ھەپتىلىك خەۋەرلەر (30-نويابىردىن 6-دېكابىرغىچە)
2013.12.06
ياغلىق چىگكەن ئۇيغۇر ئاياللىرى يېڭى بېسىمغا دۇچ كەلدى
5-دېكابىر ئاشكارىلانغان يېڭى ئۇقتۇرۇشقا قارىغاندا، ياغلىق ئارتقان ئۇيغۇر ئاياللىرى ئاتالمىش «زامانىۋى مەدەنىيەت كۇرسى» غا قاتناشمىسا دىنىي ئەسەبىيلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ جازالىنىدىكەن.
كېرىيەنىڭ ئارال يېزىسى تارقاتقان بۇ ھەقتىكى بىر ئۇقتۇرۇشقا قارىغاندا، بۇرۇن ياغلىق چىگكەن ئاياللارنىڭ ئاتالمىش«زامانىۋى مەدەنىيەت كۇرسى» غا قاتنىشىشى شەرت ئىكەن.
ياغلىق چىگكەنلەر بۇ كۇرسنى تاماملىغاندىن كېيىن، گۇۋاھنامە ئېلىشى ۋە «بۇندىن كېيىن ياغلىق چىگمەيمەن» دەپ ۋەدىنامە يېزىشى كېرەك ئىكەن.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلگەن: ئەگەر بۇ كۇرسقا قاتناشمىسىڭىز «ئىپادىسى ياخشى بولمىغان جاھىل» دەپ قارىلىپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيىنىڭ 68 تۈرلۈك ئىپادىسىگە چۈشىدىغان ئائىلە قاتارىدا دېلو تۇرغۇزۇپ بىر تەرەپ قىلىنىسىز.
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قاتتىق چەكلەپ، ئۇيغۇرلاردىكى نارازىلىق كەيپىياتىنى ئۇلغايتقان ئىدى.
ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ يىتىپ كېتىش ۋەقەلىرى قايتىدىن كۆپەيمەكتە
ئۇيغۇر بالىلىرى يىتىپ كېتىدىغان ۋەقەلەر كۆپەيگەندىن كېيىن، پەرزەنتلىرىنى يىتتۈرۈپ قويغان بىر قىسىم ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلار ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنى بۇ خىل ۋەقەلەرگە قارىتا تەدبىر قوللىنىشقا چاقىرىش ئۈچۈن توردا ئىمزا توپلاش ھەرىكىتى باشلىدى.
بۇ ئىمزا توپلاش ھەرىكىتىدە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بالىلارنى قوغداش قانۇنلىرىنى كۈچەيتىش، ئادەم بېدىكلىرىنى قاتتىق جازالاش، ئۇيغۇر ئېلىدىكى قاتناش تۈگۈنلىرىدە بالا ئېلىپ ماڭغۇچىلارنى تەپسىلىي تەكشۈرۈش ھەققىدە مەخسۇس قانۇن چىقىرىشقا چاقىرىلغان. ئەمما، بۇ ئىمزا توپلاش ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسى تېخى كۆرۈلمىگەن.
بالىسىنى ئون كۈن ئاۋۋال يوقىتىپ قويغان ئاقسۇلۇق بىر ئاتا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، دائىرىلەرنىڭ دىنىي زاتلارغا قارىتىلغان تەكشۈرۈش ۋە تەقىبلەشنى كۈچەيتىش بىلەن ئاۋارە ئىكەنلىكىنى، ئەمما بالا ئوغرىلىغان جىنايەتچىلەرگە زەربە بېرىشتە سۇسلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي ساقچىلىرى نۇرۇنگۈل توختىنى 14 ئاي قانۇنسىز قاماپ قويۇپمۇ باش ئەگدۈرەلمىدى
ئۇچتۇرپان دائىرىلىرى ئەرزدار نۇرۇنگۇل توختىنى 14 ئاي سولاپ قويغاندىن كېيىن، ئۇنى بۇ يىل 25-ئۆكتەبىر قويۇپ بەرگەن. ئەمما ساقچىلار ئۇنىڭغا كېپىللىككە قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ، ئۇنى كېپىللىك قەغەزگە ئىمزا قويۇشقا بۇيرۇغان.
نۇرۇنگۇل ساقچىلارغا ئۆزىنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى تەكرار بىلدۈرۈپ، شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ ئەگەر كېپىللىككە قويۇپ بېرىلىدىغان ئىش بولسا قاماقخانىدىن چىقمايدىغانلىقىنى ئېيتقان ۋە قاماقخانا كامىرىغا قاراپ ماڭغان. ئاخىرى ساقچىلار شۇ كۈنى نۇرۇنگۈلنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان.
نۇرۇنگۈل توختى 2009-يىلى 7 ياشلىق ئوغلىنى ئېلىپ قاچقان خىتاي جىنايەتچىنىڭ جازالىنىشىنى تەلەپ قىلىپ دەۋا قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن ئىدى.
يازغۇچى مۇھەممەد باغراش ئالەمدىن ئۆتتى
پېشقەدەم يازغۇچى، ئەدىب مۇھەممەد باغراش 12-ئاينىڭ 4-كۈنى ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولدى. مەرھۇمنىڭ نامىزى شۇ كۈنى نوغاي مەسچىتىدە چۈشۈرۈلدى.
بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرىدىن بىرى دەپ قارالغان مەرھۇم مۇھەممەد باغراش 1952-يىلى قارا شەھەر ناھىيىسىدە دۇنياغا كەلگەن.
ئۇ «مەن ئۆلگەن ئادەمنىڭ قارىچۇقىدا قېتىپ قالغان سۈرەت»، «ئاقساق بۇغا» قاتارلىق ئىزدىنىش روھىغا باي ئەسەرلىرى بىلەن بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر پروزىچىلىقىغا قىممەتلىك تۆھپىلەرنى قوشقان.
مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر شائىر ئەخمەتجان ئوسمان مەرھۇم يازغۇچى مۇھەممەت باغراشنىڭ 1980-يىللاردا ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى پروزىچىلىقىنى يېڭى بىر سەھىپىگە باشلاپ كىرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇنىڭ ۋاقىتسىز ۋاپاتى چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىمۇ قايغۇغا سالدى.
يېرىنى خىتاي شىركىتى تارتىۋالغان ئۇيغۇر دېھقان ئېغىر قىسمەتلەرگە يولۇققان
ئاتۇش شەھىرىنىڭ شورۇق كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق سەمى نىياز ئاكا يەردىن ئىبارەت ئالتۇن قوزۇقىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئېغىر قىسمەتلەرگە دۇچ كەلدى. 2006-يىلى دائىرىلەر ئۇنىڭ جەمئىي 25 مو يېرىنى مەجبۇرىي تارتىۋالغان.
ئۇنىڭ دېيىشىچە، 2010-يىلى ئۇ يەرلىك دائىرىلەرنىڭ يەر سېتىش قەغىزىگە ئىمزا قويۇشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن 10 كۈن قاماپ قويۇلغان. ئۇ قاماقتىن چىققۇچە خىتاينىڭ ئۆي-مۈلۈك شىركىتى ئۇنىڭ قورۇ-جايلىرىنى تۈزلىۋەتكەن ۋە قۇرۇلۇش باشلىغان. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنىڭ ئائىلىسى ئۆي-ماكانسىز قالغان.
سەمى نىياز ئاكا زىيارىتىمىز جەريانىدا بۇ دەۋادىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى، تاكى گېپىنى ئاڭلايدىغان بىر ئادەم چىققۇچە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇيغۇر رايونىدا بۇ يىل ئەيدىز بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 7 مىڭدىن ئاشقان
«ئۇيغۇربىز» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل ئۇيغۇر رايونىدا ئەيدىز بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 7 مىڭ 70 كە يېتىپ، 2012-يىلقىغا سېلىشتۇرغاندا 2000 نەپەر كۆپەيگەن.
مەزكۇر تورنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتى ئاشكارىلىغان مەلۇماتلارغا ئاساسەن بايان قىلىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ سانى 40 مىڭ 122 نەپەر بولۇپ، بۇ خىتايدىكى ئومۇمىي ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ 10 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىكەن.
كۆزەتكۈچىلەر، ئەيدىزنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىغا قارا كۆلەڭگە تاشلاپ تۇرغان يوشۇرۇن ئاپەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.