سەمى نىياز ئاكىنىڭ يېرىنى جۈنكۇن شىركىتى مەجبۇرىي تارتىۋالغاندىن كېيىنكى ئېغىر قىسمەتلەر

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2013.12.02
baykol-dehqan-yer-qoghdash.jpg بايكۆلدە ئېتىز بېشىدا يېرىنى قوغداپ ياتقان دېھقان تۇرسۇن تۇرغان. 2013-يىلى ئىيۇن. غۇلجا.
RFA

ئاتۇش شەھىرىنىڭ شورۇق كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق سەمى نىياز ئاكا يەردىن ئىبارەت ئالتۇن قوزۇقىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئېغىر قىسمەتلەرگە دۇچ كەلدى.

تېرىلغۇ يەر ۋە قورۇ-جايلىرى قوشۇلۇپ 25 مو كېلىدىغان يەر-مۈلۈك ئاران 8 مو ھېسابلىنىپ تۆۋەن باھادا مەجبۇرىي تارتىۋېلىنغان. ئىلگىرى ئاتا-بوۋىلىرىدىن مىراس قالغان باغ-ۋارانلىق چوڭ ئۆيلەردە ياشاپ كەلگەن سەمى نىياز ئاكىنىڭ ئائىلىسى ئاران 40 كۋادرات مېتىر كېلىدىغان تۆۋەن ئىجارىلىك ئۆيگە كۆچۈپ كىرىشكە مەجبۇر بولغان. يېرىدىن ئايرىلىشى بىلەنلا ئۇلارنىڭ پۈتكۈل ھاياتى ئۆزگەرگەن. نەچچە يىللاردىن بۇيان ئاتۇش شەھەرلىك ھۆكۈمەتتىن تارتىپ تاكى ئاپتونوم رايون ۋە مەركەزگىچە بولغان ئەرز-دەۋادىن ھېچقانداق نەتىجە چىقمىغان.

سەمى نىياز ئاكا رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ نۆۋەتتە ئۆزىنىڭ ئىنتايىن قىيىن ھالەتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى، قولىدا يەر خېتى ۋە باشقا بارلىق دەلىل ھۆججەتلىرى بار تۇرۇپمۇ دەۋاسىنى ھېچ يەرگە ئاڭلىتالمىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، 2010-يىلى ئۇ يەرلىك دائىرىلەرنىڭ يەر سېتىش قەغىزىگە ئىمزا قويۇشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن 10 كۈن قاماپ قويۇلغان. ئۇ قاماقتىن بوشاپ چىققۇچە خىتاينىڭ ئۆي-مۈلۈك شىركىتى تراكتورلار بىلەن كېلىپ ئۇنىڭ قورۇ-جايلىرىنى تۈرتۈپ تۈزلىۋەتكەن ۋە قۇرۇلۇش باشلىغان. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنىڭ ئائىلىسى ئۆي-ماكانسىز قالغان. سەمى نىياز ئاكىنىڭ يەردىن ئايرىلغان بالىلىرى قەشقەر شەھىرىگە كىرىپ تاكسىچىلىق ۋە كىراكەشلىك قىلىپ جان بېقىشقا مەجبۇر بولغان.

سەمى نىياز ئاكا زىيارىتىمىز جەريانىدا بۇ دەۋادىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى، تاكى گېپىنى ئاڭلايدىغان بىر ئادەم چىققۇچە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە «مۇمكىن بولسا بۇ ئەھۋالنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا ئاڭلىتىشنى خالايدىغانلىقى، قولىدا بارلىق دەلىل-ئىسپاتلار تولۇق تۇرۇپ ئۇۋالچىلىققا قالغانلىقىدەك بۇ رېئاللىقنى دۇنيا خەلقىمۇ بىلسە دەپ ئارزۇ قىلىدىغانلىقى» نى بايان قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، سەمى نىياز ئاكىنىڭ بۇ قىسمىتى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېرىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقان مىڭلىغان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ پەقەت بىرى ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.