تارىخ تەرەققىيات ئەينىكى ! تارىخ ئۆتكەن ۋەقەلەرنىڭ قۇرۇق خاتىرىسى ئەمەس، بەلكى كېلەچەكنىڭ يول كۆرسەتكۈچى ماياكى ! تارىخ ئۆتمۈشنىڭ ئەپسانە -چۆچەكلىرى ئەمەس، بەلكى بېسىپ ئۆتۈلگەن قەھرىمانلىق مۇساپىلىرىنىڭ ھېقىقى ئۆچمەس ئىز تامغىلىرى ! تارىخ يىغا-زارى، نالە-پەرياد ۋە بىچارىلىك مۇڭى بىلەن تولغان ئاجىزلارنىڭ كۆز يېشى ئەمەس! بەلكى باتۇرلارنىڭ ئۆز رەقىپلىرىگە قارشى قەھرلىك ۋە ھەيۋەتلىك نەرە سادالىرىدۇر!
تارىخ ئەجدادلاردىن قالغان تەجرىبە-ساۋاقلار دەستۇرى! تارىخ تۈنۈگۈن بىلەن بۈگۈن، ئۆتمۈش بىلەن كېلەچەكنى مۇستەھكەم باغلىغۇچى ئۈزۈلمەس ئارقان! ساداقەتمەنلىك، دوستلۇق، ئىناقلىق ۋە چوڭقۇر مېھرى-مۇھەببەتلىك تۇيغۇلارنىڭ مۇپەسسەل بايانى! ساتقۇنلۇق، رەھىمسىزلىك، ھەسەتخورلۇق ھەم ئۈمىدسىزلىكە بېرىلگەن ئەڭ شەپقەتسىز جازا! كۆپ ئەسىرلىك دۇنيا ۋە ئۇيغۇرلار تارىخى ئەنە شۇنداق مول مەزمۇنلارغا مۇجەسسەملەشكەن، ئەگەر سىز ئۆتمۈش بىلەن بۈگۈننىڭ مۇناسىۋىتىنى چۈشەنمەكچى بولسىڭىز «تارىخ ۋە بۈگۈن» سەھىپىمىزگە قۇلاق سالغايسىز!
بۇ سەھىپىمىزدە، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى، يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان تارىخى، جۈملىدىن 20-ئەسىردە بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىلىرىگە ئائىت مۇھىم ۋەقەلەر ئەسلىنىپ ئۆتۈلىدۇ. 19-20-ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر ئېلى، خىتاي ۋە ياۋرو-ئاسىيانىڭ ھەربىي-سىياسىي، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت تارىخى ۋەقەلىرى، جۈملىدىن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر ۋە توقۇنۇشلارنىڭ ئۇيغۇرلار ھاياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرلىرى، بۇلارنىڭ بۈگۈنكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى قاتارلىق كۆپ نۇقتىلار تەتقىقاتچى-مۇتەخەسسىسلەر، تارىخىي شاھىتلار ۋە كۆزەتكۈچىلەر تەرىپىدىن بايان ھەم ئانالىز قىلىنىدۇ.
بۇ پروگراممىمىز ھەر يەكشەنبە كۈنى ھاۋا دولقۇنلىرىدا تارقىتىلىدۇ شۇنداقلا تور بېتىمىزنىڭ «تارىخ ۋە بۈگۈن» سەھىپىسىگە قويۇلىدۇ . «تارىخ ۋە بۈگۈن» سەھىپىسىدىن ھۇزۇرلىنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.