ئۇيغۇر ھەيئىتى قەيسەرى سانائەتچىلەر بىرلىكى رەئىسىنى زىيارەت قىلدى
2016.12.28

تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا رايونىغا جايلاشقان قەيسەرى ۋىلايىتى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان يەرلەردىن بىرى بولۇپ، 1965-يىلى كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلارغا 2014-2015-يىللىرى مالايشىيا ۋە تايلاند ئارقىلىق كەلگەن ئۇيغۇرلار قوشۇلۇپ، قەيسەرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى كۆزگە كۆرۈنەرلىك ھالدا كۆپەيدى. ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ قىيىنچىلىقلىرىمۇ كۆپىيىشكە باشلىدى. قەيسەرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك، باش كاتىپ ئابلىكىم سەلچۇق باشچىلىقىدىكى ھەيئەت 12-ئاينىڭ 27-كۈنى قەيسەرى سانائەتچىلەر بىرلىكى رەئىسى مەمەت بۈيۈك سىمىتچى ئەپەندىنى ئىشخانىسىدا زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ يېڭى سايلىنىپ ۋەزىپىسىنى باشلىغانلىقىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرلىكتە، يېڭى كەلگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خىزمەت تېپىش مەسىلىسى توغرىسىدىكى ياردەم تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئومۇمى ۋەزىيىتى توغرىسىدىمۇ مەلۇمات بەرگەن.
بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن تەشكىلات رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك، ھەيئەت ئىچىدە ئورۇن ئالغان تەشكىلاتنىڭ باشقۇرۇش ھەيئىتى ئەزاسى ئابدۇغېنى بېكىن ئەپەندى، شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئارقىلىق قەيسەرىگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئەنىۋەر ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى قەيسەرى سانائەتچىلەر بىرلىكى رەئىسى بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىنىڭ ياخشى ئۆتكەنلىكىنى، مەمەت بۈيۈك سىمىتچى ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر ھەيئەتنى قىزغىن كۈتۈۋالغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ، بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا قەيسەرى سانائەتچىلەر بىرلىكى رەئىسىگە ئۇيغۇرلارنىڭ بەزى تەلەپلىرىنى يەتكۈزگەنلىكىنى ئېيتتى.
سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى قەيسەرىنىڭ تۈركىيە ئىقتىسادىدا مۇھىم ئورنى بارلىقىنى، بۇ خىل ئۇچرىشىشلارنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىگە ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشقۇرۇش ھەيئىتى ئەزاسى ئابدۇغېنى بېكىن ئەپەندى، قەيسەرى سانائەتچىلەر بىرلىكى رەئىسى مەمەت سىمىتچى ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تەلىپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ياردەم بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.
ھازىر قەيسەرىدە شوپۇرلۇق قىلىۋاتقان ئەنىۋەر ئەپەندىمۇ مەزكۇر ئۇچرىشىشقا ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، قەيسەرى سانائەتچىلەر بىرلىكى رەئىسى مەمەت بۈيۈك سىمىتچى ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىمەن دەپ ۋەدە بەرگەن.
بەزى مۇتەخەسسىسلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن بېرى ئىقتىسادىي كۈچىگە تايىنىپ قەيسەرى ۋىلايىتى بىلەن تىجارىي مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىپ، قەيسەرىدىكى ئۇيغۇر دەۋاسىنى يوق قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بۇ مەسىلىنىمۇ مەمەت بۈيۈك سىمىتچى ئەپەندىگە دېگەنلىكىنى بايان قىلدى.
قەيسەرى 13-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ھازىرقى ئىچكى ئاناتولىيەدە قۇرۇلغان ئەراتنا ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ پايتەختى بولغان بولۇپ، ھازىرقى نوپۇسى 1.357.819 بولۇپ، ئۇيغۇرلار قەيسەرىنىڭ ئەخمەت يەسەۋى مەھەللىسى بىلەن قەيسەرى ساقچى ئىدارىسىنىڭ قورۇ جايىدا ياشىماقتا.