ھەپتىلىك خەۋەرلەر (5-ئىيۇلدىن 11-ئىيۇلغىچە)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2014.07.11
erkin-asiya-radiosi.jpg ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئىپتار زىياپىتى بەردى

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى جون كەررىنىڭ بېيجىڭ سەپىرى مەزگىلىدە ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئىپتارلىق زىياپەت بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان رامىزان چەكلىمىسىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

9- ئىيۇل كۈنى كەچتە ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن ئىپتار زىياپىتىگە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئالاھىدە مېھمان سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىندى.

رابىيە خانىم ئىپتار زىياپىتىدە مەخسۇس سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ رامىزان مەزگىلىدە دۇنيادىكى باشقا مۇسۇلمانلارغا ئوخشىمىغان ھالدا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى جەھەتتە قاتتىق بېسىمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى مۇدىرى ت. كۇمار سۆز قىلىپ، «مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇلۇغ رامىزان پائالىيەتلىرىنى چەكلىگەن بىردىن-بىر دۆلەت خىتايدۇر، بۇ چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقان بىردىن-بىر خەلق ئۇيغۇرلاردۇر. بىزنىڭ مۇنداق بىر كۈندە ئىپتار پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇشىمىز، ئۇيغۇرلارغا ‹سىلار يالغۇز ئەمەس› دېگەن سادانى يەتكۈزۈش ئۈچۈندۇر.» دېدى.

پەيزاۋاتتا خىتاي ساقچى باشلىقى ئۆلتۈرۈلۈپ جەسىتى سۇ ئامبىرىغا تاشلىۋېتىلگەن

خىتاي مەتبۇئاتلىرى ئالدىنقى كۈنى پەيزاۋاتنىڭ مىشا يېزىسىدا «29‏-ماي ۋەقەسى» نى سادىر قىلغان 4 نەپەر گۇماندارنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ۋەقە يۈز بېرىپ بىر ئايدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان بۇ خەۋەردە ۋەقە سادىر قىلغۇچىلارنىڭ بىر «تېررورلۇق شايكىسى» ئىكەنلىكى ۋە ۋەقەدە بىر نەپەر ساقچىنىڭ ئۆلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن، ئەمما ۋەقەگە ئالاقىدار تەپسىلاتلار تىلغا ئېلىنمىغان ئىدى.

رادىئومىزنىڭ ئىگىلىشىچە، ۋەقەدە ئۆلگۈچى قەشقەر ۋىلايەتلىك قاتناش باش ساقچى ئەترىتىنىڭ باشلىقى لى خوڭجاڭ بولۇپ، ئۇ يېقىندا «قاتتىق زەربە بېرىش گۇرۇپپىسى» غا باشلىق بولۇپ پەيزاۋاتنىڭ مىشا يېزىسىغا ئەۋەتىلگەن ئىكەن.

ئاشكارىلىنىشىچە، 4 نەپەر ئۇيغۇر ھۇجۇمچى لى خوڭجاڭنى پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن جەسىتىنى مىشانىڭ تۆۋەن تارىشا كەنتىدىكى ئورپا سۇ ئامبىرىغا تاشلىۋەتكەن.

قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى قاتتىق چەكلىگەن

خىتاي دائىرىلىرى ئۆز قولىدىكى ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ۋە ئىسلام ئەللىرىدىكى ئەلچىخانىلىرى ئارقىلىق بايانات بېرىپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مۇسۇلمانلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلەشكە دائىر ھېچقانداق بەلگىلىمىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ھالبۇكى، رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى رامىزان مەزگىلىدە مەكتەپ مەمۇرىيىتىنىڭ ئۇچىغا چىققان ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، رامىزان كىرگەندىن بۇيان مەكتەپ دائىرىلىرى ئوقۇغۇچىلارنى كوللېكتىپ چۈشلۈك تاماققا ئورۇنلاشتۇرغان. كۈندە ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا سۇ تارقاتقان. كەچلىك ئىپتار ۋاقتى يېقىنلاشقاندا مەكتەپ ئەتراپىدىكى بارلىق ئاشخانىلارنى، ھەتتا يېمەك-ئىچمەك دۇكانلىرىنىمۇ مەجبۇرىي تاقىتىۋەتكەن.

مەكتەپ مەمۇرىيىتى يەنە روزا تۇتقان ياكى دىنىي ئىبادەتتە بولغانلار بايقالسا، ئۇلارغا باكالاۋرلىق ئۇنۋانى ۋە دىپلوم بېرىلمەيدىغانلىقىنى، ھەتتا مەكتەپتىن چېكىندۈرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

دائىرىلەر ئىلھام توختىنىڭ ئائىلىسىگە بولغان نازارەتنى يەنىمۇ كۈچەيتكەن

تۇتقۇندىكى ئىلھام توختىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر خانىم رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇشۇ بىرنەچچە كۈندىن بۇيان ئۆيى ئەتراپىغا پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلار قويۇلغانلىقىنى، ئۇنىڭ بارلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ قايتىدىن نازارەتكە ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئىلھام توختىنىڭ ئائىلىسىگە بولغان نازارەت يېقىندا يۈز بەرگەن بىر قاتار ۋەقەلەردىن كېيىن قايتا كۈچەيتىلگەن.

5-ئىيۇل كۈنى ئىلھام توختىنى قوللىغۇچىلاردىن ئامېرىكا ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئېلىيوت سپېرلىڭ بېيجىڭ ئايرۇدرۇمىدىن قايتۇرۇۋېتىلگەن. 6-ئىيۇل كۈنى خىتاي دائىرىلىرى يەنە ئىلھام توختىنىڭ يېقىن دوستلىرىدىن تىبەتلىك ئايال يازغۇچى ۋويسېر بىلەن ئۇنىڭ ئېرى يازغۇچى ۋاڭ لىشيوڭنى بېيجىڭدىكى ئۆيىگە نەرەربەنت قىلغان.

ئۇيغۇرلار دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىگە يېقىندىن دىققەت قىلماقتا

برازىلىيىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى يەنە بىر قېتىم ئوخشىمىغان ئەل ۋە خەلقلەرنىڭ مىللىي جاسارىتىنى نامايان قىلماقتا.

بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقە يېرىم ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا كىرگەن بىر پەيتتە ئۇيغۇر كۆرۈرمەنلەر پۈتۈن دۇنيادىكى توپ مەستانىلىرىگە ئوخشاشلا ئەڭ ئاخىرقى نەتىجىگە كۆز تىكتى.

بۇ ھەقتە رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر كۆرۈرمەنلەر بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك مۇسابىقىلەردىن مەلۇم جەھەتلەردە ئۆزگىچىلىك ياراتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇلار يەنە بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەرقايسى ئەل ۋە خەلقلەرنىڭ مىللىي روھى شۇنداقلا ئۆزىگە خاس مىللىي خاراكتېرىنى جەۋلان قىلدۇرىدىغان سەھنە بولغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگىمۇ ئىشەنچ ۋە ئۈمىد بېغىشلىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

خىتاي دائىرىلىرى «تېررورلۇق» قا قارشى كۈرەش قىلىش ئۈچۈن چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان

خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتالمىش «تېررورلۇق قارشى كۈرەش قىلىش» ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن بۇ ساھەدىكى چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۆز ساقچىلىرىنىڭ خىتايدا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان «تېررورلۇق» ۋەقەلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتىكى ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن زور ئىقتىسادىي سېلىنما ئاجراتقان. بېيجىڭدىكى جامائەت خەۋپسىزلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنى بازا قىلغان ھالدا ئامېرىكا، ئىسرائىلىيە، پاكىستان، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىشقا تەييارلانغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل 22-مايدا ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «ئەتىگەنلىك بازار ھۇجۇمى» دىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدە بىر يىلغا سوزۇلغان «تېررورلۇققا قاتتىق زەربە بېرىش» ھەرىكىتىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشىنى چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى «قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى» نى خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنىڭ بىر پارچىسى قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇش دەپ قارىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.