گوللاندىيە شىمالىي ياۋروپاغا جايلاشقان كىچىك بىر دۆلەت بولسىمۇ، ئىلتىجاچى ئۇيغۇرلارغا پاناھلىق بېرىپ كەلمەكتە. ئۇيغۇرلارمۇ گوللاندىيەدىكى ئون نەچچە يىللىق مۇھاجىرلىق مۇساپىسىدە ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ھالال ياشاش ئۈچۈن تىرىشماقتا.
ئوقۇش، چۈشىنىش، ماسلىشىش ۋە ھالال تەرىگە تايىنىپ ئۆز خاسلىقى بىلەن ياشاش باسقۇچلىرىنى تاماملىغان ئۇيغۇرلار مانا ئەمدىلىكتە، مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلەشنىڭ يوللىرىغا قەدەم باسماقتا. جۈملىدىن گوللاندىيىنىڭ ھاردىرۋەيك شەھىرىدىكى ساياھەت مەركىزىگە جايلاشقان «يىپەك يولى رېستورانى» ئەنە شۇنداق بىر ئۇيغۇرنىڭ تەۋەككۈلچىلىك روھىنى ئىزھار قىلماقتا. بۇ يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ مۇلازىمەت باشلىغان مەزكۇر رېستوران ياۋروپالىق خېرىدارلىرىغا ئۇيغۇر تائاملىرىنى ئۆزگىچە بىر ئۇسلۇبتا سۇنماقتا.
ئۇ سۆزىدە، يىللاردىن بېرى مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلەش يولىدا چەككەن رىيازەتلىرى؛ سىياسىي ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ بەلگىلىك مۇناسىۋەت شەكىللەندۈرگەنلىكى؛ تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بۇ رېستوراننى مۇستەقىل ئاچقانلىقى؛ شۇندىن بۇيان بىر يىلغا يېقىن مۇساپىسىدىن خۇلاسىگە كېلىپ، كەسپىي جەھەتتىكى ئورتاقلىقى بولغان ۋەتەنداشلىرى بىلەن ئۆزگىچە بىر ئۇسلۇبتا بازار ئېچىشقا بەل باغلىغانلىقى قاتارلىقلارنى بىلدۈردى.
16 يىلدىن بېرى گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان ئالىمجان ئەپەندى ئائىلە ئەزالىرى بىلەن مەخسۇس تورت ياساش سېتىش كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرغان بولۇپ، «يىپەك يولى رېستورانى» نىڭ ئەتىگەنلىك ناشتىلىق سودىسىنى ماڭدۇرۇشقا كېلىشكەن. ئۇ ئانا تىلىنى سۆيىدىغانلىقىنى؛ ئانا تىلىدا سۆھبەتلىشىۋالسا خۇشال بولىدىغانلىقىنى، ئائىلە ئەزالىرى ئارىسىدا رۇسچە سۆزلىشىپ يىللاردىن بېرى ئانا تىلىدىن ئۇزاقلىشىپ قالغانلىقىنى، بۇ رېستوراندا ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى بىلەن بىرگە خىزمەت قىلىدىغانلىقىدىن خۇرسەن بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

زىيارىتىمىز داۋامىدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىنكاس قايتۇرغان گوللاندىيىلىك بىر خانىم ئۆزىنىڭ بۇ رېستورانغا ئېچىلغاندىن بېرى داۋاملىق دېگۈدەك كېلىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ مەززىلىك تەمىگە، ئۇيغۇر مۇزىكىلىرىنىڭ نەپىس ۋە موللىقىغا، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ، ئۆرپ - ئادەتلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىگە مەپتۇن بولۇپ قالغانلىقىنى زوق - شوق بىلەن سۆزلەپ بەردى.
مەزكۇر رېستوراننى ماڭدۇرۇۋاتقان غەيرەتجان روزى ئەپەندى گوللاندىيەدىكى تارىخى بىرقەدەر ئۇزۇن، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ساھەلەردىكى ئاكتىپچانلىقى ئالاھىدە، ئانا ۋەتىنىدىن تارتىپ ئىگىلىك تىكلەش يولىدا تەجرىبە ئىگىلىگەن، گوللاندىيىگە كەلگەندىن بۇيان ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ كېلىۋاتقان ياشلارنىڭ بىرى. ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ مەزكۇر رېستوراننى ئاچقاندىن كېيىنكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى.

گوللاندىيەلىك كارولىن خانىم ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ گوللاندىيە ۋە ياۋروپا بازارلىرىدىكى تەرەققىياتى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ: ئۇيغۇر تائاملىرى ناھايىتى يېيىشلىككەن. تاماقتىكى ماينىڭ مىقدارىغا دىققەت قىلسىلا، بۇ يەردە بازار تېپىشىدا گەپ يوق. ئەمما، كىشىلەرنىڭ كۆپى تېخى ئۇيغۇر تائاملىرى بىلەن تونۇشمىدى، بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ سەبرە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. لېكىن مەن، ئۇيغۇر تائاملىرى، مەدەنىيىتى، كىيىم - كېچەك، مۇزىكا چالغۇلىرى ۋە ئۇلارنىڭ مېھماندوستلۇقىغا راستىنىلا قايىل بولدۇم، دېدى.