قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى تەتقىق قىلىشنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2015.02.01
qazaqistan-uyghur-til-edebiyat-enjumani.JPG ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى مۇئەللىملىرىنىڭ 2-رايونلۇق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2014-يىلى 26-ئاپرېل، ئالماتا.
RFA/Oyghan


قازاقىستان ئۇيغۇرشۇناسلىق پەنىنىڭ ئاجرالماس قىسمى بولغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى تەتقىق قىلىش ئۆتكەنكى ئەسىردە باشلانغان ئىدى. كېيىنكى ۋاقىتلاردا بۇ ساھە ھەرتەرەپلىمە قولغا ئېلىنغان بولۇپ، جەمئىيەتتە يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەر تۈپەيلى ھەر خىل دەرىجىدە راۋاجلىنىپ كەلدى. ئەدەبىياتشۇناس ئالىملار ئۆز تەتقىقاتلىرىنى ھەر يىللىرى تۈرلۈك نەشىرلەردە ھەم جۇمھۇرىيەتلىك ۋە خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا ئېلان قىلدى. سوۋېت دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ۋە قازاقىستان مۇستەقىللىككە ئىگە بولغان دەسلەپكى يىللىرى ئەدەبىياتشۇناسلىق پەنىنىڭ تەرەققىياتى يۇقىرى پەللىسىگە يەتتى.

ھازىرقى كۈندە بۇ ساھە قانداق جەريانلارنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ؟ ئۇيغۇر ئەدەبىياتشۇناسلىق تەتقىقاتى قايسى يۆنىلىشلەردە داۋام قىلىۋاتىدۇ؟ ئۇ قانداق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە؟

بىز بۇ ھەقتە قازاقىستان بىلىم ۋە پەن مىنىستىرلىكى مۇختەر ئاۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ باش ئىلمىي خادىمى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئالىمجان ھەمرايېف بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.