ھەپتىلىك خەۋەرلەر (20-ئىيۇلدىن 26-ئىيۇلغىچە)

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ «ئاق تاشلىق كىتابى» زور غۇلغۇلا قوزغىدى

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا «ئاق تاشلىق كىتاب» ئېلان قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىي مىللەت ئەمەسلىكى، ئىسلام دىنىنىڭ قورال كۈچى بىلەن تېڭىلغان مەجبۇرىي دىن ئىكەنلىكى، «شەرقىي تۈركىستان» ناملىق بىر جاينىڭ ھېچقاچان مەۋجۇت بولمىغانلىقىنى شەرھلىدى.

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى چوڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ ھەقتىكى كۆپلىگەن رەددىيە خەۋەرلىرىنى بەردى. بۇ ئوبزور ۋە ماقالىلەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاق-قارىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋاتقانلىقى ئەيىبلىنىپ «خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇ ئاق تاشلىق كىتاب ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنماقتا» دەپ كۆرسەتتى.

ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ «ئاق تاشلىق كىتاب ماھىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ ئاجىز نۇقتىلىرىنى ئاشكارىلىدى» دېدى.

نۇر بەكرىنىڭ سوتلىنىشى ئۇيغۇرلارغا كۈچلۈك سىگنال بەردى

خىتاي دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى نۇر بەكرى 2018-يىلى سېنتەبىردە تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، يېقىندا ئۇنىڭ 20 يىللىق خىزمەت جەريانىدا 79 مىليون سوم پارا يېگەنلىكى جاكارلاندى.

نۇر بەكرى ئۇيغۇر ئەمەلدارلىرى ئىچىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئەڭ ئاكتىپ خىزمەت قىلغانلارنىڭ بىرى، دەپ قارىلىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ۋە سوتلىنىشى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىدى.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ «نۇر بەكرىدەك خىتاي كومپارتىيەسى بىر قوللۇق يېتىشتۈرگەن ساداقەتمەن ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىرنىڭ جازالىنىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھېچقانداق ئۇيغۇر كادىرغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنىڭ ئەڭ جانلىق مىسالى» دېدى.

يېتىملارغا ياردەمدە بولغان ياسىن مەمەت تۇتقۇن قىلىنغان

ئۆتكەن ھەپتە قەشقەر يېڭىشەھەردىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلەردىن ياسىن مەمەتنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە ئاقسۇدىكى بىر لاگېردا ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇرلار مەلۇم بولدى.

ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياسىن مەمەت قەشقەردە «ئىشەنچ دۈملىمە توخۇ رېستورانى» ئاچقان بولۇپ، 20 يىلدىن بۇيان بۇ رېستوراننى بەش-ئالتە تارماق دۇكانغا تەرەققىي قىلدۇرغان. شۇنىڭدەك رېستوراندا سېتىلماي قالغان تاماقلارنى ئۆز تەۋەسىدىكى يوقسۇل ۋە يېتىم-يېسىر كىشىلەرگە تارقىتىپ بەرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىل ھەقسىز تاماقلارغا ئېغىز تەگكەنلەر ئىچىدە بىر قىسىم سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىمۇ بولغاچقا ياسىن مەمەت «جەمئىيەتكە زىيانلىق كىشىلەرنى قانات ئاستىغا ئالغان» دەپ ئەيىبلىنىپ قاماققا ئېلىنغان.

لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ «ئىشسىز» كىشىلەر ئەمەسلىكى ئاشكارىلانماقتا

خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا جامائەتكە ئىزچىل «كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى» دەپ تونۇشتۇرۇۋاتقان لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەلىيەتتە يۇقىرى مەلۇماتلىق، ھېچقانداق «كەسپىي تەربىيە» ئەگە ئېھتىياجى يوق كىشىلەر ئىكەنلىكى بارغانسېرى ئاشكارا بولۇشقا باشلىدى.

يېقىندا BBC نىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بىر لاگېر ھەققىدە ئىشلىگەن زىيارەت فىلىمىدا «ئىشسىز» دەپ تونۇشتۇرۇلغان كىشىلەرنىڭ بىرى قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىنىڭ كەسپىي خادىمى ئەكبەر ئەبەيدۇللا ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىشلىگەن «كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى» ھەققىدىكى بىر فىلىمدا «ئىشسىز» دەپ تەسۋىرلەنگەن يەنە بىرەيلەننىڭ بولسا شىئەن پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىنژېنېرلىق كەسپىنى پۈتتۈرگەن، خىتايچە ۋە ئىنگلىزچە تىللارغا، شۇنىڭدەك كومپيۇتېر مەشغۇلاتىغا بەكمۇ پىششىق بولغان رەجەبنىياز ھەبىبۇللا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» گە ئىمزا قويغانلار كۆپەيمەكتە

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە مۇزاكىرە باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» گە ئىمزا قويۇۋاتقان پالاتا ئەزالىرىنىڭ كۆپىيىشى ئۇيغۇرلارنى تولىمۇ خۇرسەن قىلماقتا.

يېقىندا ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا ئېچىلغان دىنىي ئەركىنلىك تېمىسىدىكى يىغىندا كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسلىرىدىن كرىس كونىس سوم تىللىس ئۆزلىرىنىڭ بۇ قانۇن لايىھەلىرىگە ئىمزا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىككى قانۇن لايىھىسى يېقىن كەلگۈسىدە كۈچلۈك ۋە سىستېمىلىق بىر شەكىلدە رەسمىي ماقۇللاشقا سۇنۇلىدىكەن.

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا «ئاق-كۆك 19 ھەرىكىتى» باشلاندى

فىلادىلفىيە شەھىرىدىكى يەھۇدىي ياشلىرىدىن مەت تاكېر ئۇيۇشتۇرغان «ئاق-كۆك 19 ھەرىكىتى» خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكىتىنى ھەرقايسى جايلاردىكى ئاۋام خەلققە بىلدۈرۈش مەقسىتىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تەشكىللىنىشكە باشلىدى.

بۇ ھەرىكەت تىنچ شەكىلدە ئۆتكۈزۈلىدىغان پائالىيەت بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك پاجىئەلەر ھەر خىل سۈرەتلەر ۋە باياناتلار ئارقىلىق خەلق ئاممىسىغا چۈشەندۈرۈلىدىكەن. 21-ئىيۇل كۈنى بۇ ھەرىكەت دۇنيادىكى بىرنەچچە شەھەردە تەڭلا ئۆتكۈزۈلدى.

ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بۇ خىلدىكى «سۈكۈت» شەكلىنى ئالغان پائالىيەت ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، بۇنىڭمۇ داۋا يولىدىكى بىر ۋاسىتە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.