ھەپتىلىك خەۋەرلەر (18-مايدىن 24-مايغىچە)
2013.05.24
كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئامېرىكانى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 23-ماي ئېلان قىلغان 2013-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ بارلىق ھوقۇقلىرى داۋاملىق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئامېرىكانى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.
دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى داۋاملىق «قاتتىق زەربە بېرىش» ھەرىكىتى يۈرگۈزۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي، سىياسىي پائالىيىتىنى «قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەت»، «بۆلگۈنچىلىك» دەپ ئاتاپ، جىنايى قىلمىش كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مەدەنىيەت كىملىكىنى تىنچ يوسۇندا ئىپادىلىشىگە زەربە بەرگەن.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق مەسئۇلى ت. كۇمار بۇ ھەقتە توختىلىپ: ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئىقتىسادىي ۋە ئىستراتېگىيە دىئالوگى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، خىتايغا قاتتىق بېسىم ئىشلىتىشى كېرەك، دېدى.
گۇماندار ئالىم ئەبەينىڭ ئايالى ئېرىنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنى تاشلاپ ئۇنى قوغدىغان
9-ماي يېڭىسار ناھىيىسىنىڭ ئۇچار يېزىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇش داۋامىدا گۇماندار ئالىم ئەبەينىڭ ئايالى نۇرىمانگۈل ھاشىم ئېرىنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنى تاشلاپ ئۇنى قوغدىغان. ئەمما بۇ جەرياندا نۇرىمانگۈلمۇ ئېغىر زەخىملەنگەن.
ۋەقە پەسەيگەندىن كېيىن نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن ساقچىلار، ھوشسىز ياتقان ئالىم ئەبەينى دوختۇرخانىغا، نۇرىمانگۈلنى ساقچىخانىغا ئېلىپ ماڭغان.
ساقچىلار نۇرىمانگۈلنىڭ سوراق داۋامىدا يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ، دوختۇرخانىدا جان ئۈزگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. ئەمما يەرلىك ئاھالىلەر بۇنىڭغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.
ئاشكارىلىنىشىچە، ئۆي تەكشۈرۈشكە كەلگەن ئامانلىق خادىملىرىنىڭ ئايالى ۋە قېينانىسىغا قوپاللىق قىلغانلىقىنى كۆرگەن ئالىم ئەبەي ئامانلىق خادىملىرىغا پىچاق سالغان. كېيىن 8 نەپەر خەلق ئەسكىرى ئالىم ئەبەينى قورشىۋېلىپ قاتتىق ئۇرغان، كېيىن ئالىم ئەبەي دوختۇرخانىدا جان ئۈزگەن.
ئوقۇغۇچىلار ياغلىق چەكلەش سىياسىتىگە دەرس تاشلاپ قارشىلىق بىلدۈردى
ئاتۇش بىرىنچى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپ دائىرىلىرىنىڭ ياغلىق چەكلەش سىياسىتىگە قارشى نامايىش قىلىپ دەرس تاشلىغان.
ئىگىلىشىمىزچە، نامايىش 22 -ماي ئەتىگەندە بولغان. نامايىش نەق مەيدانىدىن تارتىلغان سۈرەتلەرگە قارىغاندا، نامايىشقا قاتناشقان قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ياغلىق ئارتقان.
مەلۇم بولۇشىچە، قىزىلسۇ ئاپتونوم ئوبلاستى بىرىنچى ئوتتۇرا مەكتىپى يېقىندا بىر بەلگىلىمە چىقىرىپ، ياغلىق ئارتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسكە كىرگۈزۈلمەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىغا ئۇچرىغان.
نەتىجىدە ئوقۇغۇچىلار22 - ماي دەرس تاشلاپ، مەزكۇر بەلگىلىمىگە قارشىلىق كۆرسەتكەن. كېيىن مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەلىپىگە قوشۇلۇشقا مەجبۇر بولغان.
ئۇيغۇر ئىمام ئاققۇن خىتايلار تەرىپىدىن ئېغىر يارىلاندۇرۇلدى
1-ئاۋغۇست پولات-تۆمۈر زاۋۇتى مەسچىتنىڭ ئىمامى ماخمۇتجان زۇنۇن كوچىدىكى ئاققۇن خىتايلار تەرىپىدىن ئېغىر يارىلاندۇرۇلغان.
ۋەقە 19- ماي ئىمام ماخمۇتجان زۇنۇن مەسچىتتىن يېنىپ ئايالى بىلەن ئۆيىگە قايتىۋاتقاندا يۈز بەرگەن.
ۋەقەدىن خەۋەردار ئەرەبىستاندىكى سۇلتان ھاجىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ماخمۇتجان ئايالى بىلەن يولدا كېتىۋاتقاندا يول ياسايدىغان خىتايلار ئۇنىڭ ئايالىغا «خاتا ماڭدىڭ!» دەپ ۋارقىرىغان ۋە پېشانىسىدىن نوقۇغان.
ئايالىنىڭ ئارقىسىدىن كېلىۋاتقان ماخمۇتجان نېمە ئىش بولغىنىنى سۈرۈشتۈرۈپ بولغۇچە، بىر توپ خىتاي «مۇشۇ! مۇشۇ شۇ!» دېگەنچە ئېتىلىپ كېلىپ ئۇنىڭ باش قىسمىغا ئۇرۇپ ئېغىر يارىلاندۇرغان.
ماخمۇتجان زۇنۇن ھازىر دوختۇرخانىدا جىددىي قۇتقۇزۇشتا بولۇپ، تېخى ئەسلىگە كەلمىگەن.
تۈركىيە باش مىنىستىرى ئۈرۈمچىدىكى تۈزۈمنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۈرۈمچىدىكى تۈزۈمنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ سۆزلەرنى 17-ماي ئامېرىكانىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە ئوتتۇرىغا قويدى.
تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋاشىنگتونغا دۆلەت زىيارىتى ئۈچۈن كەلگەن ئىدى.
رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 17-ماي كەچتە تۈركىيە «سەتا» ۋەخپە ئۇيۇشتۇرغان دوكلات بېرىش يىغىنىدا بىر مۇخبىرنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتى ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچىدىكى ۋەزىيەتتە ياخشىلىنىش بار. خىتاينىڭ يېڭى رەھبەرلىرى بىلەن بۇ مەسىلە ھەققىدە سۆزلىشىمىز. ئۈرۈمچىدىكى تۈزۈم بىز قوبۇل قىلالايدىغان تۈزۈم ئەمەس.
ئۇ يەنە، سۆھبەت يولى ئارقىلىق ئۈرۈمچىدە يېڭى ۋەزىيەت مەيدانغا كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكادا ئويۇن قويغان يۇلتۇز ئوسمانىۋا ئۇيغۇرلارغىمۇ سالام يوللىدى
ئامېرىكادا ئويۇن قويغان داڭلىق چولپان يۇلتۇز ئوسمانىۋا ئۇيغۇرلارغىمۇ سالام يوللىدى.
«ئوتتۇرا ئاسىيا ناخشا خانىشى» دەپ نام ئالغان، ئۇيغۇر خەلقىنىڭمۇ چوڭقۇر سۆيۈشىگە سازاۋەر بولغان ئۆزبېكىستانلىق ناخشا چولپىنى يۇلتۇز ئوسمانىۋا 19-ماي نيۇ-يورك شەھىرىدە «سەنمۇ مەندەك سۆيەلەمسەن؟» ناملىق ناخشا كېچىلىكىنى جامائەتكە تەقدىم قىلغان ئىدى.
كېچىلىك ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان يۇلتۇز ئوسمانىۋا ئۇيغۇرلارغا ئۆزىنىڭ ھەم گۈزەل ھەم مەنىلىك تىلەكلىرى بىلەن سالام يوللىدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا رەھمەت ۋە ئۇلارغا سالام. ئۇلار ئامان بولسۇن، مەيلى قەيەردە بولايلى، ۋەتەن ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە ئىشلارنى قىلىشىمىز كېرەك.
ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارغا قانداش ئىكەنلىكىنىمۇ ئالاھىدە تەكىتلىدى.