خىتاي ئامانلىق قوغداش ئورگىنى ئىلھام توختىنىڭ بېيجىڭدىن بىر مەزگىل ئايرىلىپ تۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى
بېيجىڭ دۆلەت ئامانلىق قوغداش ساقچىلىرى مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى ئىلھام توختىدىن 18-قۇرۇلتاي مەزگىلىدە بېيجىڭدىن بىر مەزگىل ئايرىلىپ تۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان.
ئىلھام توختىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، دۆلەت ئامانلىق قوغداش ساقچىلىرى ئۇنىڭ بىلەن «چاي سۆھبىتى» ئۆتكۈزۈپ، ئۇنى قۇرۇلتاي مەزگىلىدە باشقا جايلارغا ساياھەتكە بېرىشقا «تەكلىپ» قىلغان. خىتاي دائىرىلىرى كومپارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، بېيجىڭدا جىددىي بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئالغان.
بېيجىڭدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بىر ئايدىن بۇيان بېيجىڭدىكى ئەرزدارلار ئۆز يۇرتلىرىغا قايتۇرۇپ كېتىلىپ، بېيجىڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى نەزەربەند قىلىنغان. ئىلھام توختىغا ئوخشاش سەزگۈر دەپ قارالغان شەخسلەرنىڭ بېيجىڭدىن كېتىشى تەلەپ قىلىنغان.
تۈرمىدە 9 ئاي ئاچلىق ئېلان قىلغان مەھبۇس كېرەم ئابدۇۋەلىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتى خەلقئارا جامائەتتىن ياردەم تەلەپ قىلدى
1993-يىلى ئەكسىلئىنقىلابى تەشكىلات قۇرۇش بىلەن ئەيىبلىنىپ 12 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان كۇچالىق ئاتاقلىق دىنىي زات كېرەم ئابدۇۋەلىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتىنى ئەندىشىگە سالغان.
ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتى، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى ۋە خەلقئارا جامائەتنى ئۇنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى.
كېرەم ئابدۇۋەلىنىڭ 12 يىللىق قاماق جازاسى 2001-يىلى توشقان بولسىمۇ، لېكىن دائىرىلەر ئۇنىڭ جازا مۇددىتىنى 3 يىللىقتىن 4 قېتىم ئارقا-ئارقىدىن ئۇزارتقان. خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىغا نارازى بولغان كېرەم ئابدۇۋەلى بۇلتۇر 9-ئاينىڭ 24-كۈنى ئاچلىق ئېلان قىلىپ، بۇ يىل 6-ئايغا قەدەر جەمئىي 9 ئاي داۋام قىلدۇرغان؛ خىتاي دائىرىلىرى ئۇنى ئوكۇل ئارقىلىق تومۇرىدىن ئوزۇقلاندۇرۇپ ھاياتىنى ساقلاپ كەلگەن؛ ئائىلىسى ئۇنى ئاخىرقى قېتىم زىيارەت قىلغاندا كېرەم ئابدۇۋەلى ئورۇقلاپ بىر تېرە-بىر ئۇستىخان ھالىتىگە چۈشۈپ قالغان.
تەڭرىتاغ 1-نومۇرلۇق مۇز قاتلىمىنىڭ ئېرىپ كېتىشىنى ئادەملەر كەلتۈرۈپ چىقارغان
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، تەڭرىتاغ مۇز قاتلىمىنىڭ ئېرىپ كېتىشىنى ئادەملەرنىڭ ھەرىكىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
خەلقئارا پۈتۈشمە تاغ تەرەققىيات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى دەيۋىد مولدېن، ئىقلىم ئۆزگىرىشىدىن قالسا قارا كاربون، مۇز قاتلىمىنىڭ ئېرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئاساسلىق ئامىل، دەپ كۆرسەتكەن.
خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە قاراشلىق تەڭرىتاغ مۇز قاتلىمىنى كۆزىتىش پونكىتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، يېقىنقى 30 يىلدىن بۇيان تەڭرىتاغ مۇز قاتلىمىنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردا كۆمۈر ئېلېكتر ئىستانسىسى ۋە بەزى قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتلار قورۇلغان.
مۇتەخەسسىسلەر مەزكۇر ئېلېكتر ئىستانسىسى ۋە زاۋۇتلار قويۇپ بەرگەن چاڭ-توزان ۋە كۆمۈر كۇكۇندىلىرىنىڭ مۇزغا قونۇپ، قۇياش نۇرىنىڭ تەپتىدە مۇز قاتلىمىنى تېز ئېرىشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەڭرىتاغ 1-نومۇرلۇق مۇز قاتلىمى ھەر يىلى 4 مېتىردىن كىچىكلەۋاتقان بولۇپ، مۇز قاتلىمى يېقىنقى 52 يىلدا 15 مېتىر نېپىزلىغان.
خىتاي دائىرىلىرى خوتەن ئايرودرومىدا يېنىغا چاقماق سېلىۋالغان بىر ئۇيغۇر ئايالنى قولغا ئالدى
خىتاي ئامانلىق دائىرىلىرى خوتەن ئايرودرومىدا قوينىغا چاقماق سېلىۋالغان بىر ئۇيغۇر ئايالنى قولغا ئالغان.
شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ۋەقە ئۆتكەن شەنبە كۈنى يۈز بەرگەن بولۇپ، ساقچىلار خوتەندىن ئۈرۈمچىگە ماڭغان بىر ئۇيغۇر يولۇچى ئايالنىڭ يېنىنى تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭ قوينىدىن چاقماق تېپىۋالغان.
خەۋەردە بۇ ئايالنىڭ ئىسمى، كەسپىي، يۇرتى، مىللىتى ۋە باشقا جەھەتلەردىكى ئەھۋالى تىلغا ئېلىنمىغان. ئۇ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈۋاتقاندا، مېتال بايقاش ئەسۋابى چېلىنىپ، ساقچىلارنىڭ ئۇنى ئاختۇرغانلىقى، ئاقتۇرۇشتا ئۇنىڭ قوينىدىن چاقماق ۋە نەق پۇل تېپىلغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ دەرھال قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي ئاخباراتلىرى يېقىندا 6 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ خوتەندىن-ئۈرۈمچىگە ماڭغان بىر يولۇچىلار ئايروپىلانىنى بۇلىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئايرودروملاردىكى بىخەتەرلىك ئامانلىق تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەن.
بۇ يىل رامزان مەزگىلىدە، ئامېرىكا ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار يىللاردىكىگە ئوخشاش بىر يەرگە يىغىلىپ، بىرلىكتە ئىپتار قىلدى
11-ئاۋغۇست شەنبە كۈنى خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتى بىلەن ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى بىرلىشىپ، ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئىپتار بەردى.
ئىپتاردا ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ئېغىر چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، خىتاي تۈرمىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇقى خارلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا دۇئا قىلدى.
12-ئاۋغۇست يەكشەنبە ئىپتار ۋاقتىدا ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار يەنە بىر يەرگە يىغىلىپ، بۇ يىل ئۇنىۋېرسىتېتلارغا قوبۇل قىلىنغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئۇزىتىش چېيى بەردى. شۇ كۈنكى چايدا ياشلارنىڭ ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن ئۇيغۇرلارغا شان-شەرەپ كەلتۈرگەنلىكىنى تەبرىكلەپ، يېڭى ئەۋلاد ياشلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىد ۋە تىلەكلىرىنى بىلدۈرۈشتى.
ئىپتاردا يەنە، ئوقۇغۇچىلارغا خاتىرە گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بېرىلدى.
كېرىيىدە يەر تەۋرىدى
يەكشەنبە كۈنى كېرىيە ناھىيىسىنىڭ تىبەت چېگراسىدىكى ۋە ئاتۇش-مارالبېشى چېگراسىدىكى رايونلاردا يەر تەۋرىگەن.
يەر تەۋرەش مەركىزى كېرىيىنىڭ پولۇ كەنتىدە بولۇپ، خىتاي تەرەپ كېرىيىدە 6.2 بال، ئاتۇش-مارالبېشى چېگراسىدىكى رايونلاردا 5.2 بال تەۋرىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بىراق ئامېرىكا گېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئورگىنى كېرىيىدىكى يەر تەۋرەشنى 6.3 بال،ئاتۇش-مارالبېشىدىكى يەر تەۋرەشنى 5.3 بال، دەپ ئېلان قىلغان.
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كېرىيىدىكى يەر تەۋرەشتە بىرەر مىڭغا يېقىن ئائىلە، 4600 دەك كىشى ئاپەتكە ئۇچرىغان. 350 كىشى تارقاقلاشتۇرۇلغان، نۇرغۇن چارۋا مال ئۆلگەن.
د ئۇ ق خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى كېچىكىپ باشلىغانلىقىنى تەنقىدلەپ، خىتاي دائىرىلىرىدىن خەلقئارا ئورگانلارنىڭ ۋە چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارغا ياردەم قىلىشىغا يول قويۇشنى تەلەپ قىلدى.
2-نۆۋەتلىك تۇران قۇرۇلتىيىغا 5 دۆلەتتىن 20 ئۇيغۇر ۋەكىل قاتناشتى
2-نۆۋەتلىك تۈرك تۇران قۇرۇلتىيى ۋېنگرىيىنىڭ بۇگاج يېزىسىدا غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلگەن.
ئىككى كۈن داۋام قىلىپ، 12-ئاۋغۇست ئاخىرلاشقان قۇرۇلتايغا 21 دۆلەتتىن ۋەكىللەر قاتناشقان بولۇپ، قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى ۋېنگرىيە پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ساندور لەزساك ئەپەندى قىلغان. قۇرۇلتايدا قەدىمكى ھۇن مەدەنىيىتى، بولۇپمۇ قەدىمكى ھونلارنىڭ تۇرمۇشى ۋە ئۇرۇش ماھارىتى جانلىق ھالدا تونۇشتۇرۇلغان.
بۇ پائالىيەتنى ۋېنگرىيە تۇران بىرلىكى ئۇيۇشتۇرغان. تۇران بىرلىكىنىڭ باشلىقى تۈركولوك ئاندراس بىرو ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قۇرۇلتاي ئۆتكۈزۈلگەن مەيدانغا ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ 200 چېدىرى تىكىلگەن بولۇپ، 350 خىل ئۇرۇش ماھارىتى تونۇشتۇرۇلغان. قۇرۇلتايغا ئۇيغۇرلارغا ۋەكىل بولۇپ گېرمانىيە، قازاقىستان، ئەنگلىيە، گوللاندىيە، شۋېتسارىيە ۋە تۈركىيىدىن كەلگەن 20 دەك كىشى قاتناشقان.
ئىنگلىزچە كىتاب «يېڭى يىپەك يولى»دا خىتايدىكى ئۇيغۇرلار ۋە تۇڭگانلار
يېقىندا ئەنگلىيە ماكمىللان نەشرىياتى تەرىپىدىن «يېڭى يىپەك يولى» ناملىق ئىنگلىزچە كىتاب نەشر قىلىنغان بولۇپ، ئەسەردە خىتايدىكى مۇسۇلمان خەلق-ئۇيغۇرلار ۋە تۇڭگانلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ئوخشاش بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ ئۇلارغا پەرقلىق دىنىي سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
كىتابنىڭ ئاپتورى سىمپفېردورفېر ئەپەندى خەلقئارا ئىستراتېگىيە جەمئىيىتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، ئۇ ئىلگىرى شوتلاندىيە خان جەمەتى بانكىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئىشلىرىغا مەسئۇل ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.
ئۇنىڭ بۇ قېتىم نەشر قىلىنغان «يېڭى يىپەك يولى» ناملىق كىتابى جەمئىي 8 باب. ئەسەردە ئاپتور خىتاينىڭ ئىسلام دۇنياسى بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەردە خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنى دەستەك قىلىپ تۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇلارغا ئادىل سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى كوزىر قىلسىمۇ، بىراق خىتايدىكى ئۇيغۇرلاردىن باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ «ئادىل» سىياسەتتىن توغرا نەپ ئېلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ بېسىم ۋە ئازاب ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.