ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيىگە كۆچۈش تارىخىغا 60 يىل توشقاندا
2013.11.03

ئۇيغۇرلارنىڭ شەرىقتىن غەرىپكە شۇنداقلا ئۆز يۇرتىدىن تۈركىيىگە كۆچۈشى ئۇزۇن يىللىق تارىخقا ئىگە. ئەمما تۈركىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا تۈرك ۋە ئۇيغۇر تارىخچىلىرى دائىم ئۇيغۇرلارنىڭ 1949 - يىلى كوممۇنىست خىتايلار شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغاندىن كېيىن ھىندىستان، پاكىستان ۋە ئافغانىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە قېچىپ چىققان.
ئۇلار ئۇ دۆلەتلەردە بىر قانچە يىل تۇرغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى رەھبەرلىرى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ۋە ئەيسا يۈسۈف ئالپتېكىن قاتارلىقلارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ، 1953 - يىلى تۈركىيىگە كەلگەنلىكى، شۇ قېتىمدا 1850 شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ تۈركىيىگە ماكانلاشقانلىقى، نەتىجىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيىگە كۆچۈشىنىڭ ئەنە شۇنىڭ بىلەن باشلانغانلىقىنى بايان قىلىشىدۇ. ئۇنداقتا ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيىگە كۆچۈشى قاچان ۋە قانداق باشلانغان؟ بۈگۈنكى كۈندە قانداق داۋاملىشىۋاتىدۇ؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن بۇ ھەقتە 2 پارچە ماقالىسى ئېلان قىلىنغان ھامۇت گۆكتۈرك بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.