ھەپتىلىك خەۋەرلەر (1-فېۋرالدىن 7-فېۋرالغىچە)

0:00 / 0:00

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار «5-فېۋرال پاجىئەسى» نى خاتىرىلىدى

5-فېۋرال كۈنى ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە باشقا جايلاردىكى ئۇيغۇر جامائىتى تۈرلۈك شەكىللەردىكى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئارقىلىق 1997-يىلىدىكى غۇلجا «5-فېۋرال پاجىئەسى» نىڭ 23 يىللىقىنى خاتىرىلىدى.

ئامېرىكا، گېرمانىيە، ئاۋسترالىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇرلار شۇ جايلاردىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشلىرى تەشكىللەپ، ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.

قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تۈركىيە قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى تۈرلۈك يىغىلىش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزدى ھەمدە «5-فېۋرال پاجىئەسى» نىڭ شېھىتلىرىنىڭ روھىغا ئاتاپ خەتمە-قۇرئان قىلدى.

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى تاجسىمان ۋىرۇس كۆپ تەرەپلىمە ئەندىشە قوزغىماقتا

خىتايدىن يامرىغان «ۋۇخەن ۋىرۇسى» دەپمۇ ئاتىلىۋاتقان تاجسىمان ۋىرۇس، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىمۇ تېز تارقىلىۋاتقان بولۇپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بۇ ئاپەتنىڭ لاگېردىكى ئۇيغۇرلارغا تارقىلىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.

مۇخبىرىمىزنىڭ ئەھۋال ئېنىقلىشى جەريانىدا خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنىڭ «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» دەپ قارىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە ئۇيغۇرلار دىيارىدا ھازىر «يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش» نامىدا ھەرقايسى مەھەللىلەر ۋە ئاھالىلەر سىم توسۇقلار ئارقىلىق بىر-بىرىدىن ئايرىۋېتىلگەن. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ سىرتقا چىقىشى چەكلەنگەن. ئەمما ئۇلارنىڭ ئالدىنئالا ئوزۇق-تۈلۈك جەملىۋېلىشىغا پۇرسەت بېرىلمىگەن.

ئاتۇشتا 99 نەپەر ۋۇخەنلىكنىڭ كارانتىن قىلىنغانلىقى ئاشكارىلاندى

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كېسەللىكنى يوشۇرۇش مەزگىلىدە ۋۇخەن شەھىرىدىن بەش مىليونچە ئاھالىنىڭ ھەرقايسى جايلارغا قاچقانلىقى، شۇلاردىن ئون نەچچە مىڭىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىغا كەلگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر تارقالغانىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئەھۋال ئېنىقلىشى جەريانىدا بۇ ئەھۋال قىسمەن دەلىللەندى.

ۋۇخەندىن قېچىپ كەلگەن خىتايلاردىن 99 نەپىرى نۆۋەتتە ئاتۇشتىكى ياشىڭ مېھمانخانىسىدا كارانتىن قىلىنىۋاتقان بولۇپ، قالغان مېھمانخانىلاردىمۇ بۇ خىل ئەھۋالنىڭ مەۋجۇتلۇقى مەلۇم بولماقتا.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى تاجسىمان ۋىرۇستىن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى تېزدىن ئېشىۋاتقان ئەھۋالدا ۋۇخەندىن قېچىپ كەلگەنلەرنىڭ باشقا شەھەرلەردە قانچىلىك ساندا ئىكەنلىكى ھازىر كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلارنى بىئارام قىلماقتىكەن.

Siemens نىڭ پايچىلار يىغىنىدا ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى دەپسەندىچىلىككە شېرىك بولۇپ قالماسلىقى تەلەپ قىلىندى

گېرمانىيەدىكى داڭلىق شىركەتلەردىن زېمىنىس (Siemens) شىركىتىنىڭ يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان يىللىق پاي چېكى ھەسسىدارلار يىغىنى 5‏-فېۋرال كۈنى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.

سەككىز مىڭچە كىشى قاتناشقان بۇ يىغىندا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن ئەسقەرجان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، زېمىنىس شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىككە شېرىك بولۇپ قالماسلىقىنى تەلەپ قىلدى.

زېمىنىس شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدار جوي كايسېر بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «بىز خىتايغا سېتىپ بەرگەن تېخنىكا ئۇلار مەخسۇس ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىشلەپ چىققان ئەپكە چۈشمەيدۇ» دېدى.

«يەھۇدىيلار قىرغىنچىلىقى» خاتىرىسىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى قايتا ئەسلەندى

مىليونلىغان يەھۇدىي قىرغىن قىلىنغان «زور قىرغىنچىلىق» نىڭ 75 يىللىق خاتىرىسى ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى يەنە بىر قېتىم ئالاھىدە تەكىتلىنىپ، دۇنيانى بۇ خىل پاجىئەگە قايتىدىن شاھىت بولماسلىققا چاقىردى.

يىغىن ئىشتىراكچىلىرى بىردەك نۆۋەتتىكى دىنىي ئېتىقادقا ئىگە خەلقنىڭ باستۇرۇلۇش ئوبيېكتى بولۇشىدەك مەسىلىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» نىڭ قۇربانى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «يەھۇدىيلار قىرغىنچىلىقى» مۇزېيىدا ئېچىلغان بۇ يىغىنغا بىر قىسىم ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ھەمدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى، شۇنداقلا يەھۇدىي ۋەكىللەر قاتناشتى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ دۆلەت ۋەزىيىتىدىن مەلۇمات بېرىش ئۇتۇقىغا تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر ۋەكىلى قاتناشتى

4-فېۋرال ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپنىڭ دۆلەت ۋەزىيىتى بويىچە مەلۇمات بېرىش نۇتۇق مۇراسىمى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسىي پائالىيەتلىرىدىن بىرى بولغان بۇ مۇراسىمغا ئامېرىكانىڭ بارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى قاتناشتى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ بۇ يىللىق نۇتۇق مۇراسىمىغا ئۇيغۇر پائالىيەتچى روشەن ئابباس تەكلىپ قىلىندى. ئۇ ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ماركو رۇبيونىڭ مېھمىنى سۈپىتىدە پائالىيەتكە قاتناشتى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنىڭ تۇنجى قېتىم مۇشۇ خىلدىكى مۇراسىمغا قاتنىشىشى ھېسابلىنىدىكەن. ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، بۇ ھال ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تېخىمۇ كەڭ مىقياستا ئېتىراپ قىلىنىۋاتقانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى، دېدى.