تۈركىيە توي كىيىمى يەرمەنكىسىگە خىتاينىڭ قاتنىشىشىنى رۇخسەت قىلمىدى
2013.01.29

يەرمەنكىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ 20% ئى چەتئەل كارخانىلىرى بولۇپ، مۇخبىرلارغا يىراق شەرق دۆلەتلىرىنى، بولۇپمۇ خىتاي شىركەتلىرىنى بۇ يەرمەنكىگە قاتناشتۇرماسلىق ھەققىدە سۆزلىگەن توقۇمىچىلىق كارخانىلىرى جەمئىيىتى باشلىقى ئىلكەر قاراتاش ئەپەندى مۇنۇلارنى ئىلگىرى سۈرىدۇ:
«ئۆتمۈشتە تۈرك كارخانىلىرىنىڭ چەتئەلدىكى بۇ خىل يەرمەنكىلەرگە قاتنىشىشى ناھايىتى قىيىن ئىدى. تۈرك شىركەتلىرىنىڭ قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلمىغان يەرمەنكىلەرمۇ ئۆتكۈزۈلدى. بۈگۈنكى كۈندە خىتاي تۈركىيە ئۈچۈن پۇرسەتمۇ ياكى خەۋپمۇ، دېگەندە بۇ تېما تېخى مۇنازىرە ئۈستىدىدۇر. خىتاينى قاتناشتۇرماسلىقىمىز تولىمۇ تەبىئىي بىر ئەھۋال. بەزى خىتاي توي كىيىملىرى شىركەتلىرى ھازىردىن باشلاپ يەرمەنكىگە قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلماقتا. ئەمما بىز ئۇلارنى پەقەتلا مېھمان سۈپىتىدە قاتناشتۇرۇشىمىز مۇمكىن.»
توقۇمىچىلىق كارخانىلىرى جەمئىيىتى باشلىقى ئىلكەر قاراتاشنىڭ ئېيتىشىچە، تۈركىيە 2012-يىلى، جەمئىي 16.1 مىليارد دوللارلىق تەييار كىيىم ئېكسپورت قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ 750 مىليون دوللارلىق قىسمى توي كىيىمى ئىكەن. تۈركىيىنىڭ توقۇمىچىلىق سانائىتى، بولۇپمۇ، تەييار كىيىم سانائىتى كۆپ تەرەققىي قىلغان بولۇپ، 45 مىليارد دوللارلىق سودا سوممىسىغا ئىگە بولغان بۇ ساھەنىڭ تېخىچە ئەتراپلىق بىر يەرمەنكىسى بولۇپ باققىنى يوق.
2011-يىلى 5-ئايدا ئىستانبۇلدىكى CNR دا ئۆتكۈزۈلگەن ھەر خىل پەردە، داستىخان، يوتقان-كۆرپە تاشلىرى قاتارلىق ھەر خىل ياپقۇچلار يەرمەنكىسىگە قاتناشقان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ خوجايىنلىرى ئۇلارغا ئايرىلغان بۆلۈملەرنى ياقتۇرمىغانلىقى ئۈچۈن نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.
خىتاينىڭ بۇ خىل يەرمەنكىلەرگە قاتناشتۇرۇلماسلىقىدىكى سەۋەب نېمە؟ خىتاي تۈركىيە ئۈچۈن پۇرسەتمۇ ياكى رەقىبمۇ؟ تۈرك كارخانىچىلارنىڭ خىتايلارغا تۇتقان بۇ خىل پوزىتسىيىسى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتكە قانداق تەسىر كۆرسىتەر؟ دېگەندەك سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ پىكرىنى ئالدۇق.