ھەپتىلىك خەۋەرلەر (13-ئاپرېلدىن 19-ئاپرېلغىچە)

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013.04.19
erkin-asiya-radiosi.jpg ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

رابىيە قادىر خانىم فرانسىيە پرېزىدېنتىغا خىتاب قىلدى

د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم 18‏-ئاپرېل فرانسىيە تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتايغا سەپەر قىلىش ئالدىدا تۇرغان فرانسىيە پرېزىدېنتى فرانسۋا خوللاندى(Fracois Hollamde)نى ئۇنىڭ خىتاي زىيارىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىردى.

ئۇ، خوللاندېنىڭ ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىنى قويۇپ بېرىش، باستۇرۇش سىياسىتىنى توختىتىش، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى تۇتۇپ ئېلىپ كېتىشنى توختىتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەلەپ قىلدى.

رابىيە قادىر خانىم 16‏-ئاپرېل فرانسىيىگە يېتىپ بارغان. ئۇ پارىژدىكى مەزگىلىدە 20‏-ئاپرېل باشلىنىدىغان 6‏-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ئاياللار كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە پائالىيەتچىلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ. رابىيە قادىر بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى پارىژدىكى ئۇيغۇر ئاياللار يىغىنىغا توسقۇنلۇق قىلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، لېكىن مەقسىتى ئەمەلگە ئاشمىغان.

خىتاي بازىرىدىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر تارقاقلاشتۇرۇلغان

خىتاي دائىرىلىرى غۇلجا شەھىرىنىڭ ئەڭ كونا بازارلىرىدىن-خىتاي بازىرىدىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنى تارقاقلاشتۇرۇشنى قارار قىلغان. مەزكۇر بازار «خىتاي بازىرى» دەپ ئاتىلىپ قالغان بولسىمۇ، بىراق بۇ بازار ئۇيغۇرلار ئىجتىمائىي ئالاقە، ھەر خىل پائالىيەت ۋە ئەنئەنىۋى سودا بىلەن مەشغۇل بولىدىغان قەدىمكى بازار.

بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بازاردىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر بازارنى رەتكە سېلىش نامىدا تارقاقلاشتۇرۇلىدىكەن. ھۆكۈمەتنىڭ قارارى دەرھال ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە غۇلغۇلا قوزغىغان. بۇنىڭغا ئىنكاس يازغان ئۇيغۇرلار، «شەھەر كوچىلىرىنى ۋە بازارلىرىنى رەتلەش» نامىدىكى قۇرۇلۇشنىڭ، ئۇيغۇرلارنى تارقاقلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خىتاي بازىرى 1900-يىللار ئەتراپىدا قۇرۇلغان.

ئارىشاڭ ناھىيىسىدىكى قەدىمى تاش قەبرىستانلىق دىڭلىڭلارغا مەنسۇپ خارابە

ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق يىپەك يولى مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى دوكتور قاھار بارات، ئارىشاڭ ناھىيىسىگە قاراشلىق ئادۇنچۇلۇق، دېگەن يەردىن تېپىلغان قەدىمكى تاش قەبرىستانلىق، ئۇيغۇرلارنى ھاياجانغا سالىدىغان زور ئارخېئولوگيەلىك بايقىلىش، دەپ كۆرسەتتى.

ئۇينىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمى ئەجدادى دىلارغا مەنسۇپ قۇرۇلۇش بولۇپ، ھازىرغىچە تېپىلغان دىلارغا ئائىت تۇنجى ئارخېئولوگيەلىك ئىز.

خىتاي، بورتالا ئوبلاستى ئارىشاڭ ناھىيىسى چاغان ئۇسۇ ئېغىزىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدىكى يايلاققا جايلاشقان مەزكۇر ئىزنى 2012‏-يىلدىكى 10 چوڭ ئارخېئولوگيەلىك بايقاشنىڭ بىرى، دەپ باھالىغان. ئارخېئولوگلار مەزكۇر قەبرىستانلىقنىڭ 3800 يىل ئاۋۋالقى دەۋرگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىغان.

ئۈرۈمچى پولات زاۋۇتىدا بىر گۇرۇپپا خىتاي ئىككى ئۇيغۇرنى ئۇرۇپ ئېغىر يارىلاندۇرغان

15-ئاپرېل كۈنى، ئۈرۈمچى پولات زاۋۇتىدا ئولتۇرۇشلۇق ئېلى قۇددۇس، بىر يېرىم يىل بۇرۇن ئۆيىنى چېقىۋەتكەن خىتاي شىركىتىگە بېرىپ، چېقىلغان ئۆيىنىڭ تۆلەم پۇل مەسىلىسىنى سۆزلەشكەن.

ئۇ قېيىنئىنىسى بىلەن بىرگە شىركەت ئىشخانىسىدا شىركەت مەسئۇلى بىلەن سۆزلىشىپ تۇرغان ئەسنادا، قوللىرىغا كالتەك، چوماق ئالغان بىر گۇرۇپپا خىتاي ئىشخانىغا بېسىپ كىرىپ، ئۇ ئىككىسىنى ئۇرۇپ باش-كۆزلىرىنى يېرىۋەتكەن. نەق مەيدانغا ساقچى چاقىرىلغان بولسىمۇ، ساقچى كەلمىگەن.

ۋەقەدىن خەۋەر تاپقان ئېلى قۇددۇسنىڭ دوستلىرى بۇ ئىككى يارىدارنى ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئالدىغا ئاپىرىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن. دائىرىلەر ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ ئەھۋالنى سورىغاندىن كېيىن، ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بېرىپ، ئۇلارنى يولغا سېلىپ قويغان. بۇ ئىككى يارىدار ھازىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك 2‏-دوختۇرخانىدا داۋالانماقتا ئىكەن.

دائىرىلەر ئۇيغۇرلار ئولتۇراق رايونىدىكى ئوت ئاپىتىگە جىددىي مۇئامىلە قىلمىغان

مۇشۇ ئاينىڭ 12-كۈنى خوتەن شەھەردىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنى ئاساس قىلغان «گۈللۈك» ئولتۇراق رايونى ۋە ئۆي جاھازلىرى بازىرىدا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، ئولتۇراق رايونىدىكى بىر ئاھالىلەر بىناسى ۋە ئۆي جاھازلىرى بازىرى پۈتۈنلەي كۆيۈپ كەتكەن ئىدى.

يەرلىك ئاھالە ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنىڭ ئوت ئاپىتىنى ۋاقتىدا تىزگىنلىمىگەنلىكى ۋە ئاپەتكە جىددىي مۇئامىلە قىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىر گۇۋاھچىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئوت كەتكەن ئورۇن بىلەن ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنىڭ ئارىلىقى 15‏-20 مىنۇتلۇق يول بولسىمۇ، بىراق ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسى 40 مىنۇتتا يېتىپ كەلگەن. ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسى يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، سۇ چاچماي قاراپ تۇرغان. نەتىجىدە ئوت 5 سائەت داۋام قىلىپ، 40 نەچچە ئائىلىنىڭ ئۆي ۋە مال-بىساتى پۈتۈنلەي كۆيۈپ كەتكەن.

خىتاي ئۆت ئۆچۈرۈش ئەترىتى قوماندانلىق شتابى ئوت ئاپىتىگە جىددىي قارىمىغانلىقىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئوت ئاپىتىنىڭ سەۋەبى ھەر خىل گۇمانلارنى قوزغىغان.

كانادا ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىدۇ

كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون بائىرد كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى قېيۇم مەسىموفقا جاۋاب خەت يېزىپ، كانادا ھۆكۈمىتى خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، ئىز-دېرەكسىز غايىب قىلىۋېتىش، سىياسىي ئۆكتىچىلەر، ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرى، دىندارلار ۋە ئۇيغۇر قاتارلىق ئېتنىك مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قاتتىق قول سىياسىتىدىن بىئارام بولماقتا، دېگەن.

قېيۇم مەسىموف يېقىندا جون بائىردقا خەت يېزىپ، ئۇنى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان ئەھۋاللارغا دىققەت قىلىشقا چاقىرغان. كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ 5‏-ئىيۇل ۋەقەسىدە غايىب بولغان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلغان.

جون بائىرد، بۇ مەسىلىگە قانداق تەدبىر قوللىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق توختالمىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ كانادانىڭ دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىشى قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەردە تۇتقان مەيدانى ئېنىق، دەپ كۆرسەتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.