خەلقئارالىق يىغىنىدا ئۇيغۇر مائارىپ تارىخى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2017.11.23
turkiy-tilliq-milletler-qurultiyi-programma.jpg «تۈركىي تىللىق مىللەتلەر قۇرۇلتىيى» نىڭ پروگرامما چۈشەندۈرۈلۈشى. 2017-يىلى 13-نويابىر، ئەنقەرە.
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدىكى شېراتون مېھمانخانىسىدا چاقىرىلغان «تۈركىي تىللىق مىللەتلەر قۇرۇلتىيى» دا تۈركىيەنىڭ ئافيون شەھىرىدىكى قوجاتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرى ۋە ئەدەبىياتلىرى فاكۇلتېتى ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەخمەت قارامان ئەپەندىنىڭ «ئۇيغۇر مائارىپ تارىخى» ناملىق دوكلاتى بىلىم ئادەملىرىنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى تارتتى.

تۈركىي خەلقلەردىن يېتىشىپ چىققان 30 دىن ئارتۇق بىلىم ئادەملىرى ئىشتىراك قىلغان بۇ يىغىندا دوكتور ئەخمەت قارامان ئەپەندى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئورخۇن-يېنىساي بويىدا قۇرغان ئۇيغۇر دۆلىتى مەزگىلىدىن 1950-يىللارغىچە بولغان جەرياندا مۇنتىزىم مىللىي مائارىپىنىڭ بولغانلىقىنى، بۇ تارىخىي دەۋرلەر ئىچىدە بەزى دەۋرلەردە ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقىنى، بەزى دەۋرلەردە بولسا تۈرلۈك سىياسىي، ئىقتىسادىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئارقىغا چېكىنىپ كەتكەنلىكىنى مىساللار بىلەن بايان قىلىپ ئۆتتى.

دوكتور ئەخمەت قارامان ئەپەندى دوكلاتىدا ئۇيغۇر مائارىپ تارىخى توغرىسىدا نۇقتىلىق بايان قىلىدىغان مەزمۇنلار توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر مائارىپ تارىخى ئۇيغۇرلار كۆك تەڭرىگە ئېتىقاد قىلغان مەزگىلىدىن تارتىپ، مانىخىزىم ۋە بۇدىزىم شۇنداقلا بۈگۈنگىچە بولغان ئۇزاق مەزگىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمما مەن بۈگۈنكى دوكلاتىمدا سەئىدىيە خانلىقى مەزگىلىدىن تارتىپ بۈگۈڭىچە بولغان ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن.»

دوكتور ئەخمەت قارامان ئەپەندى ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ سەئىدىيە خانلىقى مەزگىلىدە ناھايىتى گۈللەنگەنلىكىنى، خوجىلار دەۋرى مەزگىلىدە چېكىنگەنلىكىنى، 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا چەتئەلدە ئوقۇپ كەلگەن ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن يېڭى ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ بەرپا بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «سەئىدىيە خانلىقىنىڭ باشلانغۇچ يىللىرىدا تەرەققىي قىلغان ئۇيغۇر مائارىپى ۋە مەدەنىيىتى تاجاۋۇزچىلار بىلەن تىل بىرىكتۈرگەن ھىدايەتتۇلاھ خان، يەنى خوجىلار دەۋرىدە چېكىنىشكە باشلىغان. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا چەتئەلدە ئوقۇپ كەلگەن زىيالىيلار بىلەن تۈركىيەدىن بارغان مائارىپچىلار يېڭى ئۇيغۇر مائارىپىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقارغان.»

دوكتور ئەخمەت قارامان ئەپەندى سەئىدىيە خانلىقى مەزگىلىدە بىرىنچى بولۇپ، مائارىپقا ۋە سەنئەتكە زور ئەھمىيەت بېرىلگەنلىكىنى، بۇ دەۋرنىڭ ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىكى ئالتۇن دەۋر بولغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «سەئىدخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى مەدەنىيەت-مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن سەنئەتچىلەرنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن. ئالىي تەلىم-تەربىيە ئېلىپ بارىدىغان مەدرىسە، باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى قۇرغان. بۇ مەزگىلدە كۆپ ساندا ئالىملار، مۇئەللىملەر، مۇزىكىشۇناسلار، تارىخچىلار، ئەدىبلەر ۋە بىناكارلار يېتىشكەن. 1522-يىلىدا قۇرۇلغان مىرزا ھەيدەر مەدرىسىسى، 1609-يىلى قۇرۇلغان ئاخۇن مەدرىسىسى ئۇ دەۋرنىڭ مەشھۇر بىلىم يۇرتى سۈپىتىدە تونۇلغان.»

دوكتور ئەخمەت قارامان ئەپەندى 1678-يىلىدا خوجىلار دەۋرى مەزگىلى باشلانغاندىن كېيىن ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ چۆكۈشكە قاراپ يۈز تۇتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئاپاق خوجا دەپ تونۇلغان ھىدايەتۇللا خوجا ئەسەبىي بىر كىشى ئىدى. ئاپاق خوجانىڭ جۇڭغارىيە دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمدارى غالدان خانننىڭ ياردىمى بىلەن ھاكىمىيەتنى قولغا چۈشىرىۋېلىشى بىر مىللەتنىڭ پالاكەتكە غەرق بۆلىشىنىڭ باشلانغۇچى بولغان. بۇ دەۋردىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ بىر بىرلىك قۇرالمىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. بۇ مەزگىلدە ئۇيغۇر مائارىپىدە زور چېكىنىشلەر يۈز بېرىپ، ئۇيغۇرلار نادانلىققا قاراپ يۈز تۇتقان. شەرقىي تۈركىستان بۇ مەزگىلدە مانجۇلار تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان.»

دوكتور ئەخمەت قارامان ئەپەندى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ زەئىپلىككە چۆمگەنلىكىنى، بۇنى كۆرگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ مىللىتىنى ئويغىتىش ئۈچۈن يېڭىچە مەكتەپلەر ئاچقانلىقىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئۇيغۇرلاردا ئېغىر نادانلىق، خۇراپىيلىك ھۆكۈم سۈرمەكتە ئىدى. سەئىدىيە خانلىقى مەزگىلىدىكى مائارىپ مەشئىلى ئۆچۈپ، تارىم ئويمانلىقىنى زۇلمەت قاپلىغان ئىدى. بۇ مەزگىلدە ياۋروپادا بىلىم ۋە تېخنىكا تېزلا تەرەققىي قىلىۋاتاتتى. بۇنى كۆرگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى خەلقىنى ئويغىتىش ئۈچۈن يېڭىچە مەكتەپ ئېچىشقا باشلىغان. تۇنجى بولۇپ ئاتۇش، غۇلجا، قەشقەر ۋە تۇرپان قاتارلىق جايلاردا يېڭىچە مائارىپ بەرپا قىلىش ئۈچۈن مەكتەپلەر ئېچىلىشقا باشلىغان. بۇ ھەرىكەت نۇرغۇن توسالغۇلارغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر مائارىپى ئۈزۈلمەي داۋاملاشقان.»

دوكتور ئەخمەت قارامان ئەپەندى دوكلاتىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىي قەۋىملەر ئىچىدە تۇنجى بولۇپ شەھەر تۇرمۇشىغا ئۆتكەن، ئۆز ئالدىغا مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلغان بىر خەلق ئىكەنلىكىنى، باشقا تۈركىي خەلقلەر ئۆزىنىڭ مائارىپ تارىخىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈنمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپ تارىخى توغرىسىدىكى ماتىرىياللارغا ئىلتىماس قىلىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ دوكلاتىدا ئومۇمىي تۈرك مەدەنىيىتىگە، مائارىپىغا بۇنداق زور تۆھپىلەرنى قوشقان بىر خەلقنىڭ 21-ئەسىردىكى بۈگۈنكى كۈندە ئانا تىلدا مائارىپ ئېلىپ بېرىش ھوقۇقىنىڭ قوللىرىدىن ئېلىنغانلىقىنى، خىتاينىڭ بېسىمى ئاستىدا ياشاشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىزمىردىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، دوكتور ئەخمەت قارامان ئەپەندى سۇنغان ماقالىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەرىپىنىڭ ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى، بۇنىڭ مائارىپ تەتقىقاتى ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بۇرۇن تۈركىيەدە كۆپرەك ئۇيغۇر تىلى، تارىخى ۋە ئەدەبىياتى توغرىسىدا تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، كېيىنكى يىللاردا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، مائارىپى ۋە ئىقتىسادى توغرىسىدىمۇ تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلىشقا باشلىغانلىقىنى بايان قىلدى.

دوكتور ئەخمەت قارامان ئەپەندى «ئۇيغۇر مائارىپ تارىخى» ناملىق بۇ دوكلاتىنى 13-نويابىردىن 16-نويابىرغىچە ئەنقەرەدە چاقىرىلغان «تۈركىي تىللىق مىللەتلەر قۇرۇلتىيى» دا كۆپچىلىككە سۇندى. مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، گېرمانىيە، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى، ياپونىيە، تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدىن بولۇپ 360 دەك تەتقىقاتچى قاتناشقان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.