىشتىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە زىيان سېلىشىدىن ساقلىنىش ئىدى.

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى 1945-يىلى، 7-ئاينىڭ بەشىنچى كۈنى، ئاقسۇدا جەڭ قىلىدىغان پارتىزان ئەترىتىنى رەسمىي بېكىتكەن بولۇپ، بۇ ئەترەتكە قاسىمجان قەمبىرى ھۆكۈمەت ۋەكىلى سۈپىتىدە باشچىلىق قىلىپ، ھۆكۈمەت ۋەكىللىرىنى باشلاپ مېڭىش، ھەربىي جەھەتتە سوپاخۇن سوۋۇروف ئەترەت باشلىقى بولۇش، ئابدۇكېرىم ئابباسوف سىياسىي كومىسسار، داموللا رازىيوف دىنى ئىشلارغا مەسئۇل بولۇش بەلگىلەندى.

ئاقسۇدا جەڭ قىلىدىغان مەزكۇر ئەترەت ئاساسلىقى سوپاخۇن سوۋۇروپنىڭ ئۆزى بىلەن بىرگە گومىنداڭ قوشۇنىدىن مىللىي ئارمىيە تەرەپكە ئۆتكەن 90 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئەسكىرىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، سابىق مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرى توختى ئىبراھىمنىڭ يېزىشىچە، مەزكۇر ئاتلىق ئەترەتنىڭ ئادەم سانى 150 كىشى ئەتراپىدا ئىدى.

ئەترەت 7-ئاينىڭ 18-كۈنى غۇلجا شەھىرىدىن يولغا چىقىپ، قىزىلكۈرەگە يېتىپ كەلگەن ۋە 23-چېسلا قىزىلكۈرە ناھىيە بازىرىدىن يولغا چىققان. يولغا چىقىش ئالدىدا جۇمھۇرىيەت رەئىسى ئەلىخان تۆرە قاتارلىقلار كېلىپ، ئۇزىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن.

بۇ يىل 3-ئايدا 94 يېشىدا بىشكەكتە ۋاپات بولغان سابىق مىللىي ئارمىيە مايورى، مەرھۇم خەمىت كەنجىبايېف ئاقسۇ ئۇرۇشىغا قاتناشقان بولۇپ، ئۇ بۇنىڭدىن ئۈچ يىل ئىلگىرى ئۆز ھايات مۇساپىسىنى ئەسلىگەندە، ئاقسۇ ئۇرۇشى جەريانى ھەققىدە توختىلىپ، مەزكۇر ئەترەتنىڭ تېكەستىن ئاتلىنىپ، تەڭرى تاغلىرىدىن ئۆتۈپ، باي، قورغان ۋە جام قاتارلىق جايلارنى ئىگىلىگەنلىكىنى، بۇ جەرياندا، ئەترەتكە يەنە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىغا ئەۋەتكەن مەخپىي ھەربىي ۋەكىللىرىدىن ئۇيغۇرچە ئىسكەندەر ۋە زاكىر دەپ ئاتالغان ئىككى كىشىنىڭمۇ ئۆزلىرى بىلەن بىرگە بولغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى.

تارىخى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، مەزكۇر ئەترەت 3-ئاۋغۇت كۈنى باينىڭ قىيىر دېگەن جايىنى، 8-ئاينىڭ 8-كۈنى تۆت سائەت جەڭ قىلىش ئارقىلىق باي ناھىيە بازىرىنى ئازاد قىلىپ، ھۆكۈمەت تەسىس قىلدى، ئارقىدىن 8-ئاينىڭ 19-كۈنى مۇزات داۋىنىدىكى توسۇق قورغانغا ھۇجۇم باشلاپ، بىر قانچە كۈنلۈك جەڭدىن كېيىن ئۇنى ئىگىلەپ، ئىلى بىلەن جەنۇب ئارىسىنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇزات داۋىنىنى كونتروللۇق ئاستىغا ئالدى ھەمدە قورغاندا ئۆزىنى تەرتىپكە سالدى.

سوپاخۇن سوۋۇروفنىڭ «مەن كەچكەن كېچىكلەر» ناملىق ئەسلىمىسىدە يېزىلىشىچە، ئۇلار قورغاندا قوشۇننى تەرتىپكە سېلىپ ئولجا ئالغان قوراللار بىلەن يېڭىدىن ئېلىنغان ئەسكەرلەرنى قوراللاندۇرۇپ، ئۆز ئەترىتىنى زورايتتى ۋە 28-چېسلا ئاقسۇ كونا شەھەرگە يۈرۈش قىلغان. پارتىزانلار 9-ئاينىڭ 1-كۈنى كونا شەھەرنى ئازاد قىلىپ، بۇ يەردە ھۆكۈمەت قۇرغان ۋە 7-سېنتەبىر كۈنىدىن باشلاپ ئاقسۇ شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، شەھەرنى قورشاۋغا ئالغان. بۇنىڭ بىلەن ئىككى ئايغا سوزۇلغان ئاقسۇغا قورشاپ ھۇجۇم قىلىش ئۇرۇشى باشلانغان.

سابىق مىللىي ئارمىيە مايورى، مەرھۇم خەمىت كەنجىبايېف ئاقسۇ ئۇرۇشى جەريانى ھەققىدە توختالدى.

خەمىت كەنجىبايېفنىڭ ئەسلىشىچە، لېكىن، ئاقسۇنى قورشاۋغا ئالغان ئەترەت بىر قانچە كۈن ئاقسۇغا قورشاپ ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، كۇچار تەرەپتىن كۆپ ساندىكى گومىنداڭ قوشۇنلىرىنىڭ قورغان تەرەپكە، يەنى مۇز داۋانغا ھۇجۇم قىلىدىغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ، دەرھال مۇز داۋان ئەتراپىغا چېكىندى. ئۇلار 9-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئىلىدىن ياردەمگە كەلگەن مىرزىگۈل ناسىروف ۋە ئاسىلخان تۆرە باشچىلىقىدىكى ياردەمچى ئەترەت بىلەن بىرلەشكەندىن كېيىن، يەنە قايتىدىن كونا شەھەرنى ئىگىلەپ، ئاقسۇ شەھىرىنى قايتىدىن قورشاۋغا ئالدى. بۇ قېتىمقى قورشاپ ھۇجۇم قىلىش تاكى 14-ئۆكتەبىرغىچە داۋاملاشقان ئىدى.

مەرھۇم مىللىي ئارمىيە مايورى خەمىت كەنجىبايېفنىڭ ئېيتىشىچە، ئاقسۇغا قورشاپ ھۇجۇم قىلىش جەريانىدا كونا شەھەر، باي ۋە ئاقسۇ شەھىرى ئەتراپىدىكى بىر قىسىم خەلق قوزغىلاڭچىلار سېپىگە قوشۇلۇپ، ئاقسۇنى قورشاۋغا ئالغان قوشۇن تەركىبىنى كۆپەيتكەن بولسىمۇ، بىراق قورال-ياراق، ئوق-دورا ۋە ئوزۇق-تۈلۈك يېتىشمەسلىك كۆرۈلگەن.

ئاقسۇ ئۇرۇشىغا ياردەمگە ئەۋەتىلگەن جۇمھۇرىيەت رەئىسى ئەلىخان تۆرىنىڭ ئوغلى ئاسىلخان تۆرىنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا يېزىپ قالدۇرغان ئەسلىمىسىدە دېيىلىشىچە، ئىلىدىن چوڭ كۆلەمدىكى ياردەمچى قوشۇن كەلمىگەندىن سىرت يەنە ئىلى تەرەپتىن ھېچقانداق قورال-ياراق ۋە ئوق-دورا ياردىمى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئاقسۇنى قورشاپ تۇرغان قوشۇن كۆپ قىيىنچىلىق تارتقان ۋە ئاسىلخان تۆرىنى ئىلىدىن ياردەم سوراشقا ئەۋەتكەن.

سابىق مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرى توختى ئىبراھىمنىڭ «مىللىي ئارمىيىنىڭ جەڭگىۋار مۇساپىسى» ماۋزۇلۇق كىتابى ۋە باشقا ئەسلىمىلەردە كۆرسىتىلىشىچە، قوزغىلاڭچىلار كۆپ قېتىم ئاقسۇ سېپىلىغا ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ، شەھەرنى ئېلىش ئىمكانىيىتى بولمىغان. ئاخىرى ئۇلار لەخمە كولاپ سېپىلنى پارتلىتىپ، شەھەرگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقاندا تۇيۇقسىز، مىللىي ئارمىيە باش قوماندانلىق شتابىدىن ئاقسۇدىن چېكىنىش بۇيرۇقى كەلگەن ۋە 14-ئۆكتەبىر كۈنى ئاقسۇدىن چېكىنگەن.

خەمىت كەنجىبايېفنىڭ ئېيتىشىچە؛ ھەتتا ئالدى بىلەن پارتىزانلارنىڭ قوللىرىدىكى سوۋېت ئاپتوماتلىرىنىڭ ھەممىسى يىغىپ كېتىلگەن.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم مىللىي ئارمىيىنىڭ ئاقسۇدىن چېكىنىش سەۋەبلىرىنىڭ خەلقئارالىق ئارقا كۆرۈنۈشكە ۋە سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى يېڭى ئۆزگىرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.