ھەپتىلىك خەۋەرلەر (15-ئىيۇلدىن 21 ئىيۇلغىچە)
2017.07.21
ئامېرىكا، خىتايدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ تېررورلۇق ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىش مۈشكۈل
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى يىللىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش دوكلاتى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى ھەرىكىتى نۇقتىلىق «ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى تەرغىب قىلىدىغان تەشكىلات- شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىگە قارىتىلغانلىقى» نى بىلدۈردى.
دوكلاتتا يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2016-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بىخەتەرلىك ۋە تەكشۈرۈشنى جىددىيلەشتۈرگەنلىكىنى قەيت قىلدى.
خىتاينىڭ تۇنجى يۈرۈش تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى 2016-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويۇلغان.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى مەزكۇر قانۇنىدا ئۇنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان تېررورلۇققا قارشى قوللىنىپ كەلگەن ھەرىكەتلىرىگە ئاشكارا دەستەك بېرىلگەن بولۇپ، بەزىدە ئۇنىڭ نۇقتىلىق ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بۇ ھەرىكىتىنىڭ تېررورلۇقنى نىشان قىلغانلىقى ياكى شەخس ۋە گۇرۇھلارنى باستۇرۇشقا قارىتىلغانلىقىنى پەرقلەندۈرمەك مۈشكۈل بولۇپ كەلگەن.
د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسانىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قانۇنى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىككى خىل ئۆلچەمنى قانۇنلاشتۇرغان.
مىسىردا تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ مىسىر ئىستىخبارات ئىدارىسىدە ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى
مىسىرنىڭ قاھىرە شەھىرىدە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتكەن دۈشەنبە كۈنى مىسىر ئىستىخبارات ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئىستىخبارات باش ئىدارىسىگە قاراشلىق قاماقخانىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
مىسىرلىق ئادۋوكاتلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تۇتقۇن قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرلار مىسىر باش ئىستىخبارات ئىدارىسى-ئەل مۇخاراباتنىڭ قاماقخانىسىغا يىغىۋېلىنغان.
مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى، تۇتقۇنلارنىڭ ئادۋوكاتلىرىنىڭ ئۇچۇرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ ئاشكارىلىشىچە، ئۇلار قاھىرەدىكى ساقچى پونكىتلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئاز دېگەندە 73 كىشىنىڭ مىسىر باش ئىستىخبارات دائىرىلىرى ئېلىپ كېتىلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان.
مىسىردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مىسىرلىق ساقچىلار ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تۇتۇش بۇيرۇقىنى مىسىر ئىستىخبارات ئىدارىسى چىقارغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ساقچىلار، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تۇتقۇن قىلىش سەۋەبىنى مىسىر-خىتاي ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىلىقىدىكى كېلىشىمگە باغلىغان.
ئۇيغۇر رايونىدا ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش نامىدا يەنە 10 ئۇيغۇر جازالاندى
ئۇيغۇر رايونلۇق پارتكوم ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى يېقىندا يەنە ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان 12 نەپەر ئاساسى قاتلام ئەمەلدارىنىڭ پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلىپ، دېلوسىنىڭ ئەدلىيەگە تاپشۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇلارنىڭ ھەممىسى يېزا ۋە كەنت دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بولۇپ، بۇلاردىن 10 نەپىرى ئۇيغۇر ئىكەن. ئۇيغۇر رايونىدا ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇۋاتقانلار، بولۇپمۇ مەنپەئەتلىك ئورۇنلاردا ھوقۇق تۇتۇۋاتقانلار ئاساسەن خىتاي ئەمەلدارلار بولسىمۇ، ئەمما يېقىندىن بۇيان جازالانغانلار ئىچىدە مۇتلەق كۆپىنچىسىنىڭ ئۇيغۇر بولۇشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.
تەڭرىتاغنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، بۇ قېتىم جازالانغانلار ئاساسلىقى نامراتلارنى يۆلەش ۋە ئەمىن ئۆيى قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەرگە ئاجرىتىلغان پۇلنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان ياكى بۇنى ۋاسىتە قىلىپ تۇرۇپ پارا ئالغان. خەلقئارادىكى كۆزەتكۈچىلەر خىتايدا پارىخورلۇقنىڭ يىلتىزى سىياسىي تۈزۈلمىدە ئىكەنلىكىنى، ئەمەلدارلارنى جازالاش بىلەن چىرىكلىكىنى تۈگەتكىنى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.
ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى: «گۈلمىرەنىڭ قىسمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنىڭ ئىنكاسى!»
ئۇيغۇر ۋىجدان مەھبۇسى گۈلمىرە ئىمىننىڭ مەڭگۈلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنىڭ سەككىز يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ساندرا جوللېي خانىم ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، تۈرمىدىكى گۈلمىرەگە مەدەت تىلىدى.
ساندرا جوللېي گۈلمىرە ئىمىن توغرىسىدىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، «گۈلمىرە ئىمىن دۇچ كەلگەن قىسمەت ئايرىم بىر شەخسنىڭ ئەھۋالى ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان سىمۋوللۇق ھالەت» دېدى.
ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تارىخىدىكى زور ۋەقەلەردىن بولغان ئۈرۈمچى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» گە سەككىز يىل بولغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا چېتىشلىق نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھازىرغا قەدەر يوشۇرۇپ كەلگەن.
گۈلمىرە ئىمىن شۇ ۋاقىتتا قولغا ئېلىنغان مەھبۇسلارنىڭ بىرى. ئۇ «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن شۇ قېتىملىق نامايىشنى تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ بىرى، دېگەن گۇمان بىلەن قولغا ئېلىنىپ، مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى گۈلمىرە ئىمىننى قۇتقۇزۇلىدىغان ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ بىرى، دەپ ئېلان قىلغان ئىدى.
يانفون ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ تېلېفونىغا «تور تازىلىغۇچ» نى ئورنىتىش تەلەپ قىلىنغان
يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يانفون ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۆز تېلېفونلىرىغا «تور تازىلىغۇچ» نامىدىكى يۇمتالنى ئورنىتىشى تەلەپ قىلىنغانلىقى مەلۇم بولدى.
مەزكۇر يۇمشاق دېتال يانفونغا ئورنىتىلغاندىن كېيىن، شۇ تېلېفوندىن ئۆتكەن «تېررورلۇق» بىلەن ئالاقىدار بولۇشى مۇمكىن بولغان ھەرقانداق ئۇچۇرنى بايقىيالايدىكەن ھەمدە ئاپتوماتىك ئۆچۈرەلەيدىكەن. مەزكۇر تەدبىر يېڭىدىن ئىجرا قىلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە پۈتكۈل ئۇيغۇرلار دىيارىغا ئومۇملىشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ، ئۇيغۇر رايونىدا قاتتىق ئامانلىق تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكىتىنى تېخىمۇ قاتتىق قامال قىلىشقا باشلىغان ئىدى. كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، پۇقرالارنىڭ تېلېفونىغا بۇ خىل «تور تازىلىغۇچ» يۇمتالىنى ئورۇنلاشتۇرۇشى ئۇلارنىڭ ئۇچۇر ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنى تېخىمۇ قاتتىق بوغۇپ،ئۇلارنىڭ شەخسى بىخەتەرلىكىگە تېخىمۇ ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلىدىكەن.