تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قەشقەرنى زىيارەت قىلدى
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇدئوغلۇ پەيشەنبە كۈنى قەشقەردە زىيارەتتە بولدى. ئۇ قەشقەردىكى زىيارىتى داۋامىدا تۈركىيىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: "تۈركىيە بىر قولىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىنى قوغدايدۇ، يەنە بىر قولىدا خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى داۋام قىلىدۇ. بىز خىتاي بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىش بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغىمۇ ياردەم قولىمىزنى سۇنىمىز."
مەلۇم بولۇشىچە، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇدئوغلۇ ھەمراھلىرى بىلەن بىللە قەشقەردىكى مەخمۇت قەشقىرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپ مەقبەرىسىنى زىيارەت قىلغان. ئاناتولىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرىدا ئەخمەت داۋۇدئوغلۇنىڭ بۇ زىيارەتتىن ئىنتايىن ھاياجانلانغانلىقىنى ۋە "بىز ھازىر ئەجدادلىرىمىزنىڭ ماكانلىرىنى زىيارەت قىلماقتىمىز" دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
ئەخمەت داۋۇدئوغلۇ ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلغان تۇنجى تۈرك تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ، ئۇ، بۇ زىيارىتىنىڭ سىمۋوللۇق ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
نورۋېگىيىدىكى ئۇيغۇرلار ب د ت كۈنىنى خاتىرىلىدى
24 - ئۆكتەبىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغان كۈن. بۇ كۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھەر خىل شەكىلدە تەبرىكلىنىدۇ. نورۋېگىيىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ 24 - ئۆكتەبىر ب د ت كۈنىنى خاتىرىلىدى.
نورۋېگىيىدىكى ب د ت كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى گجۆۋىك كوممۇنا ۋە قىزىل كرېست جەمئىيىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان.
نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى پەرھات ياقۇپ ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ يىللىق خاتىرىلەش پائالىيىتىگە نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن گجۆۋىك ۋە ئوسلو شەھىرى قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن ئۇيغۇر قېرىنداشلارمۇ قاتناشقان.
پائالىيەتكە يەنە، ئۇيغۇرلاردىن باشقا ئافرىقا، بىرما ۋە ئافغانىستاندىن كەلگەن كىشىلەرمۇ قاتناشقان بولۇپ ئېزىلىۋاتقان مىللەتلەرنى تونۇشتۇرۇش پائالىيەتنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى قىلىنغان.
بۇ قېتىمقى ب د ت كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەردىن بولۇپ، ئىككى يۈزگە يېقىن ئادەم قاتناشقان. پائالىيەت دوستلۇق، ئىناقلىق ۋە ئۇيغۇرلارغا ياڭرىتىلغان ئالقىشلار ئىچىدە غەلىبىلىك تاماملاندى.
قەشقەر تەۋەسىدە "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"گە چېتىشلىق ھەر قانداق ئادەمنىڭ سىرتقا چىقىشى چەكلەندى
قەشقەر تەۋەسىدە 2009 - يىلىدىكى "5 - ئىيۇل ۋەقەسىگە چېتىشلىقى بار" دەپ قارالغان ھەر قانداق ئادەمنىڭ سىرتقا چىقىشى چەكلەنگەن. خوڭكوڭدا چىقىدىغان "سۇمرۇغ" قانىلىنىڭ تور بېتىدە بېرىلگەن خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، بۇ خىلدىكى سىياسەت قەشقەر شەھىرى قوغان يېزىسىدا كەسكىن يولغا قويۇلغان.
خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، مەزكۇر يېزا جانباز كەنتى ئامانلىق ساقلاش تارماق ئەترىتىنىڭ باشلىقى ۋۇ جىگې مۇنداق دېگەن: " ئۆتكەن يىلى قالايمىقانچىلىق تېرىغانلارنىڭ يېزىدىن چىقىشىغا يول قويۇلمايلا قالماي، ئۇلارنىڭ سىرتقا چىقىپ، ئىش قىلىشىغا ئەسلا رۇخسەت قىلىنمايدۇ."
ۋۇ جىگېنىڭ بىلدۈرۈشىچە، "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" دىن كېيىن، مەزكۇر يېزىدا ئۈچ دەرىجىلىك مۇداپىئە ئەترىتى قۇرۇلغان. ئۇلار ئادەتتە مەھەللىگە سىرتتىن كەلگەن ئادەملەرنى سۈرۈشتۈرۈش ۋە تىزىمغا ئېلىش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەندىن باشقا، "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" دىن كېيىن ئۈرۈمچىدىن يۇرتىغا قايتۇرۇلغان ئادەملەرنىڭ كۈندىلىك پائالىيەتلىرىنى ئىز قوغلاپ كۆزىتىپ تۇرىدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن، بۇنداق سىياسەتلەرنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى رەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى.
ھۆكۈمەت دائىرىلىرى مارالبېشى دېھقانلىرىنىڭ تەلىپىنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى
ئۆتكەن ھەپتە مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ سېرىقبۇيا بازىرىدىكى 50 دىن ئارتۇق دېھقان، قەشقەر ۋىلايەتلىك ۋالىي مەھكىمىسىگە بېرىپ كوللېكتىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن. ئۇلار نارازىلىقىنى ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ قورۇسىغا توپلىشىپ، جىم ئولتۇرۇۋېلىش شەكلىدە ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇ نارازىلىق دائىرىلەرنىڭ ۋە شەھەر خەلقىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتقان ئىدى.
مارالبېشى ناھىيىسى ۋە سېرىقبۇيا بازىرىدىكى ئالاقىدار دائىرىلەردىن ئىگىلىشىمىزچە، دائىرىلەر دېھقانلارنىڭ تەلىپىنى ئورۇنلۇق دەپ قارايدىغانلىقى، مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن بۇ ھەقتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىگىلىشىمىزچە، سېرىقبۇيا بازارلىق پارتكوم ۋە ھۆكۈمىتى مەسىلىنى ھەل قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ئەگەر بۇ دېھقانلارنىڭ تەلەپلىرىنى ئورۇندىسا، ئۇ چاغدا باشقا جايلاردىكى دېھقانلارنىڭمۇ ھەق تەلەپ قىلىپ، ئوتتۇرىغا چۈشىدىغانلىقى، بۇنىڭ بىلەن مەسىلىنىڭ چوڭىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىدىكەن.
ئىگىلەشلىرىمىزدىن قارىغاندا، ناھىيىلىك ھۆكۈمەتمۇ، نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.
خىتاي ساقچى دائىرىلىرى ئۈرۈمچىدە پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلار قوشۇنى قۇرغان
خىتاي ساقچى دائىرىلىرى ئۈرۈمچىدە پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلار قوشۇنى قۇرۇپ، بۇ يىل 18 - ئۆكتەبىردىن باشلاپ كوچىدا چارلاشقا ئورۇنلاشتۇرغان. بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" دىن كېيىن ئالغان ئەڭ يېڭى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ بىرى دەپ قارالماقتا.
ئۈرۈمچىدىكى مۇناسىۋەتلىك ساقچى دائىرىلىرىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزغا قارىغاندا، پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلارغا يەنە ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدىكى سىياسەتكە قارشى سۆز - چۆچەك ۋە ئىش - ھەرىكەتلەر ئۈستىدىن پايلاقچىلىق قىلىش ۋەزىپىسىمۇ بېرىلگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ قارىشىچە، پۇقراچە كىيىنگەن ساقچى قوشۇنلىرىنىڭ كېڭەيتىلىشى، ئۇيغۇر ئېلىدە قانۇنسىز ئادەم تۇتۇش قىلمىشلىرىنى يەنىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىكەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ليۇداۋان ساقچى ئەترىتىنىڭ سابىق ئالاھىدە ساقچىسى، ھازىر شۋېتسارىيىدىن پاناھلىق تىلىگەن نىجات ئابدۇرېھىم، پۇقراچە كېيىنگە ساقچى قوشۇنىدىكى ئۇيغۇرلارنى ۋىجدانىي ئازاب تارتقاندىن كۆرە، خىزمىتىدىن دەرھال ئىستېپا بېرىشكە دەۋەت قىلدى.
'يېڭىساردا دېھقان بولماق تەس' شېئىرىنىڭ ئاپتورىغا كەلگەن جازالار
يېڭىسار ناھىيىسىدىكى ئەرزدار ھېكىم سېيىت، ئەسلىدە بىر خەلق قوشاقچىسى ۋە سازەندە. ئۇ ئۆتكەن يىلى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا ئەرزنامە يېزىش بىلەن بىرلىكتە، "يېڭىساردا دېھقان بولماق تەس" ناملىق شېئىرنى يېزىپ، جەمئىيەتكە تارقاتقان بولۇپ، ئۇ شېئىرىدا خىتاينىڭ دېھقانلارغا قاراتقان سىياسەتلەرنى تەنقىد قىلغان ئىدى.
ھېكىم سېيىت، يازغان بۇ شېئىرى سەۋەبىدىنمۇ يەنە بىر قاتار جازالارغا تارتىلغان. يېڭىسار دائىرىلىرى ئۇنىڭ توي - تۆكۈنلەردە ساز چېلىشىنى چەكلىگەن. بۇنىڭ بىلەن ھېكىم سېيىت ئۆزىنىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادىي كىرىم مەنبەسىدىن ئايرىلىپ قالغان.
يېڭىسار ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ھېكىم سىيىتنى تويغا چاقىرماسلىق ھەققىدە ئاممىنى ئاگاھلاندۇرغان. بۇ يىل ئىچىدە خىتاي ساقچىلىرى ئۇنى بىر نەچچە قېتىم توي سورۇنلىرىدىن ئېلىپ كەتكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ھېكىم سېيىت نۆۋەتتە يېڭىسارنىڭ قىشلاقلىرىدىكى قىرغىز چارۋىچىلارنىڭ تويلىرىدا ساز چېلىپ، تىرىكچىلىكىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى گېرمانىيىدە ئۆتكۈزۈلدى
"دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خەلقئارالىق دوستلۇق، ھەمكارلىق ۋە قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى"2010 - يىلى 10 - ئاينىڭ 22 - كۈنى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. ئۇچرىشىشنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياشلار كومىتېتى تەشكىللىگەن بولۇپ، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى ۋە گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتى تەشكىللەش خىزمىتىگە يېقىندىن ھەمكارلاشقان.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ئامېرىكا خەلقئارا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىدىن لۇئىسا خانىم، د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان، د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا، د ئۇ ق نىڭ ياۋروپا پارلامېنتىغا ئائىت ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى مەمەت توختى ۋە گېرمانىيىدىكى كۆپلىگەن جامائەت قاتناشتى.
بۇ پائالىيەتنى تەشكىللىگەن د ئۇ ق ياشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى غەيۇر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشقا 9 دۆلەتتىن كەلگەن 40 قا يېقىن ياشلار ۋەكىلى كېلىپ قاتناشقان. ئۇ بۇ يىغىننىڭ دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ كەلگۈسىدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى قولغا ئېلىشىغا ئۇل سالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.