ئۇيغۇرلارنىڭ قازاقىستانغا ئاممىۋى كۆچۈش تارىخىدىن
2017.04.20
مەلۇمكى، ھازىر قازاقىستان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى جەھەتتىن دۇنيا بويىچە ئۇيغۇر ئېلىدىن كېيىن ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شۇنداقلا قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ۋە تۈركمەنىستان جۇمھۇرىيەتلىرىگىمۇ تارقالغان.
تارىختىن مەلۇم بولۇشىچە، 19-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن باشلاپ پۈتكۈل ئۇيغۇر ئېلىدە كۆتۈرىلگەن مىللىي-ئازادلىق ھەرىكەت نەتىجىسىدە غۇلجا شەھىرىنى مەركەز قىلغان مۇستەقىل ئىلى سۇلتانلىقى ۋە قەشقەرنى مەركەز قىلغان يەتتىشەر دۆلىتى ۋۇجۇتقا كەلگەن ئىدى. مەزكۇر مەملىكەتلەر بولۇپمۇ ئانگلىيە، خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ سىياسىي تەسىرى ئاستىدا بولدى. 19-ئەسىرنىڭ يەتمىشىنچى يىللىرى ھەر ئىككى مەملىكەت رۇسىيە ۋە چىن ئىمپېرىيىلىرى تەرىپىدىن يوقىتىلدى. ھازىر قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەنە شۇ ئىلى ۋىلايىتىدىن كۆچۈپ چىقىپ ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئەۋلادلىرى دەپ قارالماقتا.
تارىخچى ئابلەھەت كامالوفنىڭ ئېيتىشىچە، قازاقىستان ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ تارىخى يىراق ئۆتمۈشتىن باشلانغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار ۋە مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرى بىر تارىخقا ئىگە بولغان. تارىخنىڭ ئىلگىرىكى كۆپلىگەن دەۋرلىرىدە ئۇيغۇر دىيارى ۋە يەتتىسۇ تېررىتورىيەلىرى بىر قاتار كۈچلۈك مەملىكەتلەرنىڭ، شۇ جۈملىدىن تۈرك قاغانلىقىنىڭ، قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ، موغۇلىستاننىڭ تەركىبىگە كىرگەن ئىدى.
ئا. كامالوف ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى ئاممىۋى كۆچۈشلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىلى ۋىلايىتىدە قۇرۇلغان ئۇيغۇر سۇلتانلىقى بىلەن باغلاشتۇرۇپ، مۇنداق دېدى: «1871-يىلى ئىلى سۇلتانلىقى تېررىتورىيىسىنىڭ چار رۇسىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنىشى نەتىجىسىدە ئەلاخان باشلىق ئۇيغۇرلارنىڭ چوڭ بىر قىسمى ۋېرنىي شەھىرىدىن شىمالغا كۆچۈرۈلگەن بولۇپ، سۇلتان ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھەم يېقىنلىرىنىڭ مەھەللىسى قۇرۇلغان ئىدى. كېيىنرەك بۇ مەھەللە ئالماتا شەھىرىنىڭ تەركىبىدە بولۇپ قالدى. ئۇ يەرنى ئۇيغۇرلار مۇشۇ كۈنگىچە <سۇلتانقورغان> دەپ ئاتايدۇ. 1881-يىلقى سانكت-پېتېربۇرگ شەرتنامىسىگە بىنائەن ئىلى ۋىلايىتى رۇسىيە تەرىپىدىن چىن ئىمپېرىيىسىگە تاپشۇرۇلغاندا ئىلى ئاھالىسىگە رۇسىيەنىڭ يەتتىسۇ ۋىلايىتىگە كۆچۈش ھوقۇقى بېرىلدى. شۇ ۋاقىتتا ئاممىۋى كۆچۈش 1881-يىلدىن 1883-يىلغىچە سوزۇلدى. بۇ كۆچۈش نەتىجىسىدە 45مىڭ ئۇيغۇر يەتتىسۇ رايونىغا كېلىپ ئورۇنلاشتى. ئۇلار ۋېرنىي ۋە ياركەند ناھىيەلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بۇ جەھەتتە ياركەند ئۇيېزى( ناھىيەسى) ئەنە شۇ ئىلى ۋىلايىتى رۇسىيەنىڭ قول ئاستىدا بولغان ۋاقىتتا قۇرۇلغان ئىدى. كېيىن ئۇ يەتتىسۇ ۋىلايىتى تەركىبىگە كىرگۈزۈلدى. مانا شۇ تېررىتورىيەدە بەش بولۇسلۇق قۇرۇلدى: ياركەند-تارانچى بولۇسلۇقى، ئاقسۇ-چارىن بولۇسلۇقى، مالىۋاي، قورام ۋە قاراسۇ بولۇسلۇقلىرى. 1909-يىلى ياركەند-تارانچى بولۇسلۇقىدا ئاقكەند بولۇسلۇقى بۆلۈنۈپ چىقتى. باشتا 42 ئۇيغۇر يېزىلىرى قۇرۇلغان ئىدى. كېيىن، يەنى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۇلارنىڭ سانى 99 غا يەتتى».
1914-يىلى سانكت-پېتېربۇرگ شەھىرىدە نەشىر قىلىنغان پيېتر رۇميانسېفنىڭ «تارانچى» ناملىق كىتابىدا ئىلى ۋىلايىتىنىڭ قايسى يېزا-شەھەرلىرىدىن چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ يەتتىسۇنىڭ قەيەرلەردە ئورۇنلاشقانلىقى، ئۇلارنىڭ قانداق يېزىلارنى بەرپا قىلغانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي ئېيتىلغان. مەسىلەن، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چوڭ بۇغرا، كىچىك بۇغرا، سەككىز ئون، خونىخاي، مازار، نىلقا دېگەن مەھەللىرىدىن كۆچۈپ چىققان ئۇيغۇرلار ئاقسۇ بولۇسلۇقىغا ئورۇنلاشقان. ھازىرقى ئالماتا ۋىلايىتى ئۇيغۇر ناھىيىسىنىڭ چوڭ ئاقسۇ يېزىسىدا ئەنە شۇ ۋاقىتلاردا كىچىك بۇغرا، چوڭ بۇغرا مەھەللىلىرى قۇرۇلغان ئىدى.
ئالماتادا 2009-يىلى نەشىر قىلىنغان «سۇلتانقورغان. شەخسلەر تارىخى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى ئىمەرجان قادىروفنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇنىڭ ئانىسى جەنەم ئەلاخان سۇلتاننىڭ ئىنىسى جەپەمنىڭ قىزى بولۇپ، ئۇنىڭدىن تاشقىرى ئەلاخاننىڭ كېۋىربەگ، ناسەنبەگ، ئوسمان خەلپەم دېگەن ئاكا-ئىنىلىرى بولغان.
ئىمەرجان ئاكا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «كولپاكوۋسكىي ئۆزەڭ ئىلغاۋال، قەيەرنى ئالىمەن دېسەڭ دەپتىكەن. بوۋام ئاكا-ئىنىلىرى بىلەن كېلىپ، مۇشۇ يەرنى ئىلغاۋاپتىكەن. بىز تۇرۇۋاتقان يەر ئەنە شۇ كولپاكوۋسكىي بەرگەن يەر، دۆڭمەلىدىن، سايبويىدىن، لايسۇدىن، قارىسۇدىن. ئۇلارنىڭ كېيىنكى تەقدىرى، ئاپامنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، بىر كېچىدىلا يوقاپ كېتىپتىكەن».
ئا. كامالوفنىڭ قارىشىچە، ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ يەتتىسۇغا كۆچۈپ چىقىشىدا ئاتاقلىق ئۇيغۇر تىجارەتچىسى ۋېلىباي يولداشېف مۇھىم رول ئوينىغان. ئالىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەتتىسۇ ۋىلايىتى بىلەن ئۇيغۇر ئېلى ئوتتۇرىسىدا زىچ ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي مۇناسىۋەتلەر مەۋجۇت بولغانلىقتىن ئاھالىنىڭ بىر يەردىن ئىككىنچى يەرگە كۆچۈپ-قونۇشى تەبىي بولغان. سىياسىي بۇرۇلۇشلار نەتىجىسىدە ئاھالە ئوڭايلىقچە چېگرىلاردىن ئۆتۈپ، باشقا تەرەپلەرگە كېتىش مۇمكىنچىلىكىگە ئىگە ئىدى. يەتتىسۇنىڭ كۆپلىگەن ئۇيغۇرلىرى قازاقلار، تۇڭگانلار ئوخشاشلا ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچۈپ كەتكەن.
سىياسىي تەقىبلەشلەر بويىچە قازاقىستانلىق مۇتەخەسسىس رابىك ئىسمايىلوفنىڭ پىكرىچە، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى باشقىمۇ خەلقلەر بىلەن بىر قاتاردا پۈتكۈل ئىتتىپاق دائىرىسىدە يۈرگۈزۈلگەن ئاممىۋى قىرغىنچىلىقلارنىڭ، ئىقتىسادىي ئىسلاھاتلارنىڭ، سىياسىي تەقىبلەرنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلانغان ئادى. مەسىلەن،1916-يىلقى رۇسىيە پادىشاسىغا قارشى كۆتۈرىلگەن قوزغىلاڭ، 1918-يىلى يەتتىسۇدا قىزىل ئەترەتلەر تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاممىۋى قىرغىن قىلىنىشى، يەنى «ئاتۇ پاجىئەسى»، 1930-يىللاردىكى كوللېكتىپلەشتۈرۈش سىياسىتى، 30-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان سىياسىي تەقىبلەر ۋە ھاكازالار.
ر. ئىسمايىلوف قازاقىستاندا يۈز بەرگەن مەزكۇر سىياسەتلەرنىڭ ئىچىدىن «ئاتۇ پاجىئەسى»نىڭ پەقەت ئۇيغۇرلار بېشىغا كەلگەن زۇلۇم ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «مۇشۇ كەمگىچە ئۇنىڭ سەۋەبى نامەلۇم. بەزىلەرنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، گويا قازاق-ئورۇسلارنى ئەگىشىپ يېڭى ھاكىمىيەتكە قارشى چىقىپ، ئالماتادىكى سېپىلغا ھۇجۇم قىلغانمىش. بىراق مەن ئويلايمەنكى، ئۇيغۇرلار باشقا مىللەت ۋەكىللىرى بىلەنمۇ قاتناشقان. بىراق نېمىشكىدۇر قىرغىنچىلىق ئۇيغۇر يېزىلىرىدا ئېلىپ بېرىلدى».
ئۇنىڭ تەكىتىلىشىچە، «ئاتۇ پاجىئەسى» ھەم ئۇنىڭدىن كېيىن يۈرگۈزۈلگەن تەقىبلەر پەقەت قازاقىستاندىلا ئەمەس، بەلكى بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان قوشنا ئۆزبېكىستاندىمۇ، ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ ئېلىپ بېرىلىپ، بۇنىڭ ئاقىۋېتىدە ئۇيغۇرنىڭ يۈزلىگەن ئىلغار ۋەكىللىرى، ئون مىڭلىغان ئاھالىسى قىرغىنچىلىقلاردىن، نامراتچىلىقتىن، سەرگەردانلىقتىن قاتتىق زەرداب چەككەن. بۇنىڭدىن تاشقىرى، 1941-يىلى باشلانغان سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشى دەۋرىدىمۇ مىڭلىغان قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار جەڭ مەيدانلىرىدا قۇربان بولدى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، سەنىتى، ئەدەبىياتى ئېغىر ئەھۋالغا دۇچار بولدى.