ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 22 - ئاۋغۇستتىن 28 - ئاۋغۇستقىچە)
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009.08.28
2009.08.28
ئۇيغۇر ناخشىچىسى مىرزات ئالىم سىرلىق ھالدا ئۆلتۈرۈلدى
ئاتاقلىق ئۇيغۇر ناخشىچىسى مىرزات ئالىم 2 - ئاۋغۇست، نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ جەسىتى 4 - ئاۋغۇست كۈنى ئۆز ئۆيى ئەتراپىدا توختىتىپ قويۇلغان ئاپتوموبىلى ئىچىدىن بايقالغان.مىرزات ئالىمنىڭ بىر كەسىپدىشى، مىرزات ئالىمنىڭ ناھايىتى قەبىھ ئۇسۇللار بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، ساقچىلارنىڭ ئۇنىڭ ئايالى ۋە ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغا بۇ ھەقتە كۆپ سۆزلىمەسلىك ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەنلىكىنى، شۇڭا ئۆزىنىڭمۇ بۇ ھەقتە كئۆپ سۆزلىيەلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
مەرھۇمنىڭ ئۆلۈم سەۋەبى ھەققىدە، ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە بايان قىلىنىشىچە، 2 - ئاۋغۇست كېچىدە مىرزات ئالىم بىر ئاغىنىسىگە تېلېفون قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئاجايىپ دەھشەتلىك بىر مەنزىرىنى كۆرۈپ قالغانلىقىنى، قوراللىق ساقچىلارنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ بېرىۋاتقىنىدا، تېلېفون ئۈزۈلۈپ قالغان ئىكەن.
مىرزات ئالىمنىڭ چەتئەلدىكى بىر تۇغقىنى ئۆزىنىڭ مىرزات ئالىمنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدىكى خەۋەرنى باشقىلاردىن ئاڭلىغانلىقىنى، ئەمما مەرھۇمنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش سەۋەبىنى بىلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە ئالاقىدار 200 ئادەم ئۈستىدىن سوت ئېچىلماقچى
خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە ئالاقىدار دەپ قارالغان 200 نەپەر "گۇماندار" ئۇستىدىن سوت ئېچىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. ئەل جەزىرە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر "خىتاي گېزىتى" دە بېرىلگەن.خەۋەردە، سوتنىڭ مۇشۇ ئاي ئىچىدە ئۈرۈمچىدە ئېچىلىدىغانلىقى ۋە ئۈرۈمچىدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ كۈچەيتىلگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ نۆۋەت سوتقا چىقىدىغانلار بولسا، ئاساسەن ئۈرۈمچى ۋە قەشقەردىن تۇتۇلغان كىشىلەر ئىكەن. خەۋەردە نەقىل قىلىنىشىچە، گۇماندارلار "ئادەم ئۆلتۈرۈش، ئوت قويۇش، بۇلاڭچىلىق، بۇزغۇنچىلىق" قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن سوتقا تارتىلىدىكەن. ئەمما، خەۋەردە مەزكۇر 200 نەپەر گۇماندارنىڭ مىللەت ئايرىمىسى ۋە نىسبىتى بېرىلمىگەن.
ھالبۇكى، خىتاي دائىرىلىرى 25 - ئاۋغۇست مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك 200 نەپەر جىنايەت گۇماندارلىرى ئۈستىدىن سوت ئېچىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئىنكار قىلدى.
ئىقتىسادشۇناس ئىلھام توختى قويۇپ بېرىلدى
خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئىقتىسادشۇناس ئىلھام توختىنى قويۇپ بەرگەن. ئىلھام توختى بىلەن بىرگە يەنە بىر قانچە نەپەر خىتاي پائالىيەتچىلەرمۇ ھېچقانداق چۈشەندۈرۈش بېرىلمەيلا قويۇپ بېرىلگەن. رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئىلھام توختى، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇنى بىر ئايدىن بۇيان قىيىن-قىستاققا ئالغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.ئىلھام توختى مۇخبىرىمىزغا، بېيجىڭ ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئۆزىنى قانۇنىي رەسمىيەتسىزلا تۇتۇپ، دەسلەپ ئىككى ھەپتە بىر مېھمانخانىغا سولاپ قويغانلىقىنى، كېيىن ئۆيىدە نەزەربەند قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ بۇ جەرياندا قوپال مۇئامىلىگە ئۇچرىمىغان بولسىمۇ، ئەمما كېچە - كۈندۈز ئۇيقۇسىز قويۇپ سوراق ئارقىلىق قىيىن - قىستاققا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى ئىلھام توختى، "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" دىن كېيىن تۇيۇقسىز يوقاپ كەتكەن ئىدى.
'ئەجدىھا بىلەن ئېلىشقۇچى' ناملىق كىتابنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى لېنتىغا ئېلىندى
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئەسلىمىسى " ئەجدىھا بىلەن ئېلىشقۇچى: بىر ئايالنىڭ تىنچلىق ئۈچۈن خىتاي بىلەن ئېلىشىشى ھەققىدە داستان" ناملىق كىتابنى تونۇشتۇرۇش پروگراممىسى س - سپان تېلېۋىزىيىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە24 - ئاۋغۇست دۈشەنبە كۈنى، ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ يىغىن زالىدا لېنتىغا ئېلىندى.
بۇ جەريانىدا رابىيە قادىر خانىم، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى، بولۇپمۇ "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" دىن كېيىنكى ئەھۋالى ھەققىدە كۆپرەك توختالدى ۋە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
يىغىندا باشقىلارنىڭ دىققىتىنى ئەڭ جەلپ قىلغان بىر تەرەپ بولسا ئۈرۈمچىدە 196 ئۇيغۇرنىڭ قىيناپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە ئائىت ئۇچۇر ئىدى.
رابىيە قادىر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئامېرىكا جەمئىيىتى يېقىندا بۇ ھەقتە بىر فاكس تاپشۇرۇپ ئالغان. ئۇ فاكس مەزمۇنلىرىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى ئۇلانباي تۈرمىسىدە قىيناپ ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۆلتۈرۈلگەنلەر سانى جەمئىي 196 نەپەرگە يېتىدىكەن.
دۇنيا ھونلار قۇرۇلتىيىنىڭ مەدەنىيەت پائالىيىتى ئاياغلاشتى
يېقىندا ۋېنگرىيە پايتەختى بۇداپېشت شەھىرىدە دۇنيا ھونلار مەدەنىيەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. پائالىيەتكە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 5 كىشىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكىنى ئەۋەتىپ قاتناشتۇرغان.پائالىيەت جەريانىدا ئۇيغۇرلارنى قوللاش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىپ، 60 مىڭدىن ئارتۇق ئىمزا توپلانغان.
پائالىيەتكە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەتقىقات مەركىزىنىڭ رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندىمۇ قاتناشقان. ئۇ بۇ ھەقتە توختالدى.
ئۇيغۇر بىز' تور بېكىتىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى ھەر خىل قىسمەتلەرگە دۇچار بولماقتا
مەلۇم بولۇشىچە، "ئۇيغۇر بىز" تور بېكىتىنىڭ بەزى باشقۇرغۇچىلىرى يوقاپ كەتكەن، بەزىلىرى نەزەر بەند ئاستىغا ئېلىنغان.بۇلارنىڭ بىرى خىتاي مەركىزى رادىئو ئىستانسىسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇخبىرى مۇھەممەتجان ئابدۇللا بولۇپ، ئۇنى 7 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ساقچىلار ئېلىپ كەتكەندىن بېرى ئىز - دېرىكى بولمىغان.
ئىلھام توختى رادىئومىزغا بەرگەن بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىدا، "ئۇنىڭ 7 - ئاينىڭ 12 - كۈنىدىن 14 - كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا باشقىلار تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەندىن بېرى قايتىپ كەلمىگەنلىكى"نى بىلدۈردى.
مۇھەممەتجان ئابدۇللا يەنە ئىلھام توختى باشقۇرۇشىدىكى "ئۇيغۇر بىز" تور بېكىتى بىلەن "سەلكىن" تور بېكىتىنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئىدى.
"ئۇيغۇر بىز" تور بېكىتىنىڭ نەزەربەند ئاستىدىكى يەنە بىر تور باشقۇرغۇچىسى تۇرغۇن ئابلىز بولۇپ، ئۇ ئۆيىدە نەزەربەند ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. ئۇ، چارشەنبە كۈنى رادىئومىز مۇخبىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.
تۇرغۇن ئابلىز ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تەرجىمە باشقارمىسىنىڭ خىزمەتچىسى بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى "ئاسىيا كىندىكى" گېزىتىدە ئىشلەيتتى. دائىرىلەر ئۇنى بۇ يىل 5 - ئايدا بىر قېتىم تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭ كومپيۇتېرىنى مۇسادىرە قىلغان.
ئىلھام توختى، "ئۇيغۇر بىز" تور بېكىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى سەۋەبى "شىنجاڭ" دائىرىلىرىنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغانلار ئارىسىدا يەنە، غەيرەت نىيازنىڭ بارلىقىنى، ئۇنىڭ 3 - ئايدا "شىنجاڭ ئىقتىسادى" گېزىتىدىكى مەسئۇل مۇھەررىرلىك ۋەزىپىسىدىن توختىتىلىپ، مەجبۇرىي پېنسىيىگە چىقىرىلغانلىقىنى، لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي پېنسىيە پۇلىنىڭ توختىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىستانبۇلدا خەلقئارالىق 'ئۇرال - ئالتاي تىللىرى قەلەمكەشلەر بىرلىكى' يىغىنى باشلاندى
25- ئاۋغۇست، خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىگە ئەزا ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى بىلەن تۈركىيە قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان، "ئۇرال - ئالتاي تىللىرى قەلەمكەشلەر بىرلىكى" يىغىنى رەسمىي باشلاندى. يىغىن ئىستانبۇلدىكى ئوسمان ئابىدىسى مېھمانخانىسىنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.يىغىنغا، كانادا، ئاۋسترالىيە، شۋېتسىيە، گوللاندىيە، فىنلاندىيە، ئەزەربەيجان، تاتارىستان، موڭغۇلىيە قاتارلىق 43 دۆلەتلەردىكى قەلەمكەشلەر مەركەزلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى.
يىغىنغا ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر مەركىزىنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىدە ياشايدىغان ئەزالىرىدىن 15 تىن ئارتۇق ۋەكىلى ئىشتىراك قىلدى.
يىغىننىڭ ئۈچىنچى كۈنى، يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر مەركىزىنىڭ يېڭى ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىكىنى بەلگىلەش ئۈچۈن سايلام ئېلىپ باردى.
سايلام ئاخىرىدا، قەلەمكەشلەر مەركىزىنىڭ سابىق باش كاتىپى قەيسەر ئۆزھۇن ئەپەندى كۆپ ئاۋاز بىلەن رەئىسلىككە، قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئەدەبىياتشۇناس دوكتۇر خەمىت ھەمرايۇف باش كاتىپلىققا سايلاندى. قەيسەر ئۆزھۇن ئەپەندى ئۆزىنىڭ ۋەزىپە تاپشۇرۇلغاندىن كېيىنكى ئېلىپ بارماقچى بولغان پىلانلىرى ھەققىدە سۆز قىلدى.
ئالىم، شۆھرەت مۇتەللىپوفنىڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسى
ئامېرىكىدىكى ئالىملار مايمۇنلارنىڭ گېنى ئۈستىدە تەجرىبە ئېلىپ بېرىپ، ئىرسىيەت كېسىلى بار بىر ئانا مايمۇن ۋە بىر ساغلام ئانا مايمۇندىن ئايرىۋالغان گېن ماتېرىيالىدىن ساغلام مايمۇنلارنى پەيدا قىلدى.مەزكۇر تەتقىقات نەتىجىسى ئامېرىكا ئورېگان شىتاتى سەھىيە ۋە تەبىئىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئۇيغۇر ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپوف باشچىلىقىدىكى بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن بايقالغان.
ئالىملار، بۇ ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىسى ئادەملەرگە تەتبىقلانسا ئىرسىيەت خاراكتېرلىك كېسىلى بار ئاياللارغا ساغلام بالا تۇغۇش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىدۇ، دەپ قارىماقتا.
ھالبۇكى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ تەتقىقات نەتىجىسى قانۇنى، ئەخلاقىي ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە ئائىت بەزى سوئاللارنى پەيدا قىلغان.
شۆھرەت مۇتەللىپوف يېتەكچىلىكىدىكى گېن تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ ئىلمىي تەجرىبە نەتىجىسى ئەنگىلىيىدىكى "تەبىئەت" ئىلمىي ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى.