ھەپتىلىك خەۋەرلەر (15 - فېۋرالدىن 19 - فېۋرالغىچە)
2016.02.19
تايلاند ھەربىي سوتى بۇلتۇر باڭكوكتىكى پارتلاش ۋەقەسىگە چېتىشلىق دەپ تۇتقۇن قىلغان ئىككى نەپەر ئۇيغۇر گۇماندارغا سوت ئاچقان
ئىگىلىنىشىچە، تايلاند ھەربىي سوتى 16 - فېۋرال كۈنى بىلال مۇھەممەت بىلەن مىرئەلى يۈسۈپ ئىسىملىك ئىككى نەپەر ئۇيغۇر گۇماندار ئۈستىدىن سوت ئاچقان.
مەزكۇر ئىككى نەپەر ئۇيغۇر گۇماندار ئۆتكەن يىلى 17 - ئاۋغۇستتا باڭكوكتا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىدىن كېيىن تايلاند ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. ئۇلارنىڭ تايلاند ھەربىي سوتىدا ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ۋە ئۈرۈمچىدىن كەلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى مەلۇم.
ھالبۇكى، سوت ھارپىسىدا ئادەم قاراداغ دېگەن ئىسىم بىلەن مەلۇم بولغان بىلال مۇھەممەت ۋە مىرئەلى يۈسۈپ ئادۋوكاتى ئارقىلىق تايلاند ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە ئارتقان جىنايەتلىرىنى رەت قىلغان.
تايلاند ھەربىي سوتىنىڭ ئىككى نەپەر ئۇيغۇر گۇماندار ئۈستىدىن ئاچقان سوتى د ئۇ ق نىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
ئاۋسترالىيەدە بايراق چىقارغان تەلغەت ئابباس تىياتىرخانا ئىچىدە بولۇپ ئۆتكەنلەر ھەققىدە مەلۇمات بەردى
8 - فېۋرال كۈنى ئاۋسترالىيەدىكى سىدنېي تىياتىرخانىسىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق چىقىرىپ خىتاينىڭ «شىنجاڭ فېستىۋالى» نى مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقان ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ياشنىڭ بىرى - تەلغەت ئابباس يېقىندا رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
مەلۇم بولۇشىچە، تەلغەت ئابباس فېستىۋالدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى بۇراپ سۆز باشلىغاندا سەھنىدىكى خىتاي رىياسەتچىمۇ ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ سۆزلەپ تەلغەت ئابباسنىڭ ئاۋازىنى بېسىپ چۈشۈشكە تىرىشقان.
ھالبۇكى، تەلغەت ئابباس تىياتىرخانىدىكى قولايلىق ئورنى، ھەققانىي سۆزلىرى ۋە جاراڭلىق ئاۋازى بىلەن تاماشىبىنلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتقان. ئۇنىڭ سۆزىدىن تەسىرلەنگەن ئامانلىق خادىملىرىمۇ ئۇنىڭ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا يول قويغان.
رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەيۋەنگە كىرەلمىگەنلىكى «ئاسىيا - تىنچ ئوكيان دىنىي ئەركىنلىك مۇنبىرى» نى ئەپسۇسلاندۇرغان
«ئاسىيا - تىنچ ئوكيان دىنىي ئەركىنلىك مۇنبىرى» نىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك خەلقئارالىق يىغىنى 18 - فېۋرال كۈنى تەيۋەننىڭ تاۋيۈەن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن.
مەزكۇر يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە باشقا بىرقانچە مۇھىم مېھمانلار ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن تاكى يىغىنغا ئىككى كۈن قالغۇچە تەيۋەن دائىرىلىرى ئۇلارنىڭ ۋىزا ئىلتىماسىغا جاۋاب بەرمىگەن.
مەزكۇر يىغىننى تەشكىللىگەن «دېموكراتىك تىنچ ئوكيان ئىتتىپاقى» 16 - فېۋرال كۈنى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن.
يىغىندا مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەئىسى، تەيۋەننىڭ سابىق مۇئاۋىن پرېزىدېنتى لۈ شيۇليەن بايانات بېرىپ، رابىيە قادىر خانىم قاتارلىق ئاساسلىق مېھمانلارنىڭ تەيۋەنگە كىرىش ۋىزىسى بېرىلمىگەنلىكى سەۋەبلىك مەزكۇر يىغىنغا قاتنىشالمايدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭدىن بەكمۇ ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
رابىيە خانىم بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ مەسىلە ھەققىدە ئىنكاس قايتۇردى.
مەكىت ناھىيەسى يەنە بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ياشلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە ئەۋەتكەن
18 - فېۋرال كۈنى مەكىت ناھىيەسىدىن يەنە 300 نەپەر ئۇيغۇر ياشنىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىگە ئىشلەمچىلىككە ئەۋەتىلگەنلىكى مەلۇم.
«شىنجاڭ خەۋەرلەر تورى» نىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىغا قارىغاندا، مەكىت ناھىيەسى 2016 - يىلى ئىچىدە «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىچكى ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش» نامىدا جەمئىي ئىككى مىڭ نەپەر ئۇيغۇر ياشنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتىشنى پىلانلىماقتىكەن.
خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ «نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش» ئۈچۈن «ئۆزلۈكىدىن ئىچكى ئۆلكىلەرگە ماڭغانلىقى» ئالاھىدە بىلدۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئىش چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ئىزچىل تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلمەكتە.
ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھەر يىلى يۈزمىڭلىغان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچۈرۈلۈپ ئىشلەش ۋە ياشاش شارائىتىغا ئىگە قىلىنىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە تارقاقلاشتۇرۇلۇشى خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتىگە سوئال پەيدا قىلىدىكەن.
كەلپىن قاتارلىق بىر قىسىم ناھىيەلەردە دىنىي تەبلىغقا قاتناشقان ياشلار تۇتقۇن قىلىنماقتىكەن
ئىگىلىنىشىچە، يېقىندىن بۇيان دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر قىسىم ناھىيەلەردە «دىنىي ئەسەبىيلىككە زەربە بېرىش» دولقۇنى قوزغاپ، دىنىي تەبلىغ پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان ياشلارنى داۋاملىق تۇتقۇن قىلماقتىكەن.
كەلپىن ناھىيەلىك ساقچى دائىرىلىرى رادىئومىزنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، دىنىي تەبلىغقا قاتناشقانلىق سەۋەبىدىن تۇتقۇن قىلىنىش ۋەقەسىنى ئىنكار قىلدى. ھالبۇكى، ئاقسۇدىكى بىر قىسىم ئاھالىلەر كەلپىن ۋە كۇچا ناھىيىلىرىدە «دىنىي ئەسەبىيلىككە زەربە بېرىش ھەرىكىتى» دە بىر قىسىم ياشلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى دەلىللىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، كەلپىن ناھىيىسىدە ئالدىنقى يىللاردىن باشلانغان «دىنىي ئەسەبىيلىككە زەربە بېرىش ھەرىكىتى» داۋامىدا ئاز بولمىغان كىشىلەر تۇتقۇن قىلىنىپ سوتلانغان. ئۇلار يەرلىك دائىرىلەر تەرىپىدىن «قانۇنسىز دىنىي تەبلىغ پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان» دېگەندەك تۈرلۈك جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنگەن.
ئاۋسترالىيەدىكى «شىنجاڭلىقلار جەمئىيىتى» نىڭ غوللۇق ئەزاسى ئابلىمىت سادىق سىدنېيدىكى چاغان كېچىلىكىنى تەشكىللەشتە رول ئالغانلىقىنى يوشۇرمىدى
ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە ئاۋسترالىيەدىكى ئاتالمىش «شىنجاڭلىقلار جەمئىيىتى» نىڭ غوللۇق ئەزاسى ئابلىمىت سادىقنىڭ سىدنېيدا ئۆتكۈزۈلگەن «شىنجاڭ فېستىۋالى» نى تەشكىللەشتە مۇھىم رول ئوينىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.
ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدە كىنو ئارتىسلىقى بىلەن بىلىنگەن ئابلىمىت سادىق بۇ ھەقتە رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ «شىنجاڭلىقلار جەمئىيىتى» نىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما مەزكۇر كېچىلىكنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىدە ئۆزىنىڭ تەكلىپكە بىنائەن «شىنجاڭلىقلار جەمئىيىتى» ۋە خىتاي ئەلچىخانىسى بىلەن يېقىندىن ماسلاشقانلىقىنى يوشۇرمىدى.
مەلۇمكى، ئاۋسترالىيە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ بالدۇر يەرلەشكەن دۆلەتلەرنىڭ بىرى. بۇ ئەلدە ھازىر 5000 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر جامائىتى ياشىماقتىكەن. سابىق كىنو ئارتىسى ئابلىمىت سادىقنىڭ بايانلىرى، چەتئەلدىكى خىتاي تەرەپدارى بىر ئۇيغۇرنىڭ تۇنجى قېتىم رادىئومىزدا ئۆز پىكرى ۋە مەيدانىنى ئاشكارا بايان قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.