ئىلى ۋىلايىتى ئۇيغۇرلىرىنىڭ مىللىي-ئازادلىق ھەرىكىتى تارىخىدىن (1)

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2017-05-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئىلى سۇلتانلىقىنىڭ سۇلتانى ئېلاخان سۇلتان.
ئىلى سۇلتانلىقىنىڭ سۇلتانى ئېلاخان سۇلتان.
wikipedia.org

تارىخ سەھىپىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 19-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا تىلى، دىنى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرى جەھەتتىن بىر-بىرىگە يېقىن بولغان ئۇيغۇر دىيارى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى ھاياتىدا كۆپلىگەن سىياسىي ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى. مەزكۇر رايوننىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي ھاياتىغا قوشنا رۇسىيە ۋە خىتاي چىڭ ئىمپېرىيەلىرى قاتتىق تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى. ئۇيغۇر ئېلى، يەنى رۇس تارىخچىلىرى تەرىپىدىن «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن دىياردا ئەنە شۇ ۋاقىتتا خەلقنىڭ چىڭ ئىمپېرىيەسىگە قارشى ئازادلىق قوزغىلاڭلىرى يۈز بېرىشكە باشلىدى. سوۋېت تارىخ ئىلمىدە «مىللىي-ئازادلىق ھەرىكەت» دەپ نام ئالغان بۇ كۈرەشكە ئۇيغۇرلاردىن تاشقىرى، تۇڭگانلار، قازاقلار ۋە باشقىمۇ مىللەت ۋەكىللىرى قاتناشتى. مەسىلەن، رۇس تارىخچىلىرىدىن تىخونوف، شاخماتوف، ئۇيغۇر ئالىملىرىدىن مالىك كەبىروف، ئەرشىدىن ھىدايەتوف، داۋۇت ئىسىيېف ۋە باشقىلار ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ كۈرىشىنى مىللىي-ئازادلىق ھەرىكەت دەپ قاراپ، بۇ ھەقتە ئۆز ئەمگەكلىرىنى يېزىپ قالدۇردى.

تارىخ پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى مۇنىر يېرزىننىڭ ئېيتىشىچە، «شەرقىي تۈركىستان»، يەنى ھازىرقى «شىنجاڭ-ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» قەدىمدىن تارتىپ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان چوڭ زېمىن بولۇپ، ئۇ دائىم رۇسىيە، خىتاي، ئەنگلىيە قاتارلىق مەملىكەتلەرنىڭ تالاش-تارتىشىدا بولۇپ كەلگەن. كۆپ ئازاب چەككەن بۇ زېمىن، دائىم ئۆز ئازادلىقى ۋە ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرىشىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ خەلقىنىڭ ئۆتمۈش تارىخى ئالىملار ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ ئىزچىل دىققەت مەركىزىدە بولغان ئىدى. م. يېرزىن ئۇيغۇر دىيارىدا مىللىي-ئازادلىق ھەرىكەتنىڭ ئەسىرلەر بويى توختىماي كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «1757-ۋە 1759-يىللىرى شەرقىي تۈركىستان مانجۇ-خىتاي ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىندى. لېكىن ئىشغالىيەتچىلەرگە قارشى خەلق قوزغىلاڭلىرى توختىماي، ھەمىشە داۋام قىلىپ كەلدى. كۆپ ۋاقىت ئۆتمەستىنلا 1765-يىلدىلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشغالىيەتچىلەرگە قارشى قوزغىلاڭلىرى پارتلاشقا باشلىدى. بۇلار 1810، 1820، 1830، 1840، 1850-يىللىرى كەينى-كەينىدىن داۋام قىلدى. خىتايلاردا مۇنداق بىر گەپ بار ئىكەن: ‹شىنجاڭ ھەر بىر ئون يىلدا كىچىك قوزغىلاڭ، ھەر بىر ئوتتۇز يىلدا بىر چوڭ قوزغىلاڭ بولۇپ تۇرىدىغان جاي› دەپ ئېيتىش ئادەتكە ئايلانغان ئىكەن. ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق بولدى».

ئىلى تەۋەسىدىكى ئۇيغۇر ۋە تۇڭگانلارنىڭ مىللىي كۈرەشلىرى 1864-يىلى باشلاندى. تارىخچى شاخماتوفنىڭ «19-ئەسىردىكى ئۇيغۇر-تۇڭگان مىللىي-ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ تارىخى بويىچە ئوچېركلار»ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، 1864-يىلى، ئىلى تەۋەسىدە دەسلەپ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن تۇڭگانلار مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلار ئۇيغۇرلارسىز مەقسەتكە يېتەلمەيدىغانلىقىنى چۈشىنىپ، ھاكىمبەگ ئابدۇرۇسۇلبەگ باشلىق ئۇيغۇرلارغا مۇراجىئەت قىلغان. ئابدۇرۇسۇلبەگ ئۇيغۇر ۋە تۇڭگانلارنىڭ چوڭلىرىنى يىغىپ، چىڭ ئىمپېرىيەسىگە قارشى بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىش قارارىنى ئالغان.

تارىخچى داۋۇت ئىسىيېف ئۆزىنىڭ 1990-يىلى ئالماتادا نەشر قىلىنغان «يەتتىشەھەر ئۇيغۇر دۆلىتى» ناملىق كىتابىدا مانجۇ سۇلالىسىگە قارشى قوزغىلاڭنىڭ دەسلەپ 1864-يىلى 6-ئاينىڭ باشلىرىدا كۇچاردا يۈز بېرىپ، ئۇنىڭ باشقا جايلارغا، شۇ جۈملىدىن ئىلى ۋىلايىتىگە تۇتاشقانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دەپ يازىدۇ: «1864-يىلىدىكى قوزغىلاڭدا ئىلى ئۆلكىسىدىكى ئاھالىگە باشقا ئۆلكىلەردىكىگە قارىغاندا كۈرەشنى جىددىي ۋە ئۇزاقراق ئېلىپ بېرىشقا توغرا كەلدى. چۈنكى بۇ ئۆلكىدە چىڭ جاڭجۇنى- شەرقىي تۈركىستان بويىچە ھۆكۈمرانلىق ئورنىدا تۇراتتى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىغا باشقا ۋىلايەتلەرگە قارىغاندا كۈچلۈكرەك ئارمىيە توپلانغان ئىدى. قوزغىلاڭنىڭ چىقىشىغا1864-يىلنىڭ بېشىدا جاڭجۇن چاڭنىڭ ئاۋۋالقى ئېغىر سېلىقلار ئۈستىگە يەنە قوشۇمچە سېلىق سېلىشى باھانە بولدى. خەلقنىڭ تۇرمۇشى ناھايىتى ئېغىرلىقىدىن بۇ قوشۇمچە سېلىق بەلگىلەنگەن قەرەلدە تۆلەنمىدى. بۇنىڭدىن غەزەپلەنگەن چاڭ مەزەمزات ھاكىمنى تۈرمىگە تاشلاپ، ئۇنىڭ مۇئاۋىنى ئابدۇرۇسۇلبەكنى ھاكىمبەگ قىلىپ بەلگىلىدى».

داۋۇت ئىسىيېفنىڭ ئېيتىشىچە، ئابدۇرۇسلبەگنىڭ يوشۇرۇن ھالدا تاش ئۆستەڭ، ئارا ئۆستەڭ، دادامتۇ، كەتمەن، غالجات، خونىخاي قاتارلىق يېزىلاردىن توپلىغان ئادەملىرى قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئاساسىي قىسمىنى تەشكىل قىلغان. دەسلەپتە غۇلجا، بايانداي، ئاندىن پەقەت 1866-يىلنىڭ ئاخىرىدا كۈرە سېپىلى ئېلىنغاندىن كېيىنلا ئىلى ۋىلايىتى تولۇق ئازاد قىلىنىپ، ئىلى سۇلتانلىقى بارلىققا كەلگەن ئىدى.

مەزكۇر كىتابتا ئېيتىلىشىچە، سۇلتانلىقنىڭ يەر مەيدانى 50 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسىنىڭ سانى 150 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، غەربىي-شىمالىدا رۇسىيە، قالغان تەرەپلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدا قۇرۇلغان« يەتتىشەر ئۇيغۇر دۆلىتى »بىلەن چېگرىلانغان. ئىلى سۇلتانلىقىنىڭ مەمۇرىي قۇرۇلۇشى يەتتىشەر دۆلىتىدىن بىر ئاز پەرقلەنگەن، يەنى سۇلتان چوڭ ئەمەلدارلار مەجلىسى تەرىپىدىن سايلىنىپ، خەلق مەنپەئىتىنى كۆزلەپ، دۆلەتنى باشقۇرمىسا، تەختتىن ئېلىنىپ، باشقا ئادەم سايلانغان. مەنبەلەرگە قارىغاندا، كۆپلىگەن ئۆزئارا ئىختىلاپلار نەتىجىسىدە ئىلى سۇلتانلىقىنىڭ سۇلتان لاۋازىمىنى مەزەمزات، ئەھمەدخان غوجا، شاۋكەتاخۇنلار ئاتقۇرغان. پەقەت 1867-يىلنىڭ باشلىرىدا ئەلاخان ئوبۇل ئوغلى سۇلتانلىق تەختىگە ئولتۇرغان.

ر. سۈلېيمېنوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ ئىلمىي خادىمى،تارىخ پەنلىرى كاندىدات دوكتورى زۇلپىيە كەرىموۋانىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىلى ۋىلايىتى، قەشقەرىيە ۋە باشقىمۇ رايونلىرىدا يۈز بەرگەن قوراللىق قوزغىلاڭلار ئاساسىي جەھەتتىن چىڭ ئىمپېرىيەسىگە قارشى قارىتىلغان بولسىمۇ، ئۇلار ئارىسىدا پىكىر بىرلىكى ۋە ئىتتىپاقلىق بولمىغان. شۇنداقتىمۇ، مەسىلەن، ئىلى سۇلتانلىقى بىلەن يەتتىشەر دۆلىتىدىكى ئۇيغۇرلار بىر مەقسەتنى كۆزلىگەن. بۇ ھەقتە ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىلى ۋىلايىتىدە ئېلىپ بارغان مىللىي-ئازادلىق ھەرىكىتى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدا يۈز بەرگەن قوزغىلاڭلارنى، ئەلۋەتتە، بىر مەقسەت بىرلەشتۈرگەن، يەنى ئازادلىق، مۇستەقىللىق، ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش. ئىككىنچىدىن، شۇ ۋاقىتتىكى ئىلى ۋىلايىتى، قەشقەرىيە، ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار قانداش، تومۇرداش، بىر مىللەت ۋەكىللىرىدۇر. سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ ئىنتايىن مۇرەككەپ بولغىنىغا قارىماي، ئۇلار ئارىسىدىكى سودا-ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە باشقىمۇ ئالاقىلەر ھېچ قاچان ئۈزۈلمىگەن. تارىختىن ياخشى مەلۇمكى، 17-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرى جۇڭغارلار ئاق تاغلىق ۋە قارا تاغلىق خوجىلارنىڭ ئۆزئارا ماجىرالىرىدىن پايدىلىنىپ شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغان بولسا، 18-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرى خىتاينىڭ چىڭ ئىمپېرىيەسى جۇڭغارىيەنى، ئاندىن شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالدى. مانا شۇ 1759-يىلدىن تارتىپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي-ئازادلىق ھەرىكىتى باشلاندى».

ز. كەرىموۋانىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇيغۇرلار ۋە باشقىمۇ مىللەتلەر باسقۇنچىلارغا قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتكەن. ئەمما باسقۇنچىلارنىڭ مۇنتىزىم ئارمىيىسى دائىم بۇ قوزغىلاڭلارنى رەھىمسىز بېسىپ، ئەلنى تالان-تاراج قىلغان، خەلقنى قىرغان، تۈرمىلەرگە تاشلىغان، چۆل-دالالارغا سۈرگۈن قىلغان. مەسىلەن، 1765-يىلى ئۇچتۇرپان قوزغىلىڭىنى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، مىڭلىغان ئادەم، ئاساسەن قېرىلار، ئاياللار، بالىلار ئىلى ۋىلايىتىگە پالانغان. شۇ خەلقنىڭ يۈرىكىدە باسقۇنچىلارغا بولغان نەپرەت، ئەركىنلىككە بولغان ئىنتىلىش يەنىمۇ ئونلىغان يىللار مابەينىدە ساقلىنىپ قالغان.

تارىخچى ئەرشىدىن ھىدايەتوفنىڭ 1978-يىلى يورۇق كۆرگەن «ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ مىللىي-ئازادلىق ھەرىكەتلىرى» ناملىق كىتابىدا كۆرسىتىلىشىچە، مانجۇ ئىمپېرىيەسى پەقەت ئۇچتۇرپان قوزغىلىڭىغا قاتناشقان 12500 ئادەمنى سىياسىي جىنايەتچىلەر دەپ، ئىلى ۋىلايىتىگە پالىغان. ئۇ ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ مانجۇ-خىتاي مەمۇرلىرىنى بېقىش ئۈچۈن دېھقانچىلىق قىلىپ، كۆپ ئازابلانغانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دەپ يازغان: «بىرىنچى نۆۋەتتە مانجۇلار ئۆز ئازادلىقى ۋە مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش ئېلىپ بارغان ئۇيغۇرلارنىڭ يەرلىرىنى ۋە مال-مۈلۈكلىرىنى مانجۇ خانلىقىنىڭ قولىغا ئۆتكۈزىدۇ. لېكىن مانجۇ خانلىقى بۇنىڭ بىلەنلا قانائەتلەنمەيدۇ. ئۇ ئىككىنچى نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يەرلىرىنىمۇ دۆلەت مۈلكىگە ئايلاندۇرىدۇ».

ئەنە شۇنداق ئازابلارغا چىدىمىغان خەلق بىر نەچچە قېتىم قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ھەر قېتىمدا ياخشى قوراللانغان ئەسكەرلەر تەرىپىدىن قاتتىق باستۇرۇلدى. لېكىن ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ تەقدىرى باشقىچە بولدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت