ھەپتىلىك خەۋەرلەر (21-ئۆكتبىردىن 27-ئۆكتەبىرگىچە)

0:00 / 0:00

سودىگەرلەر ۋە دىنىي زاتلارنى تۇتقۇن قىلىش داۋام قىلماقتا

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» ھەركىتى جەريانىدا ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ھۆكۈمەت رويخېتىگە ئېلىنغان قانۇنلۇق دىنىي زاتلارنىڭ تۇتقۇن ئوبكېتىغا ئايلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىلدىكى تۇتقۇن ھەركەتلىرى ھازىر چەتئەل بىلەن ئالاقىسى بولغان سودىگەرلەرنىمۇ نۇقتىلىق نىشان قىلماقتا ئىكەن. يېقىندا قىرغىزىستاندىن قايتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر سودىگەرلەر ئۇلۇغچات چېگراسىدىن ئۆتكەن ھامان قولغا ئېلىنغان.

مۇخبىرىمىزنىڭ ئەھۋال ئىگىلىشى جەريانىدا قولغا ئېلىنغانلار سانىنىڭ كۆپلۈكىدىن ئۇلارغا سوت ئېچىپ ئۈلگۈرمەيۋاتقانلىقى، شۇنىڭ ئۈچۈن جاۋابكارنىڭ ئىسمى يېزىلىدىغان ئورۇن بوش قالدۇرۇلغان سوت ھۆكۈملىرىنىڭ ھەرقايسى ساقچىخانىلارغا تارقىتىپ بېرىلگەنلىكى مەلۇم بولدى.

خىتاي جاسۇسلۇق ئورگانلىرىنىڭ چەتئەللەرگە سوزۇلغان قولى ئۇيغۇرلارنى بىئارام قىلماقتا

بىر قىسىم ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ يېقىندىن بۇيان چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ داۋا ئىشلىرىغا دائىر ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا ھەر خىل يوللار ئارقىلىق يېقىنلىشىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى دەلىللىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي جاسۇسلۇق ئورگانلىرىنىڭ خادىملىرى ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە تۈركىيە قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇرلارغا تېلېفون قىلىپ، ئۆزلىرى ئۈچۈن ئاخبارات توپلاپ بېرىشنى، بولمىسا ئۇلارنىڭ ۋەتەندىكى ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

خىتاي دائىرىلىرى بۇنىڭلىق بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن يەنە چەتئەللەردە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەر خىل مۇھاجىرلار تەشكىلاتى قۇرۇپ، ئۆزلىرىگە ئۇيغۇرلاردىن يانتاياق بولىدىغانلارنى ئىزدىمەكتىكەن.

ئاتالمىش «شىنجاڭ ۋەكىللىرى» نىڭ ساختىپەزلىكى مەسخىرىگە قالدى

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 19-قۇرۇلتىيىغا ئەۋەتىلگەن ئاتالمىش «شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى» تەركىبىدىكى ئۇيغۇر ۋە قازاق ۋەكىللەر ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەۋجۇت مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ ئورنىغا خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇش تەدبىرلىرىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن.

ئۇيغۇر دىيارى بويىچە «ئۈچ خىل كۈچلەر» گە قارشى ئوچۇق خەت يېزىش شامىلىنى باشلىغان ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن بولسا ئۆزىگە ئوخشاش كادىرلارنىڭ شى جىنپىڭ ۋە خىتاي كومپارتىيەسىگە سادىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ئانالىزچىلار ۋە پائالىيەتچىلەر بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، بۇ خىل يالغانلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ قاتتىق باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىن بىشارەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

تۈركىي خەلقلەر تارىخى ھەققىدىكى ئورتاق دەرسلىك مەسىلىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەندىشىگە سالغان

قازاقىستاندىكى خەلقئارا تۈرك ئاكادېمىيىسى يېقىندا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ئۈچۈن «15-ئەسىرگىچە بولغان ئومۇمىي تۈرك تارىخى» ناملىق ئورتاق دەرسلىك كىتابىنى ئىشلەش ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئاچقان.

خىتاي مۇتەخەسىسلەر دەرھال بۇنىڭغا قارشى ماقالە ئېلان قىلىپ، بۇنداق دەرسلىك كىتاپلىرى «پان تۇركىزىم» چۈشەنچىسىنىڭ يامرىشىغا سەۋەب بولىدۇ، دېگەن پىكىرنى ئالغا سۈرگەن. شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركلەرنىڭ مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى تەكىتلىگەن.

چەتئەل مۇتەخەسسىسلىرى بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، قەدىمكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ تارىخىنى ئۇيغۇرلارسىز تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭدىن تەشۋىشكە چۈشۈشىنىڭ ھاجەتسىزلىكىنى تەكىتلىدى.

ياۋروپادا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەر خىل شەكىللەردە ئاڭلىتىلدى

25-ئۆكتەبىردە ئىسپانىيەنىڭ مايوركا شەھرىدە تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالى ئىلھام توختى ھەققىدە يىغىن چاقىرىلدى. يىغىنغا ئوقۇغۇچىلار، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى قاتارلىق ھەر ساھە كىشىلىرى قاتنىشىپ، ئىلھام توختىنىڭ قولغا ئېلىنىشى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولدى.

ئىتالىيەنىڭ پايتەختى رىم شەھرىدە ئېچىلغان «ئېزىلگەن مىللەتلەرنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى» ناملىق يىغىندا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ئۇيغۇرلار ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر بېسىملار ھەققىدە شۇ جايدىكى خەلققە تەپسىلى مەلۇمات بەردى.

ئۇنىڭدىن باشقا گوللاندىيەنىڭ روتتېردام شەھرىدە ۋە گېرمانىيەنىڭ بېرلىن شەھرىدە ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكا ۋە ئۇسسۇل سەنئىتى ئارقىلىق ئۇيغۇرلار مەسىلىسى شۇ يەرلىك كىشىلەرگە ئاڭلىتىلدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە قاراشلىق توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى 26-ئۆكتەبىر كۈنى مەخسۇس ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسى بويىچە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

يىغىندا سۆز قىلغۇچىلار رەسمىي ئاخبارات ئورگانلىرىدىن مەلۇم بولغان ئۇچۇرلار ئاساسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق ھوقۇقلىرىنىڭ تارتىۋېلىنغانلىقى، پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قاتتىق كونتروللۇق ئاستىدىكى«ئۈستى ئوچۇق تۈرمە» مۇھىتىدا ياشاۋاتقانلىقىنى جانلىق پاكىتلار ئارقىلىق بايان قىلدى.

يىغىن رىياسەتچىلىرىدىن ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى راندىي خالتگرېن بۈگۈنكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئارقىلىق ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسىگە مۇشۇ مەسىلىلەر ھەققىدە مەخسۇس بىر پارچە تەكلىپ لايىھىسى تەييارلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.