تۈرك دۇنياسى ياش سودا-سانائەتچىلەر يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى كۈنتەرتىپكە كەلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2013.11.28
turk-dunyasi-yash-karxanichilar-yighini-1.JPG تۈرك دۇنياسى ياش سودا-سانائەتچىلەر يىغىنىدا خاتىرە سۈرەت. 2013-يىلى نويابىر، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

تۈرك دۇنياسى ياش كارخانىچىلار يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى كۈنتەرتىپكە كەلدى. 25-نويابىر كۈنىدىن 28-نويابىر كۈنىگىچە ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان بۇ يىغىندا تۈرك دۇنياسىدا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش توغرىسىدا قارار ماقۇللانغان.

تۈركىيە باش مىنىستىرلىقى تارمىقىدىكى تۈركىيە تاشقى تۈركلەر ۋە قېرىنداش مىللەتلەر ئىدارىسى بىلەن ئىستانبۇل كۈچۈكچەكمەچە رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمى، تۈرك دۇنياسى ياشلىرى بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىنغا 25 ئەتراپىدا ياۋرۇئاسيا دۆلىتىدىن كەلگەن 120 ياش سودا-سانائەت خادىمى قاتناشقان. يىغىن تۈرك دۇنياسى ياشلىرى بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئەكرەم ئابدۇللايېفنىڭ ئېچىلىش نۇتقى بىلەن باشلاندى. ئۇ ئېچىلىش نۇتقىدا تۈرك دۇنياسىدىكى ياش سودا-سانائەت خادىملىرىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى، بولۇپمۇ ساياھەت، بىناكارلىق، توقۇمىچىلىق ۋە يېمەك-ئىچمەك سانائىتىدە قانداق قىلىپ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ قارار ماقۇللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئەكرەم ئابدۇللايېف بۈيۈك پەيلاسوپ ئىسمائىل گاسپىرالى دېگەندەك، تۈرك دۇنياسىدا تىلدا، پىكىردە، ئىشتا بىرلىك شوئارىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

كېيىن يىغىنغا ساھىبخانىلىق قىلىۋاتقان ئىستانبۇل كۈچۈكچەكمەچە رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ تۈرك دۇنياسى ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سەمرا ئايدىن ئاۋشار خانىم ئېچىلىش نۇتقىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:
-بۈگۈنكى كۈندە شەرقىي تۈركىستاندا خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى داۋام قىلىۋاتسا، 30 يىلدىن بېرى قاراباغ مەسىلىسى ھەل بولماي كېلىۋاتسا، كەركۈكتە ھەر كۈن بومبا پارتلاشتا ئۆلۈۋاتقان كىشىلەرنى ھېچكىم كۆرمەيۋاتسا، تۈرك دۇنياسىدا كۆز يېشى بىلەن قان داۋاملىق ئېقىۋاتسا، بىز ئالدى بىلەن ئەينەككە قاراپ بىز نېمەلەرنى خاتا قىلىۋاتىمىز؟ دېگەن سوئالنى ئۆزىمىزدىن سورىشىمىز كېرەك.

ئۇ، تۈرك دۇنياسىدا ئىتتىپاقلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز دەيدىكەنمىز، قۇرۇق شوئارلار بىلەن ئەمەس، ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
-يەرشارىلىشىۋاتقان دۇنيادا دۇنيا سىياسىتىنى قائىدە بويىچە ئېلىپ بېرىشتىن باشقا چارىمىز يوق. تۈرك دۇنياسىدىكى كۆز يېشىنى ئېيتىۋېتىمىز دەيدىكەنمىز، ئۆز-ئارا ئىقتىسادى، تىجارى بىرلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆز ‏‏-ئارا ئالاقىنى، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك.

بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان تۈرك دۇنياسى ياشلىرى بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شەمسەتتىن كۇزەچى ئەپەندى يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
‏-ئالدىنقى كۈنى ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدۇق. تۈنۈگۈن ھەرقايسى ھەيئەتلەرنىڭ مەسئۇللىرى سۆز قىلدى. بۈگۈن ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ياش سودا-سانائەتچىلەر ئۇچرىشىشلار ئېلىپ باردى. ئەتە يىغىنىمىز ئاخىرلىشىدۇ.

ئۇ، تۈرك دۇنياسى ياشلىرى قۇرۇلتىيىنىڭ پائالىيەتلىرى ۋە بۇ يىغىندا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:
-بىز تۈرك دۇنياسى ياشلىرى بىرلىكى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن 1992-يىلىدىن بېرى 15 قېتىم قۇرۇلتاي، 12 قېتىم رەھبەرلەر يىغىنى ئۆتكۈزدۇق. بىز ھازىرغىچە تۈرك دۇنياسى ئاخباراتچىلار بىرلىكىنى، قازاقىستاندا ياش زىيالىيلار تەشكىلاتىنى قۇردۇق. بۇ يىل بولسا ياش سودا-سانائەتچىلەرنى بىر جايغا توپلايلى دەپ بۇ يىغىننى چاقىردۇق. بۇ يىغىنغا 25 تۈركىي مىللەتتىن ياش سودا-سانائەتچىلەر قاتناشتى. 120 ئەتراپىدا ۋەكىل قاتناشتى. بۇلارنىڭ كۆپى شىركەتلەرنىڭ مۇدىرلىرى ۋە كارخانا ئىگىلىرى.

ئۇ يىغىندا نۇقتىلىق ھالدا ئىككى تېما توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
-بۇ يىغىندا ئىككى مەسىلە نۇقتىلىق ھالدا مۇزاكىرە قىلىندى. بىرى، تۈرك دۇنياسى ياش سودا-سانائەتچىلەر بىرلىكى ئەزەربەيجاندا قۇرۇلسۇنمۇ ياكى تۈركىيەدىمۇ؟ ئىككىنچىسى، بىرلىكنىڭ نىزامنامىسى توغرىسىدا ئەتراپلىق مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق. مۇزاكىرە ئارقىلىق 15 كىشىدىن تەركىب تاپقان ۋاقىتلىق باشقۇرۇش ھەيئىتىنى سايلاپ چىقتۇق. بۇلار 6 ئاي ئىچىدە تۈرك دۇنياسى ياش سودا-سانائەتچىلەر بىرلىكىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. قىسقىسى بۇ يىغىندا كۈتكەن مەقسىتىمىزگە يەتتۇق.

دوكتور شەمسەتتىن كۇزەچى ئەپەندى بۇ يىغىنغا شەرقىي تۈركىستاندىن باشقا پۈتۈن دۇنيادىكى تۈركىي مىللەتلەردىن سودا-سانائەتچىلەرنىڭ قاتناشقانلىقىنى، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بۇ تەشكىلاتقا ئەزا بولۇش ھوقۇقى بارلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
‏-ئىراقتىكى تۈركمەنلەردىن 3 شىركەت، ئافغانىستان، كوسوۋا، ئەزەربەيجان ۋە ئىراندىن بولۇپ نۇرغۇن كارخانىچىلار قاتناشتى. ئەپسۇسكى ئۇيغۇرلاردىن كېلەلمىدى. ئەمما خالىغان ئۇيغۇر كارخانىچىلار بۇ تەشكىلاتقا ئەزا بولالايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.