«كۆك تەڭرىنىڭ بالىلىرى» ناملىق كىتابتا قەدىمكى ئۇيغۇر تارىخىمۇ بايان قىلىنغان
2017.04.23
ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى تونۇلغان تارىخچى پروفېسسور دوكتور ئەخمەت تاشاغىل يازغان«كۆك تەڭرىنىڭ بالىلىرى» ناملىق كىتاب نەشردىن چىقتى. ئىستانبۇل بىلگى كۈلتۈر-سەنئەت نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان كىتاب 368 بەتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، مەزكۇر كىتابتا تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئىسلام دىنىغا كىرىشتىن بۇرۇنقى تارىخى بايان قىلىنغان. مەزكۇر كىتاب، ئىسلام دىنىغا كىرىشتىن بۇرۇنقى تۈرك قوۋملىرىنىڭ تارىخى، ھونلارنىڭ دۇنياسى، ھونلار دەۋرىدىكى خەلقلەر، ھۇن دەۋرىدىكى ئورتا ئاسىيا يايلاقلىرىدىكى قوۋملار، ھۇنلاردىن كېيىنكى ئوتتۇرا ئاسىيا، كۆك تۈركلەر، كۆك تۈركلەر ۋە قەدىمكى تۈركلەردىكى دۆلەت تۈزۈمى، ئۇيغۇرلار، قىرغىزلار، كىمەكلەر، تۈرگەشلەر، ئوغۇزلار، قارلۇقلار، شەرقىي ياۋروپادىكى تۈرك دۆلەت ۋە قوۋملىرى قاتارلىق تېمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.«كۆك تەڭرىنىڭ بالىلىرى» ناملىق كىتابنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇرلار قىسمىدا، قەدىمدىن دۆلەت قۇرغىچە بولغان دەۋردىكى ئۇيغۇرلار، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىققا ئېرىشىشى ۋە ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ كۈچلىنىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ رەقىب مىللەتلەردىن كۈچلۈك بولۇشىدىكى سەۋەبلەر، مويۇنچۇر خاقان، بۆگۈ خاقاننىڭ مانى دىنىنى قوبۇل قىلىشى، ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ يىمىرىلىشى، گەنسۇ ئۇيغۇرلىرى، بېشبالىق ئۇيغۇرلىرى، ئۇيغۇر دەۋرىنىڭ ئومۇمىي ئالاھىدىلىكى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، ئۇيغۇر بىناكارلىقى، ئۇيغۇرلاردا قانۇن ۋە ئىقتىساد قاتارلىق مەزمۇنلار بايان قىلىنغان.تۈركلەر ئىسلام دىنىغا كىرىشتىن بۇرۇنقى تۈرك تارىخى توغرىسىدا تۈركىيەدە مەرھۇم پروفېسسور دوكتور باھائەتتىن ئۆگەل، پروفېسسور دوكتور ئۆزقان ئىزگى، پروفېسسور دوكتور رېشىت راھمەتى ئارات قاتارلىق تونۇلغان تارىخچىلار كۆپ ساندا كىتاب يېزىپ قالدۇرغان بولۇپ، پروفېسسور دوكتور ئاخمەت تاشاغىل ئەپەندىنىڭ بۇ كىتابى، بۇرۇنقىلارغا قارىغاندا ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بىر ئەسەر ئىكەن. دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئالدى بىلەن تۈركىيەدىكى قەدىمكى تۈرك تارىخى تەتقىقاتىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنىڭ بەزى دۆلەتلەردىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئاجىز ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
قەدىمكى تۈرك تارىخى ۋە ئۇيغۇر تارىخى قەدىمكى خىتاي مەنبەلىرىدە خاتىرىلەنگەن بولۇپ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى 1923-يىلى قۇرۇلغاندىن بېرى قەدىمكى تارىخ تەتقىقاتىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن، 1960-يىللاردىن كېيىن كۆپ ساندا ئوقۇغۇچىنى تەيۋەنگە ئەۋەتىپ قەدىمكى خىتاي تىلىنى ئۆگەتكەن. ئەخمەت تاشاغىل ئەپەندىمۇ 1985-يىلى تەيۋەنگە بېرىپ قەدىمكى خىتاي تىلى ئۆگەنگەن. دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى«كۆك تەڭرىنىڭ بالىلىرى» ناملىق كىتابنىڭ خىتاي مەنبەلىرىنى ئاساس قىلىپ يېزىلغانلىقىنى بايان قىلدى. دوكتور ئەركىن ئەكرەم پروفېسسور دوكتور ئەخمەت تاشاغىل يازغان«كۆك تەڭرىنىڭ بالىلىرى» ناملىق كىتابنىڭ ئۇنىڭ بۇرۇن يازغان 3 كىتابىنى بىر كىتاب قىلىپ نەشر قىلدۇرغان ئەسەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى شۇنداقلا بۇ كىتابتا ئۇيغۇرلارغا 30 بەت ئايرىلغانلىقىنى، بۇنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. تۈركىيەنىڭ ئىزمىر شەھىرىدىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى ئوقۇتقۇچىسى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامدىن بۇرۇنقى تارىخى توغرىسىدىكى تەتقىقاتنىڭ كەمچىل ئىكەنلىكىنى، بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئەخمەت تاشاغىل مۇئەللىم يازغان كىتابنىڭ بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇشتا پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
تۈركىيەدە تۈركلەر مۇسۇلمان بولۇشتىن بۇرۇنقى تۈرك تارىخى تەتقىق قىلىۋاتقان مەزكۇر كىتابنىڭ ئاپتورى تونۇلغان تارىخچى ئەخمەت تاشاغىل ئەپەندى 1964-يىلى دۇنياغا كەلگەن. 1981-يىلىدىن 1985-يىلىغىچە ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ كەسپىدە ئوقۇغان. 1985-يىلىدىن 1987-يىلىغىچە تەيۋەندە خىتاي تىلى ئۆگەنگەن. 1987-يىلىدىن تارتىپ ئىستانبۇل مىمار سىنان ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلماقتا. ئۇ، سىبىرىيەدىكى تۈركىي ئاپتونوم رايونلار، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى، موڭغۇلىيە ۋە ئۇيغۇر دىيارلىرىغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. ئۇنىڭ تۈركىيەدە ۋە چەتئەلدە بولۇپ 5 كىتاب، 200 ئەتراپىدا ماقالىسى ئېلان قىلىنغان.