ھەپتىلىك خەۋەرلەر (4-مايدىن 10-مايغىچە)

مۇخبىرىمىز جۈمە
2013.05.10
erkin-asiya-radiosi.jpg ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

1. رابىيە قادىر خانىم «2013 - يىلىنىڭ ئۆلگىلىك ئانىسى» بولۇپ سايلاندى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم تۈركيەنىڭ قەيسەرى ۋىلايىتىدە «2013 - يىلىنىڭ نەمۇنە ئانىسى» بولۇپ سايلاندى.

سايلامنى تۈركىيە قەيسەرى ۋىلايىتىدىكى ئاياللار تەشكىلاتلىرى ۋە بەزى سىياسىي پارتىيىلەر ئاياللار كومىتېتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى 5 - ماي ئۆتكۈزگەن.

بۇ خەۋەر تۈركىيەدىكى «خابەر تۈرك»، «ت ر ت تۈرك» قاتارلىق تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا تارقىتىلدى.

ئۇيغۇر ئاياللار بىرلىكىنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى رابىيە ئىلكتۈرك مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرىنىڭ چىدىغۇسىز زۇلۇم ئاستىدا ئىكەنلىكى، بۇلارنىڭ دەرد - ئەلەملىرىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتا رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئىنتايىن زور رول ئوينىغانلىقى، شۇ سەۋەبتىن شۇڭا رابىيە قادىر خانىمنى «2013 - يىلىنىڭ نەمۇنە ئانىسى» دەپ سايلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2. شاڭخەيدە تىرىكچىلىك قىلىدىغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار، دائىرىلەرنىڭ يولسىزلىقىغا قارشى نامايىش قىلدى

بىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، شاڭخەيدە تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار 3 - ماي نامايىش قىلىپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ يولسىزلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، شەھەر مۇھىتىنى ئاسراش ئىدارىسى بۇيرۇق چىقىرىپ، شەھەردىكى مەسچىت ئالدىدا يايمىچىلىق قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنى يايما ئاچماسلىققا بۇيرۇغان. ئۇيغۇرلار بۇنىڭغا قارشى چىقىپ نامايىش قىلغان.

نامايىشچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاياللار بولۇپ، 20 ئەتراپىدا ئىكەن. نەق مەيدانغا 200 ئەتراپىدا ساقچى كەلگەن بولۇپ، بىر قىسىم نامايىشچىلارنى تۇتۇپ كەتكەن.

3. ئالماتا شەھىرىدە سېرىقبۇيا شېھىتلىرىگە ئاتاپ يىغىن چاقىرىلدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلىتيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىللىرى 7 - ماي ئالمۇتادا يىغىن ئۇيۇشتۇرۇپ، سېرىقبۇيا ۋەقەسىدە شېھىت بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ روھىغا ئاتاپ خەتمە - قۇرئان قىلدى.

يىغىنغا 80 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى. يىغىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلىتيىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى رىزا سەمىدى قاتارلىقلار سۆز قىلدى.

23 - ئاپرېل مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ سېرىقبۇيا يېزىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن. خىتاي دائىرىلىرى توقۇشتا 6 نەپەر ئاتالمىش ئۇيغۇر تېررورچىنى نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى، ئۆزىدىن 15 ئادەم چىقىم بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

2 - ماي، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى ۋە د ئۇ ق ياۋروپا پارلامېنتىغا خەت يېزىپ، «سېرىقبۇيا ۋەقەسى» نى تەكشۈرۈشكە چاقىرغانىدى.

4. تارىم ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار تۇتقۇن قىلىنغان

«ئۇيغۇربىز» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ئاينىڭ بېشىدا دائىرىلەر تارىم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر نەچچە نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىسىنى تۇتقۇن قىلغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۇتقۇن قىلىنغانلار 8 ئەتراپىدا بولۇپ، ھازىرچە بۇلاردىن يېڭىسارلىق ئالىمجان، لوپلىق دىلشات قاتارلىق ئىككىيلەننىڭ سالاھىيىتى ئېنىقلانغان.

ئىنكاسلارغا قارىغاندا، بۇ ئوقۇغۇچىلار 2 - ماي تۇتۇپ كېتىلگەن. ئۇلارنىڭ قەيەرگە ۋە نىمە ئۈچۈن قامالغانلىقى ھەققىدە ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا 8 - مايغا قەدەر ئۇچۇر بېرىلمىگەن.

5. 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ 4 يىللىقى ھارپىسىدا غايىپلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرى يەنىلا جاۋابسىز قالدۇرۇلماقتا

2009 - يىلىدىكى «5 - ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ 4 يىللىق ھارپىسىدا مەزكۇر ۋەقەدە ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغقانلىرى تەشكىلاتلارنى ياردەمگە چاقىردى.

غايىبلار ئائىلە - تاۋابىئاتلىرىدىن سۇدىخان ھاجىم ۋە قۇربانگۈللەر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، پەرزەنتلىرى ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن جاۋاب كۈتۈشتىن ئۈمىد ئۈزگەنلىكىنى، بىردىن - بىر ئۈمىدى خەلقئارا جامائەتتىن ياردەم كۈتۈش ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئۇلار مەسىلىنىڭ يالغۇز غايىبلار ئائىلىسىنىڭ مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ دەردى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلارنى بۇ ھەقتە ئاكتىپ ھەرىكەتكە چاقىردى.

2009 - يىلىدىكى نامايىش قانلىق باستۇرۇلغاندىن كېيىن، بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئىز - دېرەكسىز غايىب بولغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.

6. «ئىستانبۇل سېپىللىرى» شېئىرلار توپلىمىغا زەينۇرە ئەيسانىڭ شېئىرى كىرگۈزۈلدى

ئۆتكەن ئاي ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان «ئىستانبۇل سېپىللىرى» ناملىق شېئىرلار توپلىمىغا ئۇيغۇر شائىرە زەينۇرە ئەيسا خانىمنىڭ بىر پارچە شىئىرى كىرگۈزۈلدى.

بۇ كىتابتا داڭلىق تۈرك شائىرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى 100 شائىرنىڭ ئىستانبۇل توغرىسىدا يازغان شېئىرىغا ئورۇن بېرىلگەن.

شائىرە زەينۇرە ئەيسا خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تۈركلەرنىڭ ئەڭ داڭلىق شائىرلىرى ئارىسىدا شېئىرلىرىغا ئورۇن بېرىلگەنلىكىدىن ئىنتايىن خوشال ئىكەنلكى، بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تونۇتۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.