ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 2 - ئاۋغۇستتىن 8 - ئاۋغۇستقىچە)

0:00 / 0:00

قەشقەر ۋەقەسى خەلقئارا مەتبۇئاتنىڭ مۇھىم تېمىسىغا ئايلاندى

4 - ئاۋغۇست كۈنى قەشقەر شەھىرىدە ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ياشنىڭ قوراللىق ساقچى قىسىمىنىڭ ئەتىگەنلىك چېنىقىشقا چىققان بىر گۇرۇپپىسىغا يۈك ئاپتوموبىلى ۋە قول بومبىلىرى بىلەن تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، نەتىجىدە 16 نەپەر قوراللىق ساقچى ئۆلتۈرۈلدى ۋە 16 نەپىرى يارىلاندۇرۇلدى. بۇ خەۋەر ئالدى بىلەن شىنخۇا تەرىپىدىن تارقىتىلغان بولۇپ، دەرھال خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ قىزىق تېمىسىغا ئايلاندى.

خىتاي تەرەپ ئىككى نەپەر ھۇجۇمچىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى شۇنىڭدەك بۇ ھەرىكەتنىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى ئۈچۈن پائالىيەت قىلىۋاتقان تەشكىلاتلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا پىكىر بايان قىلغان ئىنكاسچىلار 4 - ئاۋغۇست ۋەقەسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تۇنجى قېتىم يۈز بەرگەن ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنىڭ ساقچى قوشۇنلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئەڭ كۆپ ئادەمنى چىقىمغا ئۇچراتقان چوڭ ۋەقە دەپ باھا بەردى شۇنىڭدەك ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر بېسىملارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى، بۇ بېسىم سىياسەتلىرىنىڭ ئۇلارنى تۈرلۈك قارشىلىق چارىلىرىنى ئىشلىتىشكە مەجبۇرلايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بايانات ئېلان قىلدى.

2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى رەسمىي باشلاندى

2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 8 - ئاۋغۇست كۈنى كەچتە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ مۇراسىمغا 80 نەچچە دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى ئىشتىراك قىلدى. جۈملىدىن ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش ۋە ئۇنىڭ ئايالىمۇ مۇراسىمغا قاتناشتى.

خىتاي بۇ قېتىمقى ئولىمپىك مۇراسىمىنى ناھايىتى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇزۇن ۋاقىت تەييارلىق قىلغان. ئولىمپىك ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئەسلىھەلەرنى تەييارلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق چىقىملارنىڭ 40 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئولىمپىكنى يۈز يىلدىن بۇيان ئارزۇ قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۇنى خىتاي خەلقىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەم مىللەتچىلىك ئېڭى بىلەن باغلاپ تەشۋىق قىلماقتا.

ئېچىلىش مۇراسىمىدا سالىيوتلار ئېتىلغان شۇنىڭدەك ھەر خىل مەزمۇندىكى ناخشا - ئۇسۇل نومۇرلىرى كۆرسىتىلگەن. سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسىتىشكە بىر تۈمەندىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتۇرۇلغان. جۈمە كۈنى خۇ جىنتاۋ ئولىمپىك مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن دۆلەت باشلىقلىرىغا چۈشلۈك زىياپەت بېرىپ، نۇتۇق سۆزلەپ، ئۇلارنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئولىمپىك تەنھەرىكەت تارىخىدىكى ئەڭ كۆپ تەنقىدلەرگە ئۇچرىغان پائالىيەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

ئولىمپىككە قارشى نارازىلىق نامايىشلىرى

بېيجىڭ ئولىمپىك مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈش ھارپىسى ھەمدە مۇراسىم ئېچىلغان كۈندە بىر قىسىم دۆلەتلەردىكى خىتاي ئەلچىخانە ۋە كونسۇلخانىلىرى ئالدىدا ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، ئىنسان ھوقۇقى پائالىيەتچىلىرىنىڭ نارازىلىق نامايىشلىرى ئۆتكۈزۈلدى.

7 - ئاۋغۇست كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن كەڭ كۆلەملىك نامايىشقا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم قاتناشتى ۋە يېتەكچىلىك قىلدى. مەزكۇر نامايىشقا تىبەتلەر، ئۇيغۇرلار، ئىنسان ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلغان. نامايىش ئالدى بىلەن پرېزىدېنت سارىيى بولغان ئاق ساراينىڭ ئارقىسىغا توغرا كېلىدىغان لافايت باغچىسىدا باشلاندى. نامايىشچىلار كوچا ئايلىنىپ، نامايىش قىلىپ، خىتاي باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا يېتىپ كېلىپ، شۇ يەردە نامايىشىنى داۋاملاشتۇردى ھەمدە رابىيە قادىر خانىم نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاينى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھوقۇقلىرىنى دەخلى - تەرۈزگە ئۇچرىتىشنى توختىتىشقا چاقىردى.

7 - ئاۋغۇست كۈنى يەنە كانادا پايتەختى ئوتتاۋادىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىدىمۇ نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ نامايىش كانادا پارلامېنتىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرىنىڭ تەشەببۇسى ۋە قاتنىشىشى ھەمدە ئۇيغۇر، تىبەت جەمئىيەتلىرىنىڭ ئىشتىراكى ھەم ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن.

مەزكۇر نامايىشقا ئۇيغۇر، تىبەتلەردىن باشقا كانادانىڭ بىر قىسىم مۇھىم سىياسىي قانۇن ھىمايىچى ئەربابلىرىمۇ قاتنىشىپ، نۇتۇق سۆزلىگەن.

شۇ كۈنى يەنە گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندىمۇ كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بېرىلغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشقان ئۇيغۇرلار ھەمدە تىبەت، ئىچكى موڭغۇل، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلار مەزكۇر نامايىشنى ئۇيۇشتۇردى ۋە قاتناشتى.

8 - ئاۋغۇست كۈنى يەنە خىتاينىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈشتىن ئىلگىرى بەرگەن ئىنسان ھوقۇقىنى ياخشىلاش ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلمىغانلىقىدىن نارازى بولغان خەلقئارالىق ئىنسان ھوقۇقى تەشكىلاتلىرى، قانۇن ۋە كىشىلىك ھوقۇق ھىمايىچىلىرى، جۈملىدىن ئۇيغۇر، تىبەت تەشكىلاتلىرى يەنە گوللاندىيە، شىۋىتسىيە، كانادا، ئاۋسترالىيە، تۈركىيە ۋە باشقا ئەللەردىمۇ نامايىش شۇنىڭدەك تۈرلۈك شەكىلدىكى پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇردى.

ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا بىر نەپەر ئۇيغۇر ئۆزىگە ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈش ئارقىلىق ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن.

پرېزىدېنت جورج بۇش خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تىلغا ئالدى

پرېزىدېنت بۇش پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئاسىيا سەپىرىنى باشلىغاندا، تايلاندنى زىيارەت قىلىپ، بانكوك شەھىرىدە سۆز قىلدى. ئۇ، نۇقتىدا خىتاي - ئامېرىكا ئىقتىسادى ۋە دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ماختىغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ سىياسىي، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىك پائالىيەتچىلىرىنى باستۇرغانلىقىغا " قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقى" نى بىلدۈردى.

پرېزىدېنت بۇش سۆزىدە: "ئامېرىكىنىڭ مەتبۇئات، يىغىلىش ۋە ئەمگەك ھوقۇقىنى تەكىتلىگەنلىكى خىتاي رەھبەرلىرىگە ئىغۋاگەرچىلىك قىلغانلىقى بولماي، بەلكى بۇ خىتاينىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى توغرا يۆلۈنۈشكە يېتەكلەشنىڭ بىردىن ‏ - بىر يولى ئىكەنلىكىدۇر " دەپ تەكىتلىگەن شۇنىڭدەك يەنە " ئامېرىكا خىتاي خەلقىنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ تەبىئي ھوقۇقى بولغان ئاساسى ئەركىنلىكتىن بەھرىمان بولۇشقا مۇناسىپ ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. شۇڭا ئامېرىكا خىتاينىڭ سىياسى ئۆكتىچىلەرنى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى، دىنىي زاتلارنى تۇتقۇن قىلىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. بىزنىڭ ئېچىۋېتىش، ۋە ئادالەتنى تەكىتلىشىمىز ئۆزىمىزنىڭ قىممەت قارىشىنى تېڭىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى خىتاي خەلقىنىڭ ئۆزىنى ئىپادىلىشى ئۈچۈندۇر،" دېگەن.

جورج بۇش بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا ھەمدە خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشكەندە خىتاينى كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى ياخشىلاشقا چاقىردى.