ھەپتىلىك خەۋەرلەر (23-يانۋاردىن 29-يانۋارغىچە)
2016.01.29
ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككى مۇزىكا تورى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» غا زىيانلىق نەرسىلەرنى تارقاتقان، دەپ تاقالغان
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تور ئۇچۇرلىرىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسى يېقىندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككى مۇزىكا تورىنى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» غا زىيانلىق نەرسىلەرنى تارقاتقان، دەپ تاقىغان. «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، دائىرىلەر تور پايلاقچىلىرىنىڭ ئىنكاس قىلىشى بىلەن ئۇلارنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» غا زىيانلىق نەرسىلەرنى تارقاتقانلىقىنى بايقىغان.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تور ئۇچۇرلىرىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسى تاقاشنى بۇيرۇغان ئۇ ئىككى تور ئادرېسى www.muzika.com بىلەن www.653130.چوم ناملىق تورلاركەن. ئاپتونوم رايونلۇق تور ئۇچۇرلىرىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسى باياناتىدا، بۇ ئىككى تورنىڭ «تور بىخەتەرلىكىنى قوغداش نىزامى» بىلەن «تور مۇلازىمەت باشقۇرۇش نىزامى» غا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت، ئاپتونوم رايونلۇق تور باشقۇرۇش دائىرىلىرىنىڭ بۇ قارارى، رايوندا ئۇچۇر ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ قاتتىق بوغۇشقا ئۇچراۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، دېدى. ئۇ، بۇ خىل كونتروللۇق ئۇيغۇر تورچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا قاتتىق توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى تەنقىد قىلدى
كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى 2016-يىللىق دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ئېلان قىلىپ، ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر رايونىدا كەمسىتىش، باستۇرۇش ۋە ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقنى چەكلەش داۋاملىق كېڭەيگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
دوكلاتتا، خىتاينىڭ رايوندا ئۇچۇرنى قاتتىق كونترول قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىدلەپ، «دائىرىلەر شىنجاڭدا ئۇچۇرنى قاتتىق كونترول قىلغاچقا رايوندا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ياكى تىنچ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالى بەك مۈجمەل» دەپ كۆرسەتكەن.
دوكلاتتا مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ھۆكۈمىتى 2014-يىلى ئۇيغۇر رايونىدا باشلىغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى 2015-يىلى يەنە داۋاملاشتۇرۇپ، رايونغا كۆپلەپ ئامانلىق كۈچلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى. يېڭى قانۇن ۋە بەلگىلىمىلەرنى يولغا قويۇپ، ئۆكتىچىلىكنى جىنايىلاشتۇردى، مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئىبادىتىگە چەكلىمە قويدى.»
د ئۇ ق نىڭ باش كاتىپى نۇرمەمەت مۇساباي مەزكۇر دوكلاتنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ، خىتاينىڭ ئامانلىق كۈچلىرىگە زور ھوقۇقلارنى بېرىپ، رايوندا ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
خىتاي ئۇيغۇر رايونىدىكى خەۋەر قىلىنمىغان بىر قىسىم قانلىق ۋەقەلەرنى قىسمەن ئاشكارىلىدى
خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى» گېزىتى قاتارلىق دۆلەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئۆتكەن ھەپتە، 2015-يىلى ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن، ئەمما ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە خەۋەر قىلىنمىغان ئۈچ قانلىق ۋەقەنى ئاشكارىلىدى.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۆتكەن يىلنىڭ مەلۇم بىر كۈنى بىر گۇرۇھ كىشى ئاقسۇدا كوچا چارلاۋاتقان قوراللىق ساقچى ئەترىتىگە ھۇجۇم قىلغان. ھۇجۇمدا ۋەقە مەيدانىغا بىر ئاپتوموبىلدا كەلگەن ھۇجۇمچىلار ساقچى ئاپتوموبىلىغا ۋە ئەتراپىغا قارا-قويۇق بومبا تاشلىغان. ئۇچتۇرپان ناھىيىلىك قوراللىق قىسىم ئەترىتى ھۇجۇمچىلارنى قورشاۋغا ئېلىپ ۋەقەنى بېسىقتۇرغان.
خەۋەردە يەنە، ئۆتكەن يىلنىڭ مەلۇم بىر كۈنى بىر گۇرۇھ كىشىنىڭ تۈن كېچىدە مەلۇم بىر ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن بۇ ۋەقەمۇ يۈەن شياۋپىڭ ئىسىملىك بىر ئەترەت باشلىقىنىڭ قوماندانلىقىدا بىر تەرەپ قىلىنغان.
ئەمما بۇ خەۋەردە، ۋەقەنىڭ ئېنىق ۋاقتى، ئورنى، ۋەقەدە ئۆلگەن-يارىلانغانلار سانى ھەم ھۇجۇمچىلارنىڭ كىملىكى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن.
پەرھات ھوشۇر قىرغىزىستان دۆلەتلىك ھۆرمەت مۇكاپاتىغا ئېرىشتى
قىرغىزىستان چېلىشچىلار كوماندىسىنىڭ باش مەشقاۋۇلى، بىشكەكتىكى «بۈركۈت» تەنتەربىيە كۇلۇبىنىڭ يېتەكچىسى پەرھات ھوشۇر قىرغىزىستان دۆلەتلىك ھۆرمەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
ئۇ قىرغىزىستاننىڭ تەنتەربىيە ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىسى سەۋەبلىك بۇ ھۆرمەتكە لايىق كۆرۈلگەن.
پەرھات ھوشۇر ئون نەچچە يىلدىن بۇيان بىشكەكتىكى «بۈركۈت» تەنتەربىيە كۇلۇبىنىڭ يېتەكچىسى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ قاتتىق تەلەپچانلىق بىلەن تەربىيەلىشى نەتىجىسىدە، خەلقئارالىق مۇسابىقىلەردە ئاسىيا چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن كۆپلىگەن ماھىرلار يېتىشىپ چىققان.
ئۇ يېتەكلىگەن قىرغىزىستان چېلىشچىلار كوماندىسى 2012-يىلى تايلاند، 2014-يىلى موڭغۇلىيە، 2015-يىلى ئىراندا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق مۇسابىقىلەردە ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، قىرغىزىستاننىڭ خەلقئارادا تونۇلۇشىغا زور ھەسسە قوشقان.
ئۇ مۇكاپاتىنى 23-يانۋار بىشكەك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئالماسبەك ئاتامبايېفنىڭ قولىدىن ئالدى.
قازاقىستاندا مەشرەپ ئۇيغۇر ياشلىرىدىكى كىملىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتكەن
مەشرەپ قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كىملىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادەت، تىل، مەدەنىيەت ۋە ئەنئەنىلىرىنى قوغداشتىكى مۇھىم ۋاسىتىگە ئايلانغان.
ھازىر ئالماتا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ناھىيە، يېزىلارنىڭ ھەممىسىدە ئۇيغۇر مەشرىپى مەۋجۇت. ئالماتا مەشرىپىنىڭ مەشرەپ بېگى بۇرھان تاجىددىنوف، مەشرەپ ئارقىلىق ياشلارنىڭ ئانا تىلىنى، مىللىي ئەنئەنىلەرنى ساقلاشقا بولغان قىزىقىشىنى كۈچەيتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ ئۆزى تۇرۇشلۇق مەھەللىدىكى ياشلار مەشرىپىنىڭ ئەزالىرىنى ماختاپ مۇنداق دەيدۇ: «بۈگۈنكى كۈندە ئۇلارنىڭ ھېچبىرى تاماكا چەكمەيدۇ، ھاراق ئىچمەيدۇ، رەسىم-قائىدىلىك، تەرتىپلىك. ئاجايىپ ياخشى بالىلار بولۇپ چىقتى.»
ئالماتانىڭ سۇلتانقورغان مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق ئاتاقلىق چاقچاقچى سابىر غاپپاروف مەشرەپنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىغا قاتتىق تەسىر يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ: «مەن ئۇيغۇر دەپ سۆزلىگىنى بىلەن ئۇيغۇر ياشلىرىدا مىللىي ھېسسىيات سۇس. مەشرەپ مۇشۇنى ئۆگىتىۋاتىدۇ.» دېدى.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئالماتا شەھىرىنىڭ ئۆزىدىلا تۆت چوڭ مەشرەپ بارىكەن.