ھەپتىلىك خەۋەرلەر (28-يانۋاردىن 3-فېۋرالغىچە)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017.02.03
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
erkin-asiya-radiosi-yengi.jpg ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدە قويۇلغان «تەڭرىتاغ رىشتىسى» ناملىق ئىتوت ئۇيغۇر كۆرۈرمەنلىرىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە دۇچ كەلدى

خىتاينىڭ بۇ يىللىق چاغان بايرىمىغا بېغىشلاپ ئىشلەنگەن سەنئەت كېچىلىكى خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيەسىنىڭ بىرىنچى قانىلىدا قويۇلۇشى بىلەن ئۇيغۇر دىيارى ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە دۇچ كەلدى.

ئىگىلىنىشىچە، يەرلىك ئۇيغۇر ئاھالىلىرى بىلەن خىتاي تۆمۈريول ئىشچىلىرىنىڭ «بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىناق-ئىتتىپاق ياشاۋاتقانلىقى» ئەكس ئەتتۈرۈلگەن «تەڭرىتاغ رىشتىسى» ناملىق بۇ ياسالما ئىتوت ئۇيغۇر كۆرۈرمەنلىرىنى قاتتىق بىئارام قىلغان.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى پروگراممىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە خانىم، خىتاي سەھنىگە ئېلىپ چىقىۋاتقان بۇ تۈردىكى بىمەنە «سەنئەت نومۇرلىرى» ئۇيغۇر خەلقىنىڭ غۇرۇرىنى دەپسەندە قىلىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

ماناس ناھىيەسىدە مۇقىملىق سىياسىتىنى تەنقىدلىگەن بىر نەپەر خىتاي كادىرى تۇتقۇن قىلىنغان

يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ماناس ناھىيەسىدە بىر نەپەر خىتاي مۇقىملىق كادىرى دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مۇقىملىق سىياسىتىنى تەنقىدلىگەنلىكى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان.

بۇ ئۆتكەن يىلى «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ پارتكوم سېكرېتارى ۋە باش مۇھەررىرى جۇ شىۋېي دائىرىلەرنىڭ مۇقىملىق سىياسىتىنى تەنقىدلەپ جازالانغاندىن بۇيان، ئىككىنچى قېتىم يەنە بىر خىتاي كادىرىنىڭ مۇقىملىق سىياسىتىنى تەنقىدلەپ جازاغا ئۇچرىشى ئىكەن.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، دائىرىلەرنىڭ مۇقىملىق سىياسىتىنىڭ رايوندىكى خىتاي كادىرلىرىنىمۇ بىزار قىلىشقا باشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ساقچى دائىرىلىرى سەكراتتىكى ئانىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغان ئوغلى تۇرسۇنجان مەمەت بىلەن كۆرۈشۈۋېلىش تەلىپىنى رەت قىلغان

ئۆتكەن يىلى ئەتىيازدا دائىرىلەر ئۇيغۇر تور بەتلىرى بىلەن ئۇيغۇر تور يازغۇچىلىرىغا قارىتا كەڭ كۆلەمدە تازىلاش ئېلىپ بېرىپ، ئابلىمىت غوجابدۇللا قاراقاش، ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر، تۇرسۇنجان مەمەت مارشال، ئەكبەرجان ئەسەت قاتارلىقلارنى تۇتقۇن قىلغان ئىدى.

ھالبۇكى، خىتاي دائىرىلىرى ھازىرغا قەدەر تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ قەيەرگە قامالغانلىقى، ئۇلارنىڭ سوتلانغان ياكى سوتلانمىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىدى.

تور تۇتقۇنلىرىدىن تۇرسۇنجان مەمەتنىڭ دادىسى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئايالىنىڭ ئوغلىنىڭ دەردىدە كېسەل بولۇپ سەكراتقا چۈشۈپ قالغانلىقىنى، دائىرىلەرنىڭ سەكراتتىكى ئانىنىڭ ئوغلى بىلەن كۆرۈشۈۋېلىشتىن ئىبارەت ئەڭ ئاخىرىقى تەلىپىنى رەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

«ھىجرەت» سەپىرىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ پاجىئەلىك قىسمەتلىرى دىققەت قوزغىماقتا

مەلۇمكى، شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرى ئارقىلىق مۇشەققەتلىك «ھىجرەت» سەپىرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئاخىرىدا تۈركىيەگە كېلىپ يەرلەشكەن مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ خېلى كۆپ بىر قىسمىنى ئاياللار بىلەن بالىلار تەشكىل قىلىدۇ.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم ئاياللار بىلەن بالىلار ھېلىھەم تۈركىيەدە ئېغىر ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق ۋە روھىي بېسىم ئىلكىدە ياشىماقتىكەن.

ئىستانبۇلنىڭ زەيتۇنبۇرنۇ رايونىدا ئىككى بالىسى بىلەن ياشاۋاتقان 25 ياشلىق زىباگۈل ئەنە ئاشۇ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ھېكايىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ھىجرەت سەپىرىگە تەۋەككۈل قىلىشىدىكى سەۋەبلەر بىلەن بەزى يوچۇن تەرەپلىرىنى ئاشكارىلاپ بەرمەكتە.

كۇچانىڭ سېغىن سۆگەت كەنتىدە مەسىلە تاپشۇرۇش ھەرىكىتى ۋەھىمىلىك ھالدا داۋام قىلماقتىكەن

رادىيومىزنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن ئەھۋال ئىگىلىشىچە، «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» تۈسىنى ئالغان «مەسىلە تاپشۇرۇش ھەرىكىتى» ئۇيغۇر رايونىنىڭ خېلى كۆپ جايلىرىدا ۋەھىمىلىك تۈستە داۋام قىلماقتىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئالدىنقى كۈنى كۇچا ناھىيىسىنىڭ ئۇزۇن بازار بوستان كەنتىدە ئوچۇق مەيدان سوتى ئېچىلىپ، قوشنا كەنتلەردىكى ئاھالىلەر ئارىسىدا قاتتىق ۋەھىمە پەيدا قىلغان. ئۇزۇن بازىرىنىڭ سېغىن سۆگەت كەنتىدىكى بىر تۈركۈم ئاھالىلەر كەنت ساقچىسىنى ئىزدەپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسىلە تاپشۇرغان.

ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان دوكتور قاھار بارات بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى چەكتىن ئاشقان سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلدى.

«شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى»نىڭ بىر ئوقۇغۇچىسى تېلېفونىدا دىنىي تەبلىغ ساقلىغان دەپ قاماققا ئېلىنغان

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر 2015‏-يىلى 1‏-ئايدا تور ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشكە دائىر بىر بەلگىلىمە چىقىرىپ، تور كونتروللۇقىنى ھەسسىلەپ كۈچەيتكەن ئىدى.

بۇ بەلگىلىمە يولغا قويۇلغان يېقىنقى 2 يىل ئىچىدە ئۇيغۇر دىيارىدا نۇرغۇن ياشلارنىڭ تور ۋە تېلېفون سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنىپ كەتكەنلىكى مەلۇم.

گۇۋاھچىلارنىڭ قەيت قىلىشىچە، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ ئوقۇغۇچىسى بەختىيار رەھمىتۇل «تېلېفونىدا دىنىي تەبلىغ ساقلىغان» دېگەن باھانە بىلەن قاماققا كېسىۋېتىلگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بىرى ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.