مۇنىر يېرزىن: 1945-1947-يىللىرى ئۈرۈمچىدە خىتايلار سېپىل ئىچىگە بېكىنىپ ياشايتتى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2019.11.29
urumqi_1950.jpg ئەينى ۋاقىتتىكى ئۈرۈمچى. 1950-يىللىرى.
Social Media

ھازىرقى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ چوڭ شەھەر ئۈرۈمچى، نوپۇس جەھەتتە خىتاي ئاھالىسى زور كۆپچىلىكنى تەشكىل قىلغان، ھەتتا شەھەر شىمالىدىكى خېلى كۆپ قىسىم جايلار ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خۇددى ئىچكىرى خىتايغا بېرىپ قالغاندەك تۇيغۇ بېرىدىغان، يەنى ئۇيغۇرلارنى كۆرگىلى بولماس شەھەرگە ئايلانغان.

2018-يىللىق خىتاي ھۆكۈمەت سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ دائىملىق ئاھالىسى 3 مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق، رەسمىي نوپۇستىكىسى 2 مىليون 220 مىڭدىن ئارتۇق، ئاھالىنىڭ 74% ى خىتايلار بولۇپ، ئۇيغۇرلار 380 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەن. قالغانلىرى تۇڭگان، قازاق ۋە باشقا مىللەتلەردۇر. 

ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۈرۈمچىنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكلىرى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا خاس بولغان ئالاھىدىلىكلىرى پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئاخىرلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كونا رايونلىرىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى پىلانى بويىچە، شەھەردىكى بۇرۇندىن تارتىپ ئۇيغۇرلار ئاساس قىسىمنى ئىگىلىگەن رايونلار، مەھەللىلەر پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىلىپ، خىتايچىلاشتۇرۇلغان. ئۈرۈمچىنىڭ جەنۇبىي قوۋۇقتىن باشلانغان ۋە باشقا ئەتراپتىكى ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنىڭ ھەممىسى پۈتۈنلەي دېگۈدەك يوقىتىلغان. ئەمما، تارىخىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 1949-يىلىدىن ئىلگىرى ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسىنىڭ يېرىمىدىن ئازراقى خىتايلار ئىدى. ئەينى ۋاقىتتىكى گومىنداڭ تارىخچىسى جاڭ داجۈنمۇ، ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسىنىڭ يېرىمىنىڭ خىتايلار ئىكەنلىكىنى يازىدۇ. 

1943-1945-يىللىرى ئارىسىدا ئۈرۈمچىدىكى ئۆلكىلىك خىتاي دارىلمۇئەللىمىنىدە ئوقۇغان، ھازىر قازاقىستاندا ياشاۋاتقان 92 ياشلىق تاتار زىيالىيسى، ئۇيغۇر تارىخى مۇتەخەسسىسى ۋە 1946-1949-يىلللىرى، ئۈرۈمچىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى»، غۇلجىدىكى «ئىنقىلابى شەرقىي تۈركىستان» گېزىتىنىڭ مۇخبىرى مۇنىر يېرزىننىڭ ئەسلىشىچە، بۇنىڭدىن 70 يىللار ئىلگىرى ئۈرۈمچى شەھىرىدە خىتايلار شەھەر سېپىلى ئىچىگە بېكىنىپ ياشايتتى. ئۇ، ئۆز ئەسلىمىلىرىنىڭ بۈگۈنكى قىسمىدا ئەينى ۋاقىتتىكى ئۈرۈمچىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە توختالدى.

مۇنىر يېرزىن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار نوپۇس جەھەتتە ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئاھالىنىڭ 75% نى تەشكىل قىلاتتى. خىتايلار پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارى بويىچە ئاز سانلىق مىللەت، بولۇپمۇ جەنۇبتا ۋە شىمالدىكى ئازاد شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان ئۈچ ۋىلايەتتە تېخىمۇ بەك ئازسانلىق ئىدى. مانا ھازىرقى بۇ غايەت زور خىتاي ئاھالىسى 1950-يىللاردىن باشلانغان توختاۋسىز نوپۇس كۆچۈرۈشنىڭ نەتىجىسىدىن ئىبارەتتۇر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.