20-ئەسىر ئۇيغۇر جۇمھۇرىيەتچىلىك ئىدىيە مۇساپىلىرى
2018.01.25
تارىخى مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 1957-يىلى 1958-يىللىرى ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بارغان «يەرلىك مىللەتچىلىك» كە زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلىك ئىدىيەلىرىنى تازىلاشتىن ئىبارەت بولۇپ، «يەرلىك مىللەتچى» لىك بىر سىياسىي جىنايەت تۈرىگە كىرگۈزۈلۈپ، ئۇنىڭ ئۇقۇم دائىرىسى «ئۇيغۇرىستان» ياكى «شەرقىي تۈركىستان» نامى ئاستىدا مۇستەقىل ياكى خۇددى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مىللىي جۇمھۇرىيەت تۈزۈلمىسىگە ئوخشاش «ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت » قۇرۇش، يەرلىك خەلقلەر ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى ئىدارە قىلىش، پۈتۈن باشقۇرۇش ھوقۇقلىرى مىللىي كادىرلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىش ۋە باشقىلار بىلەن خاراكتېرلەنگەن ئىدى. بۇ ئەلۋەتتە، خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيىتى تىكلەنگەن 1949-يىلىدىن كېيىن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا پەيدا بولغان ئەمەس، بەلكى قايتىدىن باش كۆتۈرگەن جۇمھۇرىيەتچىلىك ئىدىيەسى بولۇپ، بۇ خىل ئىدىيە 1951-1957-يىللىرى ئارىسىدا ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن شەكىلدە، زىيالىيلار، ئاۋام خەلق، ھۆكۈمەت خادىملىرى ھەتتا خىتاي كومپارتىيەسى تەسىس قىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرى كادىرلىرى ئارىسىدا ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى.
ئامېرىكىدىكى ۋۇدروۋ ۋىلسون مەركىزى يېقىندا ئېلان قىلغان 1957-يىلىدىن 12-ئايدىن 1958-يىلى 4-ئايغىچە داۋاملاشقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مەخسۇس «يەرلىك مىللەتچىلىك» كە زەربە بېرىشكە ئائىت كېڭەيتىلگەن يىغىنى توغرىسىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۈرۈمچى ۋە غۇلجىدىكى كونسۇلخانىلىرى توپلىغان دوكلاتلارنىڭ مەزمۇنلىرىدىن قارىغاندا، ۋاڭ ئېنماۋ، لۈ جەنرېن، ئابدۇللا زاكىروف ۋە باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرى شەخسلەر سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپكە بەرگەن دوكلاتلىرىدا زىيا سەمەدى، ئىبراھىم تۇردى، ئابدۇرېھىم ئەيسا، ئابدۇرېھىم سەئىدى، ئەسھەت ئىسھاقوف، سەيدۇللا سەيپۇللايېف، مۇھەممەدىمىن ئىمىنوف ۋە باشقا نازىر ھەم مۇئاۋىن رەئىس دەرىجىلىك رەھبىرى كادىرلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي جۇمھۇرىيىتىنى بەرپا قىلىش خاھىشى ئاساسلىق «مىللەتچىلىك ئىدىيەسى» سۈپىتىدە كۆرسىتىلگەن ئىدى. مەسىلەن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 6 ئايغا سوزۇلغان كېڭەيتىلگەن يىغىننىڭ خۇلاسىسى سۈپىتىدە چىقارغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئومۇمى يىغىنى (كېڭەيتىلگەن يىغىن)نىڭ زىيا سەمەدى، ئىبراھىم تۇردى، ئابدۇرېھىم ئەيسانى پارتىيەدىن چىقىرىش قارارى» ناملىق 1958-يىلى، 28-ئاپرېل كۈنىدىكى ھۆججىتىدە مەزكۇر ئۈچ شەخسنىڭ ئاتالمىش «جىنايەتلىرى» نىڭ «ئۇيغۇرىستان جۇمھۇرىيىتى»، «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى»، ياكى «ئۇيغۇر جۇمھۇرىيىتى» قۇرۇشنى تەلەپ قىلغانلىقى ئەڭ ئالدىنقى ئورۇنغا تىزىلغان ئىدى. ئەينى ۋاقىتتىكى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى، «ئەشەددىي مىللەتچى» دەپ كومپارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلىپ نازىرلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان زىيا سەمەدىنىڭ ئوغلى، ھازىر قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ژۇرنالىست رىزا سەمەدىنىڭ ئېيتىشىچە، «ئۇيغۇرىستان جۇمھۇرىيىتى» قۇرۇش ئىدىيەسىگە ئىگە دادىسى زىيا سەمەدى، ئىبراھىم تۇردى ۋە باشقا ئەربابلار جازالانغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى بۇ خىل «مىللەتچىلىك» ئىدىيەلىرىنى تازىلاش ھەرىكىتى پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارى مىقياسىدا شۇنىڭدىن كېيىن تاكى 1959-يىلىغىچە ئېلىپ بېرىلىپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى، زىيالىيلار ۋە باشقا ساھەلەردىكى مىللەتچىلىك خاھىشىدىكى كىشىلەر پاش قىلىنىپ زەربە بېرىلدى.
رىزا سەمەدىنىڭ ئېيتىشىچە، شۇ قېتىملىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن ئېتىبارەن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئۆز مىللىي جۇمھۇرىيىتىگە ئىگە بولۇش ئىدىيەسىنىڭ خىتاي كومپارتىيە ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن تۈپ يىلتىزىدىن تازىلاش مەقسەت قىلىنغان ھەرىكەت ئىدى. خىتاي مەنبەلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، شۇ قېتىملىق ھەرىكەتتە 1600 دىن ئارتۇق كىشى «يەرلىك مىللەتچىلىك» قىلمىشى بىلەن جازاغا ئۇچرىغان.
تارىخى مەنبەلەرگە ئاساسلىنىپ، دەۋرلەرگە بۆلگەن دە، ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىرى ئارىسىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلىك ئىدىيەلىرىنى 1949-يىلىدىن ئىلگىرى ۋە كېيىنكى دەۋرگە ئايرىشقا بولىدۇ. 1949-يىلىدىن ئىلگىرى ئۇيغۇرلار باشقا خەلقلەر بىلەن بىرلىكتە ئىككى قېتىم شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرغان ئىدى.
بۇ مەسىلىلەر، جۈملىدىن ئۇيغۇر جۇمھۇرىيەتچىلىك ئىدىيەلىرىنىڭ تەرەققىيات جەريانى ۋە بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىلىرى ھەققىدە قازاقىستاندىكى تارىخچى قەھرىمان غوجامبەردى ۋە تۇران ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى ئابلەت كامالوف ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى. قەھرىمان غوجامبەردى بولسا، 1951-يىلىدىكى ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىرىنىڭ «51 چىلەر» ھەرىكىتىنى ئەسلىسە، دوكتور ئابلەت كامالوف ئۇيغۇر جۇمھۇرىيىتى ئىدىيەسىنىڭ ئالدى بىلەن 1920-1921-يىللىرى ئابدۇللا روزىباقىيېف قاتارلىقلار تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى ۋە ئۇلاردىكى «ئۇيغۇرىستان» غايىسى ھەققىدە توختالدى.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.