خىتاي ئەمەلدارى جۇ يۇڭكاڭنىڭ چىرىكلىك دېلوسى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2014.03.31
zhou-yongkang-ju-yongkang.jpg خىتاي سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق باشلىقى جۇ يۇڭكاڭ خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىدا. 2012-يىلى 5-مارت، بېيجىڭ.
AFP

خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، جۇ يۇڭكاڭنىڭ چىرىكلىك دېلوسىغا چېتىلغۇچىلارنىڭ سانى 300 دىن ئاشقان. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە جۇ يۇڭكاڭنىڭ مۇسادىرە قىلىنغان بايلىقىنىڭ خىتاي خەلق پۇلىغا 90 مىليارد سوم ئىكەنلىكى ئاشكارىلىنىپ، جۇ يۇڭكاڭ دېلوسىنىڭ نۆۋەتتە خىتايدا ئاشكارىلانغان ئەڭ چوڭ چىرىكلىك دېلوسى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 30-مارت كۈنىدىكى خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ چىرىكلىك دېلوسى دەپ قارىلىۋاتقان خىتاي كومپارتىيىسى سىياسىي بيۇروسىنىڭ سابىق دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، خىتاي سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق باشلىقى جۇ يۇڭكاڭ ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ مۇسادىرە قىلىنغان بايلىقى خەلق پۇلىغا 90 مىليارد سوم بولۇپ،، ئامېرىكا دوللىرىغا سۇندۇرغاندا، 14 مىليارد 500 مىليون دوللار قىممىتىگە توغرا كەلگەن.

يەكشەنبە كۈنى رويتېرس ئاگېنتلىقى ئارقىلىق ئاشكارىلانغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ چىرىكلىك دېلوسىغا ئائىت بۇ خەۋەر، ئىككى كۈندىن بۇيان خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى.

چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ خەۋەر مەنبەلىرىدىن يېڭى تاڭ تېلېۋىزىيىسىنىڭ ئوبزورچىسى شى تاۋ 31-مارتتىكى پروگراممىسىدا جۇ يۇڭكاڭنىڭ چىرىكلىك دېلوسى ھەققىدىكى خەۋەر ھەققىدە توختىلىپ،:«جۇ يۇڭكاڭنىڭ چىرىكلىك دېلوسىغا چېتىلىپ ئاشكارىلانغان 90 مىليارد سوم گەرچە خىتاي ئەمەلدارلارنىڭ چىرىكلىك دېلوسى تارىخىدا بۈگۈنگە قەدەر ئاشكارىلانغان ئەڭ زور پۇل بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتە بۇ پارىخورلۇق ۋە خىيانەتچىلىكنى كەسىپ قىلغان خىتاي ئەمەلدارلىرى قانۇنسىز توپلىغان بايلىقنىڭ بىر بۇرجىكى» دېيىلدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، «جۇ يۇڭكاڭنىڭ تەكشۈرگۈچىلەر بىلەن ھەمكارلىشىشنى رەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ سىياسىي زەربىگە ئۇچرىغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇۋالغان» لىقى تىلغا ئېلىنغان.

شى تاۋ ئوبزور پروگراممىسىدا بۇ ھەقتە توختىلىپ،«خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ چىرىكلىشىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىش ئارقىلىق ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەپ كېلىۋاتقان بىر پارتىيىلىك مۇستەبىت ھۆكۈمەت. چۈنكى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى 60 يىلدىن بۇيان ئۆزىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى جۇ يۇڭكاڭغا ئوخشاش خىيانەتچى ئەمەلدارلارنىڭ پارىخورلۇق ۋە خىيانەتچىلىك ئارقىلىق بايلىق توپلىشىغا پۇرسەت بېرىش ئارقىلىق قوغداپ كەلدى. خىتاي سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق باشلىقى جۇ يۇڭكاڭ ۋە ئۇنىڭ يېقىنلىرى پەقەت ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى تەلىيى تەتۈر كېلىپ، خىتاي ئەمەلدارلار سورۇنىدىكى ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي كۈرەشنىڭ قۇربانلىرى خالاس!» دېدى.

خىتاي دېموكراتلىرى تور بېكەتلىرىدىن بوشۈن تورىنىڭ دۈشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدە، جۇ يۇڭكاڭنىڭ 2-ئوغلى جۇ خەننىڭ يېقىندا ئامېرىكىغا يېتىپ كەلگەنلىكى تىلغا ئېلىنىپ،«ئانىسىنىڭ گۇمانلىق ئۆلۈمى سەۋەبلىك دادىسى جۇ يۇڭكاڭ بىلەن چەك-چېگرانى ئايرىغان جۇ خەننىڭ جۇ يۇڭكاڭ دېلوسىغا چېتىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرىگەنلىكى ئۈچۈن ئامېرىكىغا قېچىپ كەلگەن» لىكى تەكىتلەندى. جۇ يۇڭكاڭ دېلوسىغا ئائىت تارقالغان خەۋەرلەردە يەنە «جۇ يۇڭكاڭنىڭ ئىلگىرىكى ئايالىنىڭ قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلىقى بايان قىلىنىپ، جۇ يۇڭكاڭنىڭ ئۆز ئايالىنى قەستلەپ ئۆلتۈرگەن بولۇشى مۇمكىنلىكى» ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

تەيۋەن ۋە خوڭكوڭ مەتبۇئاتلىرى بۇلتۇر 12-ئاينىڭ بېشىدا جۇ يۇڭكاڭنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەرگەندىن بۇيان، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى جۇ يۇڭكاڭنى رەسمىي قولغا ئالغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما جۇ يۇڭكاڭنىڭ ئائىلە ئەزالىرى، تۇغقانلىرى، دوستلىرى ۋە شېرىكلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقالغان ئىدى.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇلتۇر 9-ئايدىن بۇيان خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى مەخسۇس جۇ يۇڭكاڭنىڭ چىرىكلىك دېلوسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرغان. ئۇندىن باشقا بۇلتۇر 12-ئاينىڭ بېشىدا تەيۋەن ۋە خوڭكوڭ مەتبۇئاتلىرىدا جۇ يۇڭكاڭ ۋە ئۇنىڭ ئايالىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر تارقالغان. ئەمما خىتاينىڭ بۇلتۇردىن بۇيانقى ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە جۇ يۇڭكاڭنىڭ نېفىت ساھەسىدىكى چىرىكلىك دېلوسىنى ئېنىقلاشقا ماسلىشىۋاتقانلىقى ھەققىدە قىسقا خەۋەر بېرىلگەندىن باشقا، جۇ يۇڭكاڭ دېلوسى ھەققىدە بۈگۈنگە قەدەر ئېنىق مەلۇمات بېرىلمىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 30-مارتتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، جۇ يۇڭكاڭ ۋە ئۇنىڭ يېقىنلىرىنىڭ خىتاي ھەم چەتئەل بانكىلىرىغا ياتقۇزغان پۇللىرىنىڭ سانى خىتاي تارىخىدا ئاشكارىلانغان چىرىكلىك دېلولىرى ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان. مەلۇم بولۇشىچە، جۇ يۇڭكاڭنىڭ 300 ئورۇنغا جايلاشقان بىر مىليارد 700 مىليون يۈەن قىممىتىدىكى ئۆي مۈلكى، 60 دانە ئاپتوموبىلى شۇنىڭدەك زور مىقداردىكى ئالتۇن، كۈمۈش ۋە جۇڭگو ھەم چەتئەل نەق پۇللىرى ئاشكارىلىنىپ، مۇسادىرە قىلىنغان. بۈگۈنگە قەدەر جۇ يۇڭكاڭ دېلوسىغا چېتىلىپ تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ سانى 300 دىن ئاشقان بولۇپ، ھازىرغىچە جۇ يۇڭكاڭنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، يېقىنلىرىدىن 300 دىن ئارتۇق كىشى جۇ يۇڭكاڭ دېلوسىغا چېتىلىپ تەكشۈرۈلگەن ۋە ئۇلارنىڭ مال-مۈلۈكلىرى توڭلىتىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.