ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نى ماقۇللىدى
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» 30-ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى چاقىرغان مەخسۇس يىغىنىدا مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن ماقۇللاندى.
يىغىندا پالاتا ئەزالىرى ۋە كومىتېت رەئىسى ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇمغا قارىتا تېزدىن تەدبىر قوللانمىغاندا تارىختىكى پاجىئەلەرنىڭ قايتا يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن بولۇپ، ئەمدىلىكتە ئۇنىڭ ئاۋام پالاتاسىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كومىتېتتا ماقۇللىنىشى ئۇنىڭ رەسمىي قانۇن بولۇپ ماقۇللىنىشىدىكى بىر مۇھىم قەدەم، دەپ قارالماقتا ئىكەن.
ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق 23 دۆلەت ب د ت دا ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئورتاق بايانات ئېلان قىلدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دا ئېچىلىۋاتقان ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش تېمىسىدىكى مەخسۇس يىغىندا ئامېرىكا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە قاتارلىق 23 دۆلەت ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىرلەشمە بايانات بەردى.
بىرلەشمە باياناتتا ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكىتى كەسكىن ئەيىبلەندى ھەمدە ئۇيغۇر دىيارىغا مۇستەقىل تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىشكە يول قويۇش تەلەپ قىلىندى.
بۇ يىل يازدا 22 غەرب دۆلىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنى ئورتاق ئەيىبلىگەن بولۇپ، بۇ قېتىمقى بىرلەشمە بايانات ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.
كۇچادىكى بىر لاگېردىلا 150 تىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ئاشكارىلاندى
يېقىندا كۇچا ناھىيەسىدىكى بىر لاگېرنىڭ ئۆزىدىلا ئالتە ئاي ئىچىدە 150 تىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ئاشكارىلاندى.
مۇخبىرىمىزنىڭ ئەھۋال ئېنىقلىشى جەريانىدا يەرلىك ساقچىلاردىن بىرى ئۆزى كۆرگەن ئەھۋاللارغا ئاساسەن بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بەردى. ئەمما بۇلارنىڭ قانچىلىكىنىڭ قىيناق ياكى كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى دەپ بېرەلمىدى.
لاگېرلاردىن قۇتۇلۇپ چىققان شاھىتلارنىڭ بايانلىرىدىمۇ لاگېرلاردىكى ئۆلۈم-يىتىم ھادىسىلىرىنىڭ ئېغىرلىقى ئالاھىدە ئورۇن ئىگىلەيدىغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇرلارنى قاتتىق كونترول قىلىۋېلىشى سەۋەبىدىن بۇ ھەقتە يەنىلا كۆپلىگەن سىرلار مەۋجۇت بولماقتا.
ئامېرىكادىكى ۋاسكېتبول ھەۋەسكارلىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى NBA مۇسابىقە مەيدانىغا ئېلىپ كىردى
ئامېرىكا ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى (NBA) نىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «كاپىتال بىر» تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىسىدە بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر ياشلىرى ئۇيغۇرلار ۋە خوڭكوڭغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇردى.
ئۆزگىچە تەشكىللەنگەن بۇ پائالىيەتتە ئۇيغۇر ياشلىرى مايكىلىرىغا بېسىلغان ئىنگلىزچە خەتلەردىن «گۇگۇل ئۇيغۇر» دېگەن جۈملىنى ھاسىل قىلىپ، مۇسابىقە ئەھلىگە ئۇيغۇرلار ۋە خوڭكوڭلۇقلار دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي باستۇرۇشنى يەنە بىر قېتىم ئەسلەتتى.
ئامېرىكا ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى خوڭكوڭنى قوللاش مەسىلىسىدە خىتايغا تىز پۈككەنلىكتە ئەيىبلىنىۋاتقان بولۇپ، يېقىندىن بۇيان بۇ خىلدىكى نارازىلىق پائالىيەتلىرى كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا چىققان.
تۇرسۇنجان ئەمەتنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىدىكى سەۋەبلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى
2001-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدا زور تەسىر قوزغىغان «تەمبۈر ۋەقەسى» دىكى ئاساسلىق شەخسلەردىن بولغان شائىر تۇرسۇنجان ئەمەتنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەمدە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللار مەلۇم بولدى.
تۇرسۇنجان ئەمەتنىڭ تۈركىيەدىكى كۈيئوغلى دوغان ئەردوغان قېيىنئاتىسىنىڭ 18 يىل بۇرۇنقى بىر پارچە شېئىر ۋە قىزىنى چەتئەللىككە ياتلىق قىلغانلىقى سەۋەبىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئالغا سۈردى.
مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر تۇرسۇنجان ئەمەت ۋە ئۇنىڭ ئىككى قىزى لاگېردا بولۇپ، دوغان ئەردوغان ئۇلارنىڭ تېررورلۇق بىلەن قىلچىلىكمۇ ئالاقىسى يوقلۇقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.
قازاقىستانلىق ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچى ئەنۋەر دىئاس يەنە بىر قېتىم دۇنيا چېمپىيونى بولدى
قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىدىن ئەنۋەر دىئاس يېقىندا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن برازىلىيەچە ئەركىن چېلىشىش تۈرىدە يەنە بىر قېتىم دۇنيا چىمپيونى بولدى.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە 22 مەملىكەتتىن كەلگەن 600 دىن ئارتۇق تەنھەرىكەتچى قاتناشقان بولۇپ، ئۇيغۇر ماھىرلار چېلىشىش ۋە باشقا تەنتەربىيە تۈرلىرىدە دۇنيا چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن.
قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بولمىغان ئەھۋالدا ئاتا-ئانىلىرى ۋە بىر قىسىم ساخاۋەتچىلەرنىڭ قوللىشى بىلەن مەشىقنى داۋام قىلدۇرماقتا ئىكەن. ئاتا-ئانىلارمۇ بالىلاردىن تېخىمۇ زور ئۈمىدلەرنى كۈتمەكتە ئىكەن.
0:00 / 0:00