ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 26 - ئىيۇلدىن 1 - ئاۋغۇستقىچە)

مۇخبىرىمىز جۈمە خەۋىرى
2008.08.01

 پرېزىدېنت بۇش رابىيە قادىر خانىم ۋە خىتاي دېموكراتلىرىنى ئاقسارايدا قوبۇل قىلىپ كۆرۈشتى

‏29 - ئىيۇل، سەيشەنبە كۈنى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە خانىم ھەمدە ۋېي جېڭشىڭ، خاررىي ۋۇ قاتارلىق بىر قىسىم خىتاي دېموكراتلىرىنى ئاقسارايدا قوبۇل قىلدى.
 
ئۇچرىشىشتا رابىيە قادىر خانىم، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى ھارپىسىدا ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتى، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدە پرېزىدېنت بوشقا مەلۇمات بەرگەن ھەمدە پرېزىدېنت بۇشتىن خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەلەپ قىلغان.

بۇ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى جۇرج بۇش بىلەن ئىككىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشى بولۇپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش تۇنجى قېتىم 2006‏ - يىلى چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى پراگا شەھىرىدە رابىيە قادىر خانىمنى قوبۇل قىلغان ئىدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى تىبەت ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە قارار ماقۇللىدى

30 - ئىيۇل، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە خاتىمە بېرىشكە قىستايدىغان قارار ماقۇللانغان بولۇپ، مەزكۇر قاراردا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان باستۇرۇشنى دەرھال توختىتىشى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىنغان.

قاراردا مۇنداق دېيىلگەن: “بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۆز پۇقرالىرىغا قاراتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى دەرھال توختىتىشى، تىبەت ۋە ئۇيغۇر خەلقىگە قاراتقان باستۇرۇشنى ۋە سۇدان ۋە بېرما ھۆكۈمەتلىرىنى قوللاشنى دەرھال توختىتىشى كېرەك” دەپ كۆرسىتىلگەن.

30 - ئىيۇل چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللانغان 1370 - نومۇرلۇق قارار، 23 - ئىيۇل ئاۋام پالاتا ئەزاسى خوۋارد بېرمان تەرىپىدىن تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، 30 ‏ - ئىيۇل ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ئاۋازغا قويۇلغان ھەمدە 1 - گە قارشى 419 ئاۋاز ئۈستۈنلۈكى بىلەن ماقۇللانغان.

تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ باياناتىنى خىتاي تەرەپ رەت قىلدى

23 ‏ - ئىيۇل كۈنى ئىنتېرنېتتىكى يۇتۇب تورىدا، تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى نامىدا بىر بايانات ئېلان قىلىنغان بولۇپ، باياناتتا مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ خىتاينىڭ شاڭخەي ۋە كۈنمىڭ شەھەرلىرىدە يۈز بەرگەن ئاپتوبۇس پارتلاشنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغانلىقى ھەمدە خىتاينىڭ بېيجىڭ ئولىمپىكىگە ئەجەللىك زەربە بېرىدىغانلىقى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئەمما، يۇقىرىقى باياناتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەرنى، 26 - ئىيۇل شەنبە كۈنى خىتاي تەرەپ ئىنكار قىلغان بولسا، خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

 شاڭخەي ۋە كۈنمىڭ ساقچى ئىدارىسى بولسا، باياناتتا دېيىلگەن ۋەقەلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ۋەقەلەردە ئولىمپىك ياكى تېررورلۇققا ئالاقىدار پاكىت بايقالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كەچۈرۈم تەشكىلاتى: خىتاي خەلقئارا جەمئىيەتكە بەرگەن ۋەدىلىرىنى ساقلىمىدى

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 29 - ئىيۇل ئېلان قىلغان "خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى: ئولىمپىك تەتۈر سانىقى - ۋاپا قىلىنمىغان ۋەدىلەر" ناملىق دوكلاتتا، خىتاينىڭ 2001 - يىلى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلاش توغرىسىدا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا ۋە خەلقئارا جەمئىيەتكە بەرگەن ۋەدىلىرىنى ئەمەلدە كۆرسىتىش دەرىجىسى باھالاپ چىقىلغان بولۇپ، دوكلاتتا، خىتاينىڭ بۇ جەھەتلەردە پەقەت ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلمىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

 دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: "ئەپسۇسكى، 2008 - يىلى 1 - ئاپرېل خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئېلان قىلغان ئولىمپىك تەتۈر سانىقى ھەققىدىكى دوكلاتتىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بەرگەن ۋەدىلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى جەھەتتە ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىدى. پەقەت ئىزچىل تۈرگە تۇتقۇن قىلىش سادىر بولۇپ تۇردى."

دوكلاتتا ھازىر خىتاي تۈرمىسىگە قامالغان بارلىق ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى قويۇۋېتىش، ساقچىلارنىڭ دەۋاگەرلەرنى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى، ئولىمپىك ئۇچۇن تازىلاش ھەرىكىتى سۈپىتىدە ئۆز مەيلىچە تۇتقۇن قىلىشىدىن توسۇش، ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلەرنىڭ تولۇق رويخېتىنى ئېلان قىلىش، خىتاي ۋە خەلقئارا مۇخبىرلارغا ئەركىن خەۋەر بېرىش مۇھىتى يارىتىش قاتارلىق تەكلىپلەر بېرىلگەن.

ئامېرىكىدا "ئولىمپىكتىن 9 كۈن بۇرۇن" ناملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

30 ‏ - ئىيۇل چارشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ خەلقئارالىق دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى، "ئولىمپىكتىن 9 كۈن بۇرۇن" نامىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىندا ئامېرىكىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى خىزمىتىگە مەسئۇل پالاتا ئەزالىرى ۋە ئامېرىكىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرى قاتناشتى.

 يىغىندا، تىبەت، ئۇيغۇر ۋە فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرىنىڭ ئىزچىل زەربىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقى تەكىتلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى، ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىدە يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇرۇلدى.

يىغىندا ئامېرىكا پالاتا ئەزالىرىدىن كرىستوپفېر سمىس، شېلا جېكسون لې خانىملار سۆز قىلدى. كرىستوپھېر سمىس مۇنداق دېدى: "خىتاي ئولىمپىك ۋەدىسىدە تۇرمىدى. ئولىمپىكا 9 كۈن قالغان مۇشۇ كۈنلەردىمۇ، تىبەتلىك راھىبلار، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار، فالۇنگۇڭ ۋە خرىستىئان مۇرىتلىرى يەنىلا زۇلۇم چېكىۋاتىدۇ. زۇلۇم باشقا سەۋەبتىن ئەمەس، پەقەتلا ئولىمپىك سەۋەبىدىن سېلىنماقتا."

بۇ يىغىنغا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، خىتاي دېموكىراتچىلىرىدىن ياڭ جيەنلى قاتارلىق بىر تۈركۈم خىتايغا قارشى ئۆكتىچى رەھبەرلەر قاتناشتى ۋە يىغىندا سۆز قىلدى.

دائىرىلىرى يېقىندا ئۈرۈمچىدە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشنى كۈچەيتكەن

يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى يېقىندا ئۈرۈمچى شەھەر ئىچىدىكى بارلىق ئاممىۋى ئاپتوبۇس لىنىيىلىرىدە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشنى كۈچەيتكەن بولۇپ، مۇخبىرىمىزنىڭ يەرلىك ئورۇنلاردىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچىدىكى ھەر بىر ئاپتوبۇس ھەم ئاپتوبۇس بېكەتلىرىگە مەخسۇس تەكشۈرگۈچى خادىملار قويۇلغان، ئۇلار ھەتتا ھەر بىر بېكەتتە ئاپتوبۇسقا چىققان يولۇچىلارنىڭ سومكىلىرىنى ئېچىپ تەكشۈرمەكتە ئىكەن.

ئاشكارىلىشىچە، بۇ خىل تەكشۈرۈش ئۇسۇلى شەھەر ئاھالىسىنىڭ نورمال تۇرمۇش تەرتىپىگە نۇرغۇن قۇلايسىزلىقلارنى تۇغدۇرغان بولۇپ، نەتىجىدە تەكشۈرگۈچى خادىملار بىلەن يولۇچىلار ئارىسىدا جېدەل - ماجرالارمۇ كېلىپ چىققان.

ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇر ئىلىدىكى خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بارلىق ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىدا قاتتىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى يولغا قويغان بولۇپ، بۇ ئورۇنلارغا كىرگۈچىلەرنىڭ سومكا ۋە يانچۇقلىرى تولۇق تەكشۈرۈلىدىكەن.

بۇنىڭ ئالدىدا خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى 13 ئاساسلىق ئايرودروملاردا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىنى كۈچەيتكەن ئىدى. دائىرىلەر بۇنى بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ بىخەتەر ئۆتۈشى ئۈچۈن ئېلىنغان تەدبىر دەپ چۈشەندۈرمەكتە.
 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.