ھەپتىلىك خەۋەرلەر (4-نويابىردىن 10-نويابىرغىچە)
2017.11.10
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قىزىل تەشۋىقاتى ئۇيغۇرلارنى پاراكەندە قىلماقتا
يېقىندا ئۇيغۇر دىيارىدىكى «قىزىل تەشۋىقات» پائالىيەتلىرىنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن ئارتىسلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە بېرىپ، خىتاي قىزىل ئارمىيەسىنىڭ ھاياتىنى ئۆگىنىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشقا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىلدىكى«قىزىل تەشۋىقات» پائالىيەتلىرى يەنە ھەرقايسى ۋىلايەت ۋە ناھىيەلەردىكى يېزىلارغىچە كېڭەيمەكتە ئىكەن. بۇنىڭدا ھازىر جىددىي تەكىتلىنىۋاتقىنى «ھەممىلا جايدا قىزىل بايراق ئېسىش» ھەققىدىكى مەزمۇنلار ئىكەن.
ۋەزىيەت كۆزەتكۈچىلىرى بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، «بۇ خىل زورلاش تەدبىرلىرىنىڭ ماھىيەتتە خەلقنىڭ خىتاي ھاكىمىيەتكە بولغان نەپرىتىنى ئاشۇرۇشتىن باشقا رولى بولمايدۇ،» دېدى.
ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ قىسمىتى ئۇيغۇر سەنئەت ساھەسىگە قارا سايە تاشلىدى
ئەلنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن مۇزىكانت، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا «دۇتار شاھى» دەپ ئاتالغان سەنئەتكار ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ بۇ يىل ئاپرېل ئېيىدىن باشلاپ تەقىب ئاستىغا ئېلىنىشى، ئۇيغۇر سەنئەت ساھەسىنىڭ ئېغىر قىسمەتلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى جانلىق تەسۋىرلەپ بەردى.
مەلۇم بولۇشىچە، ئابدۇرېھىم ھېيت ئورۇنلىغان ناخشىلار پۈتۈنلەي خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈپ قانۇنلۇق نەشر قىلىنغان تېكىستلەرنى ئاساس قىلغان ئىكەن.
ئابدۇرېھىم ھېيت بىلەن تونۇشلۇق بولغان مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇچىغا چىققان سىياسىي ھەرىكەتلەرنىڭ ئۇيغۇر سەنئىتىنى تۈپ يىلتىزىدىن يوق قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاھالىلەرنىڭ شەخسىي سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ئارخىپلاشتۇرۇلۇشى گۇمان قوزغىدى
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىدا ئېيتىلىشىچە، بۇ يىل 30-ئۆكتەبىرگە قەدەر قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ ۋە قىزىلسۇدىن ئىبارەت ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستتا توققۇز مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ھەقسىز تەكشۈرۈلۈپ، ئارخىپلاشتۇرۇلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىل «سالامەتلىك تەكشۈرۈش» ئىدە كىشىلەرنىڭ گېن ئەۋرىشكىسى ۋە قان تىپى نۇقتىلىق توپلانغان ھەمدە ھەر بىر كىشى ئۈچۈن سىستېمىلىق ئارخىپ تۇرغۇزۇلغان.
بەزى ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، «بۇ قېتىمقى سالامەتلىك تەكشۈرۈشىگە قاتناشتۇرۇلغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى» نى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇلار بۇ قېتىملىق «سالامەتلىك تەكشۈرۈش» ئىدە كۆپلىگەن گۇمانلىق نۇقتىلارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن.
«تېررورلۇقنى پاش قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلاش» تىن تۇغۇلۇۋاتقان تىراگېدىيەلەر ئەندىشە قوزغىماقتا
ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەرقايسى جايلاردا يولغا قويۇلغان «ئاشقۇنلۇق ۋە تېررورلۇققا دائىر يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنى مۇكاپاتلاش» تەدبىرلىرىنىڭ مۇكاپات سوممىسى بەش مىليون سومغا قەدەر بولماقتىكەن.
ئالتايدىكى بەزى قازاق ئاھالىلىرى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ، ھازىر ساقچىلار بىلەن ياردەمچى ساقچىلارنىڭ مۇكاپات قوغلىشىپ كۆپلەپ ئادەم تۇتۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئۇۋالچىلىققا ۋە تۆھمەتكە مۇپتىلا بولۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.
ئۇيغۇر تەشكىلاتلار بۇ ھەقتە توختىلىپ، تېخىمۇ ئېغىر ناھەقچىلىقلارغا يول ئېچىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ خىلدىكى مۇكاپاتلاش چارىسىنى بىكار قىلىشقا چاقىردى.
ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى رېياللىقى ئۇيغۇر ۋە خىتاي ئاياللىرىنىڭ كەچمىشىدىكى پەرقلەردە ئەكس ئەتتى
2015-يىلىدىكى «باي ۋەقەسى» دىن ئىككى يىل ئۆتكەندە باي ناھىيىسىدىكى بىر خىتاي كۆچمەن ئايال نۆۋەتتە ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان بىنانى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ 24 سائەت قوغداۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئۆزلىرىنى يەنىلا بىخەتەر ھېس قىلمايدىغانلىقىنى، مۇشۇ سەۋەبتىن كۆپلىگەن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئىچكىرىگە قايتىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
مۇخبىرىمىزنىڭ ئەھۋال ئىگىلىشى جەريانىدا خوتەننىڭ ئىلچى يېزىسىدىكى دېھقان ئايال نۇرنىساگۈلنىڭ بۇنىڭدىن يەتتە يىل ئاۋۋال ئۆز ئۆيىنى دىنىي بىلىم ئۆگىنىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا ئارىيەتكە بەرگەنلىكى ئۈچۈن يېقىندا ئالتە يىللىق كېسىلگەنلىكى مەلۇم بولدى.
مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، بۇ ئەھۋال ماھىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچلۈكلۈكىنى ئەمەس، ئەكسىچە ئاجىزلىقىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
دونالد ترامپنىڭ خىتاي زىيارىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش چاقىرىق قىلىندى
ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ خىتاي زىيارىتىنى تاماملاشنىڭ ئالدى-كەينىدە كۆپلىگەن تەشكىلاتلار پىكىر بايان قىلىپ، بۇ قېتىمقى زىيارەتتە ئوتتۇرىغا قويۇشقا تېگىشلىك بىر قاتار مەسىلىلەرنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى مەخسۇس دونالد ترامپقا مەكتۇپ يوللاپ، بۇ قېتىمقى زىيارەت جەريانىدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ماقالە ئېلان قىلىپ، ۋىجدان مەھبۇسى گۈلمىرە ئىمىن مەسىلىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، دونالد ترامپنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئاياق-ئاستى قىلىۋاتقان دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەلەپ قىلدى.