ئۇيغۇر ئېلىدە گۆش باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە نېمىلەر سەۋەب بولماقتا؟

0:00 / 0:00

ئادەملەر ئۈچ ۋاق تاماقتىن ئايرىلالمايدۇ، گۆشلۈك تائاملار بولسا ئۇيغۇرلار داستىخىنىدىكى ئاساسلىق يېمەكلىك، مەلۇمكى ئۇيغۇرلار ئىستېمال قىلىدىغان يەرلىك كالا ۋە قوي گۆشلىرى باھاسى 2008-يىلدىن بۇيان،ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يىلدا 10 يۈەندىن ئۆرلەپ ماڭدى. بۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە گۆش مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىلىدىغان بارلىق يېمەكلىكلەرنىڭ باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. گۆش باھاسىنىڭ پەۋقۇلئاددە يۇقىرى بولغانلىقى سەۋەبلىك نۇرغۇن ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ داستىخىنى گۆشسىز قالماقتا، قاسساپلار كەسپىنى تاشلىماقتا، چىقىمىنى كۆتۈرەلمىگەن ئاشخانىلار تاقالماقتا.

ئۇنداقتا، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش چىقىمى، كۈندىلىك يېمەك ئىستېمال سەۋىيىسى، ئاشخانا مۇلازىمەت كەسپى قاتارلىقلار بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولغان گۆش مەھسۇلاتلىرى باھاسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆرلىشىگە نېمىلەر سەۋەب بولماقتا؟ بۇ سوئالغا ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم يەرلىك گۆش مەھسۇلاتلىرى شىركىتىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر مەسئۇلى جاۋاب بەردى. ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئېلىپ بارغان، يەرلىك گۆش مەھسۇلاتلىرى باھاسىنىڭ ئۆرلەش سەۋەبلىرى ھەققىدىكى سۆھبىتىگە دىققەت قىلغانسىلەر.