رۇسىيىلىك تارىخچى سېرگېي كلياشتورنىي ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقاتىنى يەنىمۇ داۋام قىلماقتا
2013.10.06
ئۆز ۋاقتىدا ئۇيغۇرلار تارىخى كۆپلىگەن ئاتاغلىق ئالىملارنىڭ دىققەت مەركىزىدە بولغانلىقى ھەمدە بۇ ھەققىدە نۇرغۇنلىغان ئەمگەكلەرنىڭ يورۇق كۆرگەنلىكى مەلۇمدۇر. ئىنگلىز، نېمىس، فرانسۇز، رۇس ۋە باشقىمۇ تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن تارىخ ۋە باي مەدەنىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ھازىرغىچە ئۈزلۈكسىز تەكىتلەپ كەلگەن ئىدى.
بۇ يۆنىلىشتە بولۇپمۇ رۇسىيە ئىمپېرىيىسى، شۇنداقلا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىملىرى جىددىي ئىشلەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ پەقەت تارىخىلا ئەمەس، بەلكى ئېتنوگرافىيىسى، تىلى، ئەدەبىياتى، مەدەنىيىتى بويىچە بىباھا ئەمگەكلەرنى يېزىپ قالدۇرۇپ كەتتى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ھازىرمۇ شۇ تېمىنى داۋام قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تېخى پۈتۈنلەي ئۈگىنىلمىگەن ياكى يېتەرلىك دەرىجىدە تەتقىق قىلىنمىغان ساھەلىرىنى ئۈگىنىشنى داۋام قىلماقتا. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى تارىخچى، شەرقشۇناس ئالىم سېرگېي كلياشتورنىيدۇر.
س. كلياشتورنىي ئەللىك يىلدىن ئوشۇق ۋاقىت مابەينىدە تۈركىي خەلقلەرنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي ۋە ئوتتۇرا ئەسىر تارىخىنى، يازما يادىكارلىقلىرىنى تەتقىق قىلىپ، بىر قاتار سالماقلىق ئەمگەكلەرنى نەشر قىلغان ئالىمدۇر. ئۇ «قەدىمىي تۈرك رۇنىك يادىكارلىقلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى بويىچە مەنبە سۈپىتىدە»، «مەركىزىي ئاسىيا تارىخى ۋە رۇنىك يېزىقى يادىكارلىقلىرى«، «ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ رۇنىك يادىكارلىقلىرى ۋە ياۋروئاسىيا دالالىرى تارىخى» قاتارلىق بىر قانچىلىغان كىتابلارنىڭ ئاپتورىدۇر. ھازىر ئۇ رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ سانكت - پېتېربۇرگتىكى بۆلۈمىدە، شۇنداقلا بىر قاتار ئالىي مەكتەپلەردە ئىشلەۋاتماقتا.
رۇسىيىنىڭ سانكت - پېتېربۇرگ شەھىرىدە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان 85 ياشلىق سېرگېي كلياشتورنىي رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، رۇسىيە ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلىمىنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى ھەققىدە قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.