ھەپتىلىك خەۋەرلەر (17 - ئىيۇلدىن 23 - ئىيۇلغىچە)

0:00 / 0:00

رابىيە قادىر خانىمنىڭ قىزى راھىلە خانىم تەيۋەندە قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ قىزى راھىلە خانىم تەيۋەندە قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى. راھىلە خانىم، تەيۋەندىكى" ئاي تۇغدى" كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپى بىلەن " مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى " ۋە" 5 - ئىيۇل ۋەقەسى" نىڭ بىر يىللىقىغا ئاتاپ ئۇيۇشتۇرۇلغان پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ئۈچۈن 18 - ئىيۇل تەيۋەنگە بارغان ئىدى.

"ئاي تۇغدى" تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى فرېددىي لىم ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، راھىلە خانىمنىڭ تەيۋەندىكى پائالىيەتلىرى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان. راھىلە بىلەن رابىيە قادىر خانىمنىڭ نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلىرى ئوخشاش ۋە قايىل قىلىش كۈچى يۇقىرى بولغاچقا، راھىلە خانىم تەيۋەندە قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن.

تەيۋەندە تۇرۇپ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان راھىلە خانىم، ئۆزىنىڭ تەيۋەن زىيارىتىگە، تەيۋەن مەتبۇئاتلىرىدىن باشقا، چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭمۇ ئالاھىدە قىزىققانلىقىنى بىلدۈردى.

فرېددىي لىم ئەپەندى يەنە، راھىلە خانىمنىڭ تەيۋەندە خۇددى داڭلىق چولپاندەك قىزغىن قارشى ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

تەيۋەن ھۆكۈمىتى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەيۋەنگە بېرىشىنى رەت قىلغان ئىدى. تەيۋەنلىك تەتقىقاتچى لىن باۋخۇانىڭ خانىمى ياڭ يۆچىڭنىڭ بايان قىلىشىچە، مۇتلەق كۆپ سانلىق تەيۋەنلىك مەزكۇر قاراردىن خاپا بولغان.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى ئۇيغۇرلار ھەققىدە يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى ئۆتكۈزدى

19 - ئىيۇل ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى "خىتاينىڭ يىراق غەربى: نامايىش ۋە توپىلاڭ يۈز بېرىپ بىر يىلدىن كېيىنكى شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتى " ماۋزۇلۇق يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى ئۆتكۈزدى.

يىغىن ئاساسلىقى، "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" دىن كېيىنكى ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىش، "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" نىڭ سەۋەبلىرى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقلىرىغا قاراپ چىقىش قاتارلىقلارغا قارىتىلغان.

يىغىندا يەنە " ھۆكۈمەت ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقلىرىغا ئۈنۈملۈك مۇئامىلە قىلىۋاتامدۇ؟ ھۆكۈمەتنىڭ ئۇچۇرنىڭ سىرتقا چىقىپ كېتىشىنى كونترول قىلىشى رايوندىكى ۋەقەلەرنى چۈشىنىشكە قانداق سەلبىي تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ؟ " دېگەندەك سوئاللارنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلغان.

يىغىندا پىكىر بايان قىلغان مۇتەخەسسىسلەر ئورتاق ھالدا، "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" دىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلەشكەنلىكىنى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ناچارلاشقانلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلار قارىتىلغان كونتروللۇقىنىڭ كۈچەيتىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بۇ يىغىندىن تەسىرلەنگەنلىكىنى ۋە ئۈمىدلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى ئۇيغۇر ئېلىدە نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر شىركەتنىڭ باياناتىدا، 2020 - يىلىغا كەلگەندە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى 40 مىليون توننىدىن 60 مىليون توننىغا يەتكۈزىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. خەۋەردە مەزكۇر شىركەتنىڭ بۇ پىلانى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويماقچى بولغان ھالقىما تەرەققىيات پىلانىنىڭ بىر قىسمى، دەپ كۆرسىتىلگەن.

ھالبۇكى، پىلاندا يەرلىك خەلققە قانداق نەپ بېرىدىغانلىقى، قىسقىسى، يەرلىك خەلقلەردىن ئىشچى قوبۇل قىلىدىغان ياكى قىلمايدىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرۈلمىگەن.

گېرمانىيە ئاخباراتلىرى ئۇيغۇر قەھرىمانى ئابدۇلقادىرنى مەدھىيىلىمەكتە

گېرمانىيىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر يىگىتى ئابدۇلقادىر 7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، سۇغا چۆكۈپ كەتكەن بەش ۋە ئالتە ياشلىق ئىككى گېرمان پەرزەنتىنى قۇتقۇزۇپ قالغان. ھاياتى خەۋپ ئىچىدىكى بۇ ئىككى نارەسىدە بەختكە يارىشا ھايات قالغان. ۋەقەدىن خەۋەر تېپىپ نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن ئىككى بالىنىڭ ئاتا - ئانىسى، ساقچى ۋە دوختۇرلار ئابدۇلقادىرغا رەھمەت ئېيتقان ۋە بۇ خاسىيەتلىك ئىشنىڭ پۈتۈن گېرمانىيە خەلقىنى شادلاندۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئابدۇلقادىر بۇ يىل 18 ياشتا بولۇپ، گېرمانىيىنىڭ رېئالشۇلىدا ئوقۇۋاتقان ئىكەن.

7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ميۇنخېن شەھەرلىك ھۆكۈمەت مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر يىگىتى ئابدۇلقادىرنىڭ قەھرىمانلىق ئىش - ئىزلىرىنى تونۇشتۇرغان.

گېرمانىيىدىكى كۆپلىگەن ئاخبارات ساھەسىدە بۇ قەھرىمان يىگىتنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى تونۇشتۇرۇلغاندىن باشقا ئۇيغۇرلار توغرىسىدىمۇ كۆپلەپ خەۋەرلەر بېرىلگەن.

ئاتۇشنىڭ ئويتاغ بازىرىدا " ئەكسىلئىنقىلابى" تەشۋىقات ۋارىقى تارقىتىلغان

رادىئومىزنىڭ ئىگىلىشىچە، يېقىندا ئاتۇشنىڭ ئويتاغ بازىرىدا ئاتالمىش " ئەكسىلئىنقىلابى" تەشۋىقات ۋارىقى تارقىتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. ساقچىلار مەزكۇر بازاردىكى 4 كەنت ۋە 15 مەسچىتتە ئاختۇرۇش ئېلىپ بارغان. بۇ جەرياندا 4 مىڭ 152 ئادەمنىڭ سالاھىيىتى تەكشۈرۈلگەن. بۇ ھەققىدىكى ئۇچۇرنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت تەمىنلىگەن. رادىئومىز مۇخبىرى ئاتۇشتىكى ئائىلە، ئىدارە، جەمئىيەتلەرگە تېلېفون قىلغاندا، ۋەقەنىڭ راستلىقىغا ئائىت پاكىتلارغا ئېرىشكەن.

دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئويتاغ بازىرىدا تارقىتىلغان تەشۋىقات ۋاراقلىرىدىكى شوئارلار دىنىي ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش مەزمۇنىدا بولغان.

قارىمايدا ئىككى مىڭغا يېقىن ئۇيغۇر قارىمايدىن كېتىشكە مەجبۇرلانماقتا

5 - ئىيۇل ۋەقەسى" دىن كېيىن، ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلەرنى چېقىش دولقۇنى قارىمايغا يېتىپ كەلگەن. نۆۋەتتە قارىماي شەھىرىنىڭ داشىگو ۋە شىداگو رايونلىرىدىكى ئۇيغۇر مەھەللىرى چېقىلماقتا. بۇ ئىككى مەھەللىدىكى ئۇيغۇرلار قارىماي شەھىرىدە يايمىچىلىق قىلىپ، يېمەك - ئىچمەك تىجارىتى بىلەن كۈن كەچۈرۈۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىكەن.

قارىمايدا 226 مىڭ خىتاي ۋە 30 مىڭغا يېقىن ئۇيغۇر ياشايدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 2000غا يېقىن ئۇيغۇر قارىمايدا باققاللىق، كۆكتاتچىلىق ۋە قاسساپلىق تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە مانا بۇ ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان مەھەللەر چېقىلماقتا، ئۇلار قارىمايدىن كېتىشكە مەجبۇرلانماقتا.

يېقىندا جامائەت ئەربابى قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ " 2009 - يىلىدىكى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى پاجىئەسى" ماۋزۇلۇق كىتابى رۇس تىلىدا نەشر قىلىندى.

كىتاب ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپقان. بىرىنچى قىسمىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ۋەتىنىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئەھۋالى قىسقىچە تونۇشتۇرۇلغان.

ئىككىنچى قىسمىدا ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈرك - مۇسۇلمان خەلقلىرىنىڭ مىللىي - ئازادلىق كۈرەشلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن. كىتابنىڭ ئۈچىنچى قىسمى بولسا، بىۋاسىتە 2009 - يىلىدىكى" 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" گە بېغىشلانغان.

قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ ئىلگىرى "ئۇيغۇر تارىخىغا بىر نەزەر"، "ئۇيغۇرلار" ناملىق كىتابلىرى نەشر قىلىنغان ئىدى.