ھەپتىلىك خەۋەرلەر (21-سېنتەبىردىن 27-سېنتەبىرگىچە)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019.09.27
Zumret-Dawut-Shahitliq-20190924.jpg زۇمرەت داۋۇت خانىم ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئورۇنلاشتۇرغان «شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى» تېمىسىدىكى يىغىندا شاھىتلىق بەرمەكتە. 2019-يىلى 24-سېنتەبىر. نيو-يورك، ئامېرىكا.
Social Media

ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ب د ت نىڭ يىللىق كېڭىشىدە مۇھىم سالماق ئىگىلىدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ مۇشۇ ھەپتىدە چاقىرىلغان 74-نۆۋەتلىك يىللىق كېڭىشى مەزگىلىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەر سۈپىتىدە كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە سۇنۇلدى. 

تۇنجى قېتىم ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ساھىبخانىلىق قىلىشى بىلەن ب د ت دا چاقىرىلغان دىنىي ئەركىنلىك تېمىسىدىكى يىغىندا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئە مۇھىم تېمىلاردىن بولدى. بۇنىڭغا ئۇلاپلا چاقىرىلغان ئۇيغۇرلار تېمىسىدىكى مەخسۇس يىغىندا ئۇيغۇر ۋەكىللەر تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇماتلار بەردى. 

شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئامېرىكانىڭ ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دېيۋىد ستىلۋېل ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تېررورلۇق بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. 

لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇتنىڭ بايانلىرى زور تەسىر قوزغىدى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تەربىيىلەش مەركىزى» نامىدىكى لاگېرلىرىنىڭ بىرىدە ياتقان زۇمرەت داۋۇت مىڭ مۇشەققەتتە ھۆرلۈككە چىققاندىن كېيىن لاگېرلارنىڭ قانداق مۇدھىش ماكان ئىكەنلىكى ھەققىدە ئاشكارا گۇۋاھلىق بەردى.

بولۇپمۇ زۇمرەت داۋۇت ب د ت دا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مەخسۇس يىغىندا گۇۋاھلىق بېرىپ، لاگېردىكى ئاياللارنىڭ مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىلىشى، لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىنى ئىنكار قىلىشقا مەجبۇرلىنىشى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. 

خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە لاگېرلارنى «كەسپىي تەربىيىلەش مەكتىپى» دەپ پەردازلاۋاتقان بولۇپ، زۇمرەتنىڭ گۇۋاھلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيانى قانداق ئالداۋاتقانلىقىنى بىۋاسىتە پاش قىلدى.

ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ پويىزدا يۆتكىلىشى ھەققىدىكى ۋىديو زور غۇلغۇلا قوزغىدى

يېقىندا كۆزلىرى تېڭىلغان ۋە پۇت-قوللىرى كىشەنلەنگەن نەچچە يۈز ئۇيغۇر مەھبۇسنىڭ كورلا پويىز ئىستانسىسىدا ساقچىلارنىڭ قاتتىق نازارىتى ئاستىدا يۆتكىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى سىن كۆرۈنۈشى تارقالدى.

بۇ سىن كۆرۈنۈشى تارقالغاندىن كېيىن ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارىس پەين، ئامېرىكانىڭ ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دېيۋىد ستىلۋېل قاتارلىقلار بۇنىڭ «ئادەمنى شۈركۈندۈرىدىغان قورقۇنچلۇق مەنزىرە» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. 

ئېغىر قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر مەھبۇسلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تۈرمىلەرگە يۆتكىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە تۈرلۈك ئۇچۇرلار مەلۇم بولغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى سىن كۆرۈنۈشى بۇنى يەنە بىر قېتىم دەلىللىدى. 

ئائىلە ئەزالىرىنىڭ بىر-بىرىنى «پاش قىلىشى» ئومۇملاشماقتا

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر ھەرقايسى ۋىلايەت ۋە ناھىيەلەردە ئاھالىلەرنى «بىر-بىرىنى پاش قىلىش» قا تەشكىللەشتىن باشقا، ھەرقايسى ئائىلە ئەزالىرىنىمۇ بۇ دولقۇنغا سۆرەپ كىرىۋاتقانلىقى ئاشكارا بولماقتا.

رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاستا ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە لاگېردىكىلەر ئېغىر جىسمانىي جازا ۋە ئۆلۈم تەھدىتلىرى ئارقىلىق ئۆز ئائىلە ئەزالىرىنىڭ باشقىلارغا تېخى مەلۇم بولمىغان «خاتالىقى» ياكى «مەسىلىسى» نى پاش قىلىشقا زورلانماقتا ئىكەن. بۇنىڭدىن پاش بولغان ئۇچۇرلار ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر لاگېرغا قامىلىشقا باشلىغان. 

بەزى ئانالىزچىلار بۇ پاكىتلارغا ئاساسەن «لاگېرلارنىڭ تېررورلۇق مەسىلىسى بىلەن ئالاقىسى يوق. ئۇ پەقەت يېڭىچە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ۋاسىتىسى بولماقتا» دېدى. 

زور تۇتقۇندا مائارىپ ساھەسى ئىزچىل مۇھىم نىشان بولماقتا

خىتاينىڭ داليەن ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن ھەسەنجان ئىسمائىل يۇرتى كورلاغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن «606 تىل مەكتىپى» ئاچقان ھەمدە «جاھان» پۇل-مۇئامىلە شىركىتى قۇرغان. مىليونلاپ پۇل تېپىۋاتقان بۇ شىركەتنىڭ ساھىبى ھەسەنجان 2018-يىلى تۇتقۇن قىلىنغان. 

مۇخبىرىمىزنىڭ ئەھۋال ئېنىقلىشى جەريانىدا كورلا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ھەمدە 6-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى شەرەپ ھېيتنىڭ 2019-يىلنىڭ بېشىدا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى مەلۇم بولدى.

ئىلى ئىككىنچى دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىدە 25 يىلدىن بۇيان بىئولوگىيە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان شاۋكەت ئابدۇللامۇ يېقىندا «چەتئەلگە پۇل سالغان» دېگەندەك يوقىلاڭ باھانىلەر بىلەن قولغا ئېلىنىپ، 25 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان.

خىتاي ب د ت دا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈش ۋە سېتىش بىلەن ئەيىبلەندى

ئەنگلىيەدىكى «خىتاي كوللېگىيەسى» ناملىق بىر مۇستەقىل خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئادۋوكاتى ھامىد سابى 24‏-سېنتەبىر كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 42‏-نۆۋەتلىك يىغىنىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈۋاتقانلىقى ۋە سېتىۋاتقانلىقى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى.

ئۇ گۇۋاھلىق سۆزىدە ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» بىلەن ئەيىبلىنىش مۇمكىنچىلىكى بولغان جىنايەتكە قارشى جىددىي تەدبىر ئېلىش «مەجبۇرىيىتى» نىڭ بارلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. 

ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ سىرلىق ئۆلۈمى ھەققىدە كۆپلىگەن مەلۇماتلار ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بولۇپ، بىر قىسىم ئانالىزچىلار بۇنىڭ مۇشۇ خىلدىكى ئىچكى ئەزالار سودىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.